سىيىت نوچى زامانىمىزدا دىكى ئىنكاسلار: ../../siyit-nochi.html Wed, 14 Dec 2011 01:59:12 +0000 hourly 1 http://wordpress.org/?v=3.2.1 ئاپتور: قىسمەت ../../siyit-nochi.html#comment-3082 قىسمەت Sat, 03 Sep 2011 04:31:43 +0000 ../../?p=781#comment-3082 يۈرەكتىكى ئوت تېخى ئۆچكىنى يوق. ئاللا خالىسا ئۆزۈم قىلالمىسام، قىلالايدىغان باھادىرلارغا بولسىمۇ ھەمدەم بولىمەن. ئاپتور: ھونزادە ../../siyit-nochi.html#comment-3081 ھونزادە Sat, 03 Sep 2011 01:31:36 +0000 ../../?p=781#comment-3081 قىسمەت ئاكا ناھايتى ئۇلۇغ ئىشقا تۇتۇش قىلماق بۇلۇپتىكەنسىز،قانداق بولدى؟ئۇلار ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىمەسلىك سەۋەبىدىن ۋاز كەچكەن ئوخشىمامسىز؟ ئاپتور: قىسمەت ../../siyit-nochi.html#comment-3080 قىسمەت Thu, 01 Sep 2011 02:19:49 +0000 ../../?p=781#comment-3080 بىللە بولسۇن بۇرادەر! ئاپتور: شاھ ئۇيغۇر ../../siyit-nochi.html#comment-3079 شاھ ئۇيغۇر Wed, 31 Aug 2011 18:44:48 +0000 ../../?p=781#comment-3079 مەن تېخى بۇ ئىتوتنى كۆرۈشكە نىسىپ بولماپتىمەن، ئەمما چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك ئىتوت ئىكەنلىكىنى يازما ۋە ئىنكاستىن ھېس قىلدىم. مۇمكىن بولسا چوقۇم بىر كۆرۈپ چىقاي، ئەمما كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇنى ساۋاتسىز دېگۈچىلەرگە ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، ئېسىمدە قىلىشىچە ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمدىمۇ دەرسلىكتە سىيىت نوچى نامىدا بىر ھېكايىمۇ ئەيتاۋۇر بىر ئەسەر بولىدىغان، ئۇ چاغلاردا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئۇنى ئاساسلىق ساۋاتسىزلارنىڭ ئوبرازى قىلىپ بىزگە چۈشەندۈرەتتى، يەنى ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى يامۇلغا ئېلىپ بارغان دېگەندەك، خېلى ۋاقىتلارغىچە ساۋاتسىزنىڭ گېپى چىقسا سىيىت نوچىنىلا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىپ قوياتتى، دېمەك ئۇنىڭ خەلقپەرۋەرلىكى، توغرا سۆزلۈكى، ھەقتىن يانماسلىقىدەك ئېسىل پەزىلەتلىرى ئاتالمىش «ساۋاتسىزلىقى»نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى، ئەجىبا ئۇ ھەقىقەتەن ساۋاتسىزمىدۇ؟ بىر ئىنچىكە ھالقىغا نەزەر سېلىپ ئۆتەيلى، ساۋاتسىزلىق دېگەن نېمە؟ گەرچە بۇ سۆزگە تەبىر بېرىشكە مەن ئاجىزلىق قىلساممۇ شۇنى ھېس قىلدىمكى مېنىڭچە ساۋاتسىزلىق چۈشەنچىسى زامان ۋە ماكانغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسە، دىيارىمىزدا بىز ئۈچۈن ھازىرقى دەۋردە زامانغا ماس يېتىشىپ ماڭالمىسا ساۋاتسىز ھېسابلانغان بولسا، ئون يىل ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلى ھەم يېزىقىدىن سىرت خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلەر ساۋاتسىز ھېسابلىناتتى، يىگىرمە يىل ئىلگىرى بولسا پەقەت ئۆز ئانا تىلىنى بىلىپ يېزىقىنى بىلمىسە ساۋاتسىز ھېسابلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر رايۇنىدىمۇ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش كەيپىياتى شەكىللەنگەنلىكىگە تېخى يېرىم ئەسىرمۇ بولمىدى، دېمەك سىيىت نوچى زامانىسىدا %99 ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ خەنزۇ تىلىنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن خەنزۇلارنىمۇ تۈزۈك كۆرۈپ باقمىغان شارائىتتا يەنە خەنزۇ يېزىقىنى بىلىشى مۇمكىنمۇ؟ سىيىت نوچىنىڭ يامۇلغا ئېلىپ بارغان ئۆلۈم خېتى ئېنىقلا خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان يارلىق، دېمەك ئۇ شارائىتتا ئۇنىڭ يارلىق مەزمۇنىنى كۆرۈش ياكى بىرەرسىگە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ جاۋاب، يوق، خۇددى سىز ئېنگىلىزچە ھەم خەنزۇچە شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تىل ھەم يېزىقىنى بىلىسىز ئەمما باشلىقىڭىز سىزگە فرانسوس يېزىقىدا يېزىلغان بىر نەرسىنى ئەتراپىڭىزدا ھېچقانداق فرانسوسچە بىلىدىغان بىرەرسى يوق بولغان شارائىتتا يەنە بىرسىگە بېرىشكە ھاۋالە قىلغانغا ئوخشاش ئىش، ئۇنداقتا سىزنى ھەم ساۋاتسىز ھېسابلامدۇق؟ يەنە بىر ئىش، مېنىڭچە بىر كىشىگە باھا بېرىشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ياشىغان دەۋرىنى ئاساس قىلىپ باھا بېرىشىمىز كېرەك، ئەگەردە يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان سىيىت نوچىنى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى نەزىرىمىز بىلەن باھا بېرىپ ساۋاتسىز دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئالدىدا ياشىغان نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە ئەدىبلىرىمىزنىمۇ خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەنلىك سەۋەبىدىن ساۋابسىز ھېسابلىساق ، ھەتتاكى 70ھەم 80-يىللاردىكى نۇرغۇنلىغان ئالىملىرىمىزنىمۇ ھازىرقى (21-ئەسىرنى كۆزدە تۇتماقچى) نەزىرىمىز بىلەن ساۋاتسىز دېسەك بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە، خوش، ئەمدى ئويلىنىپ كۆرەيلى، سىيىت نوچى ساۋاتسىزمۇ؟ ئېنىقكى بۇ پەقەت نەزەر دائىرىسى ئىنتايىن تار بىر قىسىم ئاتالمىش «قەلەمكەش»لىرىمىز تەرىپىدىن ئالدىراپلا بېرىلگەن باھادۇر، دېمەك ئۇلارنىڭ بۇ باھاسى بۇيىچە ماڭساق ھەتتا ئاشۇ «قەلەمكەش»لىرىمىزنىڭ ئۆزىنىمۇ بۈگۈننىڭ ياكى كەلگۈسىنىڭ ساۋاتسىزلىرى دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز، دېمەك خۇلاسە شۇكى، سىيىت نوچى ساۋاتسىز ئەمەستۇر..... خوش، ئۇلۇغ روزا ھېيتتا ھېيتلاپ كىردىم دەپ خۇرجۇنۇمنىمۇ تەڭ كۆتۈرۈپ كىرىپ قالدىم، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئاپتور: قىسمەت ../../siyit-nochi.html#comment-3078 قىسمەت Wed, 31 Aug 2011 16:53:53 +0000 ../../?p=781#comment-3078 سىزگىمۇ ھەم! ئاپتور: قىسمەت ../../siyit-nochi.html#comment-3077 قىسمەت Wed, 31 Aug 2011 16:53:00 +0000 ../../?p=781#comment-3077 ئايەم خۇشھاللىقى ھەممىمىزگە تەڭ بولغاي! ئاپتور: تۇران تېكىن ../../siyit-nochi.html#comment-3076 تۇران تېكىن Wed, 31 Aug 2011 16:37:42 +0000 ../../?p=781#comment-3076 بىر قانچە يىل ئىلگىرى مۇشۇ سىيت نوچى ھەققىدە، بىزنىڭ تورلىرىمىزدا «سىياسىي ئېڭى يوق» ........ دېگەندەك بەدناملار بىلەن قارىلىپ، ئوبرازى خۇنىكلەشتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا كاللامدا: بىزنىڭ ماۋۇ ئادەملەر نىمە كويدىدۇر؟ بىر كىم بۇنىڭغا باھا بەر دەپ ۋەزىپە چۈشۈرگەنمىدۇ؟ دەپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇشىپ كەتكەن ئىدى. خۇددى سىزگە ئوخشاش بۇ ئىتوتنى سەھنىدە قايتا كۆرگەندىن كېيىن، راستىنى دېسەم: كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمىدىم. ئابدۇكىرەم ئابلىزغا مىڭ رەھمەت دەپ كەتتىم. نەخ مەيداندا بولغان بولسام نىمىلەرنى ئاتاپ بىرىۋىتىدىغانلىقىمنىمۇ بىلەلمىدىم. رەھمەت! ئابدۇكىرەم ئابلىزغا مىڭ رەھمەت! قىسمەت ئەپەندى، گەپ بىلەن بۇلۇپ كىتىپ، ئايىمىڭىزنى مۇبارەكلەشنى ئەستىن چىقىرىپتىمەن. ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئاپتور: لوپنۇرى ../../siyit-nochi.html#comment-3075 لوپنۇرى Wed, 31 Aug 2011 14:58:59 +0000 ../../?p=781#comment-3075 مەن تېخى بۈگۈن ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ فىلىمنى كۆرگەن. ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكىنىڭ بۇ داستاننى ئۆزلەشتۈرۈپ سەھنىگە ئېلىپ چىققىنى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ،مەن رىياسەتچى سېيىت نوچى داستاندىن ئارىيە دەپ ئېلان قىلىشىغىلا ئابدۇكېرىم ئابلىز سىيىت نوچىنى مازاق قىلىپ سالمىغىيدى دەپ بەك ئەنسىرىگەن ئىدىم.فىلىمنى پۈتۈنلەي كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ ئىجادىيەت سەپىرىنىڭ يەنە بىر بورۇلۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.مېنىڭچە ئابدۇكېرىم ئابلىز كىشىلەرنى نوقۇل ھالدىكى كۈلدۈرۈشتىن،ھوزۇرلاندۇرۇشتىن، ئۆزى ۋە ئۆز تارىخى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا يېتەكلەشكە ئۆتىۋىتىپتۇ.ئاللاھتىن ئۇنىڭ قەلىمىگە تېخىمۇ زور قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى،تېنىنى سالامەت،ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن! ئاپتور: ئەلشات ../../siyit-nochi.html#comment-3074 ئەلشات Wed, 31 Aug 2011 03:32:12 +0000 ../../?p=781#comment-3074 ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن قىرىندىشىم!