ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
بىز بىر قانچە كۈن ئالدىدا قۇتيار فونت قاچىلىغۇچىسىنىڭ يېڭى نەشرىگە ئۇچۇر تەمىنلەڭ دېگەن تېمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ناھايىتى كۆپ تورداشلار بۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ «قۇتيار فونت قاچىلىغۇچ» (تۆۋەندە «قۇتيار فونتلىغۇچ» دېيىلىدۇ) نىڭ سىناق ئىشلىرىغا قاتناشقانلارمۇ كۆپ بولدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
شۇنداق قىلىپ بىز Android يانفونلارنىڭ 4.0 نەشردىن باشلاپ 4.4.4 گىچە بولغان rom لىرىغا ماس كېلىدىغان ئۇيغۇرچە تونۇتقۇچنى 0 دىن باشلاپ ياساپ چىقىپ مۇۋاپپەقىيەت قازاندۇق. بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم root ھوقۇقى بولۇشى كېرەك.
ئەمدى root يوق ئەھۋالدا قانداق قىلىمىز. بىز بۇنىمۇ ئويلىشىپ ھەرقايسى يانفونلارنىڭ rom لىرىنى كۆزىتىپ چىقتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت samsung نىڭلا (باشقا يانفونلار قولىمىزدا بولمىغاچقا rom نىڭ ئىچىدىكى خەت نۇسخا ئىقتىدارىنى كۆرۈشكە ئامال قىلالمىدۇق، ناۋادا samsung دىن باشقا يانفونىڭىز بولۇپ root ھوقۇقى ئالالمىغان بولسىڭىز شۇ يانفونىڭىزنىڭ تەڭشەك رايونىغا كىرىپ خەت نۇسخا تەڭشىكى بارمۇ يوق قاراپ بېقىڭ. بار بولسا بۇنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.) خەت نۇسخا تەڭشىكى بولغاچقا سرتتىن خەت نۇسخىسىنى قوشۇشقا بولىدىكەن. شۇڭا بىز مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بۇ ئەپنى ياساپ چىقتۇق.
بۇ ئەپ ھازىرچە پەقەتلا samsung يانفونلىرىغا ماس كېلىدۇ يەنى root ھوقۇقى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن ئومۇميۈزلۈك ماس كېلىدۇ.
ئەپكە قوشۇلغان خەت نۇسخىسى ئەلكاتىپ ۋە ukij نىڭ خەت نۇسخىسىلىرى قوشۇلۇپ 80 نەچچە تالدىن ئاشىدۇ. ئۆزىڭىز قايسى خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئانداق بولسا كۆرۈنمە يۈزلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.
ئەمدى بۇنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
مۇنبەردىن چۈشۈرۈش
alkatipfont.apk
(1.08 MB) چۈشۈرۈش سانى: 901
سرتقى ئۇلانمىدىن چۈشۈرۈش
ساپ ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى بار ئىخچام نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
ئەلكاتىپ ۋە UKIJ نىڭ بىرلەشمە 80 نەچچە تال خەت نۇسخىلىرى بار سېمىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش
باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار سۇپىلىرىدا تەشۋىق قىلىپ قويىدىغانلار بولسا ياق دېمەيمىز
قۇتيار فونتلىغۇچنىڭ root ھوقۇقى بار ھەرقانداق يانفونلارغا ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: قۇتيار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئىشخانىسى
قۇتيار تور بېكتى
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى |