-
2010-08-16
تىز ئۇلاش دىتالىغا بلوگىڭىزنى قوشىۋېلىڭ! Tiz Ulax ditaligha blogingizni qoshiweling! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
تىز ئۇلاش دىتالىغا بلوگىڭىزنى قوشىۋېلىڭ!
Tiz Ulax ditaligha blogingizni qoshiweling!
يېقىندا ئېلان قىلىنغان تېز ئۇلاش دىتالىدىن بەلكىم تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرى بولسا كېرەك. بۇ دېتال ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان نادىر بېكەتلەرنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ سىغىمى كىچىك ۋە سۈرىتى تېز بولۇپ ئىنتايىن قۇلايلىق ئىكەن.
مەن بلوگنى ئىلتىماس قىلسا بولامدىغاندۇ دېگەن نىيەتتە بۇ دىتالنى ئىشلەپ چىقارغۇچى بىلەن ئالاقىلاشتىم، ھازىر بۇدىتالغا بېكەت ئۇلاش ھەقسىز بولۇپ،تەۋسىيىلىك بېكەتلەر دىگەن يېرىگە ئۆز بىكىتىنى چىقىرىش ئۈچۈن ھەقلىق ئىكەن. مەن بلوگلارنىمۇ چىقارغىلى بولارمۇ دىگەن ئوي بىلەن مەخسۇس پاراڭلاشقاندا ھازىرچە ئۇنداق تۈرنىڭ يوقلىقىنى، لىكىن كېرەكلىك بىكەتلەر دىگەن تۈرىگە بلوگلارنى قوشساق بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ خوش-خەۋەرنى بلوگگىرلارغىمۇ يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپپىق كۆردۈم. ھازىردىن باشلاپ بلوگىڭىزنى بۇ دىتالغا ئۇلاشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
مەن بۇ خەۋەرنى دىتالنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنغا بلوگگىرلارغىمۇ چوقۇم خەۋەر قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم ھەمدە ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە بۇ دىتالغا نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلارنىڭ ئۆز بلوگىنى قوشۇش ئويىنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقىغا توغرىسىدا سۆزلەپ بەردىم. بلوگگىرلارنىڭ تېز ھەركەتكە كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر بىز ھەممىمىز ھەركەتكە كېلىدىغانلا بولساق بەلكىم بىز دېتالغا <<بلوگلار>> سەھىپىسىنى قوشۇشقا تۈرتكە بولالىشىمىز مۇمكىن!
تىز ئۇلاش دېتالى http://www.xjcms.com تۈزگەن تىز ئۇلاش دىتالى بولۇپ ، بۇ دىتال ئۇيغۇرچە تۈزۈلگەن،ئۆزىگە "كومپىيۇتېرنى ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش"،"ئىكراننى قۇلۇپلاش"،" بىر كۇنۇپكا بىلەن كومپىيۇتېرنى ئۆچۈرۈش"،"ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى تۈزلەر بويىچە تىزئۇلاش" قاتارلىق بىرنەچچە ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان، سىزنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتىدىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بوپ قالغۇسى. دىتالنى قاچىلاش ھاجەتسىز چۈشۈرۈپلا ئىشلىتەلەيسىز، QQ رىڭىزدا ساقلىۋېلىپ ئىشلىتىشىڭىزگە مۇۋاپىق. (ھەرقايسى تور بىكەتلىرىنىڭ تور بىكىتىنى بۇ دىتالغا تور بىكىتىنى ئەزا قىلىۋېلىشىنى سورايمىز) ئەزا بولۇش ئۈچۈن بىۋاستە http://www.xjcms.com توربىكىتگە خەت يېزىڭ ياكى يۇمشاق دېتال ئاپتورى QQ:20881200 پەرۇخ بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
收藏到:Del.icio.us
تىز ئۇلاش دىتالىغا بلوگىڭىزنى قوشىۋېلىڭ!
Blog:atashart2010-08-19 23:59:55
评论
مەن سىزدىن بىر مەسىلىنى سوراي دېگەن ؟
بلوگباستىكى 作者 دىكى karwanlar دېگەن ئىسىمنى "كارۋان بلوگى" دەپ ئۆزگەرىتمەكچى ئىدىم . قانداق ئۆزگەرتىدۇ ؟
ئوبۇلقاسىم ھۇنەر-سەننەت بىلوگى
http://obulkasim.blogbus.com/
http://img4.user.55.la/anonymous/logo/2010/07/14/21/2947804.gif