• 2010-11-17

    چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى قۇتلۇقلايدۇ! Qawandazlar Blogi Pütün Dunyadiki Musulman Qérindashlarning Qurban Héyitini Qutluqlaydu! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]

    چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى قۇتلۇقلايدۇ!
    Qawandazlar Blogi Pütün Dunyadiki Musulman Qérindashlarning Qurban Héyitini Qutluqlaydu!

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار! بۈگۈن دىيارىمىزدا قۇربان ھېيىتنىڭ تەنتەنىلىك قۇتلۇقلانغانلىقىنى مۇبارەكلەيمىز ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيىتىنى خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشمىز! بۈگۈن كىچىككىمۇ ھېيىت،چوڭغىمۇ ھېيىت. دېھقانغىمۇ ھېيىت،سودىگەرگىمۇ ھېيىت. بايغىمۇ ھېيىت،گادايغىمۇ ھېيىت؛ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى خۇشاللىققا ئۆم-ئىناقلىققا چۆمگەن ھېيىت. چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنى ئۇزۇندىن بېرى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قۇربان ھېيىتلىق ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ! ھەممىڭلارنىڭ قۇربان ھېيىتى قۇتلۇق بولسۇن!

    چەۋەندازلار بلوگى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخىت، تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە دىللىرىغا ئىمان تىلەيدۇ!


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك قېرىندىشىم،بىلوگىمنىڭ خەتلىرى نورمال ئەمەس،قاراپ باقسىڭىز؟
    回复ھونزادە 说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم. رەھمەت سىزگە ، بىرگە بولسۇن. بلوگباس تازا نورمال ئەمەس، مېنىڭكىدە نورمالغۇ؟
    2010-11-26 18:59:14
  • گەرچە كېچىكىپرەك كەلگەن بولساممۇ يەنىلا سىزنىڭ قۇربان ھېيتىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، ئىككى كۈن كەلمىسەم بلوگىڭىز ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ ھە
    回复ش ئە ئۇيغۇرى 说:
    شاھ ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قۇربان ھېيىتىنى قۇتلۇقلايمەن! ھېيىتنىڭ ئالدىدا بلوگقا بىر كىيىم <<ئېلىپ قويغان>> يېڭى كىيىم كەيمىگىلى خېلى بولۇپتىكەن ھېيىتتا كەي دىگەنگە ئۇنىماي ھېيىتتىن بۇرۇن كىيىۋالدى [cusFace:6]. شۇڭا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەل ئوخشىمايدۇ. ھېيىتنى خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتكۈزگەيسىز قېرىندىشىم.
    2010-11-18 23:52:42
  • مەن كەپ بوغىچە جامائەت كەپ بولاپتۇ ئەمەسمۇ؟ ھەممىلىرىنىڭ ئايەملىرىگە مارەك بولسۇن.
    回复Atash说:
    جامائەتنىڭ ئالدى ئۇزاپ كەينى بىر ئىككىدىن كېلىۋاتىدۇ. [cusFace:6]
    چەۋەندازلار بلوگى ئاتەش-گۈزەل سەنئەت بلوگىغا ھېيىتلىق سالام يوللايدۇ! ھېيىتنى خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتكۈزۈڭ قېرىندىشىم
    2010-11-18 23:49:32
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم كەمىنە ئۇيغۇربەگ سىزنى پەتىلەپ كەلدى قۇربان ھىيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
    回复ئۇيغۇربەگ说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، بىرگە بولسۇن! چەۋەندازلار بلوگى ئۇيغۇربەگ بلوگىغا ھېيتلىق سالام يوللايدۇ! بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىغا ۋە ھېيتىڭىزنىڭ خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن!
    2010-11-18 23:43:49
  • كەمىنە ئۆزلىرىنىڭ قۇربان ھېيىتىنى تەبرىكلەيمەن !
    回复كارۋان بلوگى说:
    كەلگەنىڭىزدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم قېرىندىشىم، چەۋەندازلار بلوگىمۇ ھەم كارۋان بلوگىغا ھېيىتلىق سالام يوللايدۇ! ھېيىتىڭىز خۇشالىق ئىچىدە ئۆتكەي!
    2010-11-18 23:42:00