-
2010-12-10
چەۋەندازلار بلوگىغا بىلەت تاشلاپ قويۇڭ Qawandazlar Blogigha Bilet Tashlap Qoyung - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
چەۋەندازلار بلوگىغا بىلەت تاشلاپ قويۇڭ
Qawandazlar Blogigha Bilet Tashlap Qoyungئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! 2010-يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ <<10 نادىر بلوگ>> نى باھالاش پائالىيىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا بىلەت تاشلاش باسقۇچىغا بېسىپ كىردى. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ۋە مەدىتىگە ئېرىشىپ كەلدى. نامزاتلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى 20 بلوگ تاللىنىپ چىقىلغان بولۇپ تەجىربىسى مول غوللۇق بلوگگىرلار تاللاندى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چەۋەندازلار بلوگىمۇ مەزكۇر 20 بلوگنىڭ بىرسى بولۇپ تاللىنىپ بىلەت تاشلاش باسقۇچىغا تاللىنىپ كىردى. ئۇزۇندىن بېرى چەۋەندازلار بلوگىدىن زوقلىنىپ كېلىۋاتقان تورداشلارنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك بىر پارچە بىلىتىنى تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. پائالىيەتنىڭ تۈزىمى بۇرۇنقىغا قارىغاندا مۇنتىزىملاشقان ۋە مۇكەممەللەشكەن بولۇپ ھەربىر تورداش پەقەت بىرلا قېتىم بىلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بىر قېتىم بىلەت تاشلاش مەشغۇلاتىدا 10 بلوگقا بىراقلا ئاۋاز بەرگىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز قايتا ئوخشاش بىر IP دا بىر قېتىمدىن ئارتۇق مەشغۇلات قىلسىڭىز پائالىيەت تۈزىمىگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ ئەكسىچە سىز قايتا كۆرسەتكەن بلوگقا جازا يۈرگۈزۈلۈپ سالاھىيتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ. شۇڭا ھەربىر تورداشنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن پەقەت بىر قېتىملا بىلەت تاشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.(ئالاقىدار تۈزۈملەرنى يۈكسەل بلوگىدىكى پائالىيەت مەزمۇنىدىن كۆرگەيسىز).
ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار بلوگى سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ، چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن تورداشلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇھىت ھازىرلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
چەۋەندازلار بلوگىنىڭ بىلەت تاشلاش ئورنى
بىلەت تاشلاش ئورنى يۈكسەل بلوگىنىڭ ئوڭ تەرەپ يان سىتونىدا. مەنزىل:http://www.yuksel.me/ (ئۈستىدىكى رەسىمنى چەكسىڭىزمۇ بىۋاستە كىرەلەيسىز)
收藏到:Del.icio.us
评论
مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنىڭ 2010-يىللىق ئون چوڭ بىلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
تېخىمۇ تىرىشىڭ ،قىرىندىشىم.
سىزگە ھەدىيە قىلىدىغان ئاخىرقى سۆزۈم: بىز بۇ دۇنياغا تۈرەلگەن ئىكەنمىز بىزنىڭ تومىرىمىزدىكى ئېقىۋاتقىنى بىر قان، دىنىمىز، پەيغەمبىرىمىز بىر بولۇش سۈپىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سونۇش بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز، خىسلىتىمىز ۋە شۇنداقلا ھەربىرىمىزگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت. شۇنداق بولغان ئىكەن بىز ھەممىمىز قېرىنداش. مېنىڭ نېمىشقا ھەر دائىم چەۋەندازلار بلوگىغا ئىنكاس يازغان بلوگگىر ياكى تورداشلار بولسۇن ھەممىسىگە "قېرىنداش" دىگەن سۆزىنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىمنى بىلەمسىز؟ دەل ھەر بىر چەۋەندازلار ھېرىسمەنلىرىگە ۋە قوللىغۇچىلىرىغا ھەربىر خەلقىمىزنىڭ ئەزاسىنىڭ قېرىنداشلىقىنى بىلدۈرمەكچى. باشتا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ئۆزگىچە ئاڭلانغان بولسا بارا-بارا تورداشلارمۇ ئىنكاسلىرىدا ۋە ئايرىم سۆھبەتلەردە "قېرىنداش" دىگەن سۆزنى ئىشلىتىدىغان بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ. دىمەك مەن ئىنكاسقا چۈشكەن جاۋابلىرىم ئارقىلىق كۈنسېرى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىپ قېلىۋاتقان مېھرىبانلىقىمىزنى ۋە قېرىنداشلىقىمىزنى سۆزلىرىم ئارقىلىق يەتكۈزۈپ كېلىۋاتىمەن. ئاللاھ خالىسا بۇنى ھەم جارى قىلدۇرۇپ مېڭىشقا تىرىشىمەن. مېنىڭ ۋە باشقا بلوگگىرلارنىڭ ئەمدى سەپكە قېتىلغان ۋە قېتىلماقچى بولىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان ئازغىنە ياردەملىرىمىز قانداقتۇر ئىقتىسادى مەنپەئەتنى كۆزلەپ قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بۇنى سىز ۋە ھەربىر تورداشنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. سىزنىڭ بېلىڭىزنى مەھكەم باغلاپ تېخىمۇ مەزمۇت قەدىمىڭىز بىلەن ئىلگىرىلىشىڭىزنى ۋە 2010 يىلدىكى بلوگگىرلارنىڭ ئىچىدە ياخشى بولغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۈمۈدلۈك بولۇڭ ! ئامان بولۇڭقېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!