• 2010-10-13

    ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم <<ھورتون>> Uyghurche Xetlik Filim "Horton" - [رەسىم ۋە فىلىملەر]

    ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم <<ھورتون>>
    Uyghurche Xetlik Filim "Horton"

    بۇ فىلىمدە چىقىدىغان بۇ جانىۋارغا بەك ئامراق بولۇپ قالدىم دىسە، بەك ياخشى چىقىپتۇ.بۇ جانىۋار چىقىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى كېسىپ يوللاپ قويدۇم قېنى كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ  ئامراقلىقىڭىز تۇتمىسا ھېساب ئەمەس.

    مەزكۇر فىلىم بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى بىر فىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىنودا ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئانچە قېيىنمۇ ئەمەس ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچى ئاساسەن كىنونى بىۋاستە ئاڭلاپلا چۈشۈنۈپ كېتەلەيدۇ.

    فىلىمنى تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئوغلى،ياقۇپجان
    كىرىشتۈرگۈچى:كۈلكە
    تەھرىر"ئىنتىزار،كۈلكە

    بۇ فىلىمنى دوستلىرىمنىڭ كومپىيوتېرىدىن ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلىۋالغان. تورداشلارنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشىگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دىگەن مەقسەتتە يوللاندى. (بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گورۇپپىسىدىكى شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلغان،قىلمىغانلىقىنى سورىغىنىمدا بۇنى ئۆزىنىڭ تەرجىمە قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرىتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىم يوللاندى. )


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ياخشىمۇسىز، بۇ فىلىمنى مەن تەرجىمە قىلمىغان ئاستىدىكى قىلغان سۆزىنى قىلمىغانغا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز
    回复شاھ ئۇيغۇر说:
    قىلمىغانلىقى دەپ يازىمەن دەپ قىلغانلىقى دەپ يېزىپ قويۇپتىمەن. تۈزىتىپ قويدۇم، ئۇقۇشماسلىقنىڭ كېلىپ چىققانلىقىدىن تولىمۇ خىجىلمەن. تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز قېرىندىشىم.
    2010-10-17 15:29:39
  • قىزقىپ قالدىمىما بۇ كىنوغا ..
    回复ئەزىز说:
    كۆرۈپ بېقىڭ،كۆرۈپ خۇشاللىق تېپىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس قېرىندىشىم.
    2010-10-16 23:35:26
  • a person is person , no matter how small !!
    回复سەيياھ يازمىسى说:
    توغرا،ئادەم ھامىنى ئادەم، مەيلى ئۇ قانچىلەىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر. مەن بۇ فخلىمنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دىئالوگى كىنگورونىڭ(فىلىمدىكى سەلبىي ئوبراز) ئورمانلكىقتىكى بارلىق ھايۋانلارنى يىغىپ :<< نۇل جاڭگىلىغا نېمە بولدى؟ ئەلمىساقتىن ئىنسان دىگەن ئىنسان،توزان دىگەن توزان. سىلەرگە دېسەم، كۆرگىلى،ئاڭلىغىلى تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسە يوق! تۇرمۇش ئادىتىمىز تەھدىتكە ئۇچرىدى! كىم بۇ ھۇجۇمنى قوزغىدى؟ ھورتون!! ھورتوندەك پاراكەندىچىنىڭ باللىرىمىزنىڭ ئىددىيىسىنى زەھەرلىشىگە يول قويامدۇق؟ ھورتون بالىلىرىمىزغا جاڭگالنىڭ سىرتىدىكى دۇنيانى سۆزلىسە ئۇلار ھوقوقتىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدۇ، ئەنسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. >> مانا مۇشۇ تېكىستلەر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلىك بۇ فېلىمنىڭ جېنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-15 13:10:57
  • بۇ فىلىمنىڭ لاھىيەلىنىشى ناھايىتى ئىسىل ، بۇلۇپمۇ بۇ كىچىك پىلچاقنىڭ بىرجۈپ قۇلۇقىنى ھەر خىل باش كىيىمىگە ئۆزگەتىشى . بۇ فىلىمنى مەنمۇ ياقتۇرىمەن .
    回复سەيياھ يازمىسى说:
    بۇ فىلىمدىكى پىرسوناژلار ناھايىتى ياخشى لاھىيلىنىپتۇ دىيىشكە بولىدۇ. مەزمۇنىمۇ ئىنتايىن ياخشى.
    2010-10-15 12:57:25
  • بۇ ئەھۋالنى ئوڭشىغىڭىز يوقمۇ؟ بۇ دەرىسلىكتە ئوڭشاش ئۇسۇلى بار!http://pristan.blogbus.com/logs/70401924.html
    回复بايلىق说:
    مەن پىرىستاننىڭ بۇ دەرىسلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى چۈشىرىۋالغان، قارىغاندا بۇنىڭدىن پايدىلانسام بولغىدەك، ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-10-15 12:31:05
  • چەۋەندازلار ئەپەندىم بلوگىڭىزنىڭ قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارنى كۆرۈش ئورنىدىكى خەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى بىر قانچە خەتنىڭ ئاستىغا چۈشۈۋالغىنىنى كۆرۈپ ئىچىڭىز پۇشمىدىمۇ؟
    回复بايلىق说:
    مەن ئوڭشاپ قوياي.سىزنىڭ تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
    2010-10-15 12:28:15