-
2010-08-03
ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال رەسىملىرى Ata Türk Mustapa Kamal resimliri - [مەشھۇر شەخسلەر]
ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال رەسىملىرى
Ata Türk Mustapa Kamal resimliriمۇستاپا كامال 1881-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق سالكونىكا( ھازىرقى گىرىتسىيىدە) شەھىرىدە بىر ياغاچچى سودىگىرى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ رەھبىرى، سېكولار، دېموكراتىك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا تۈرك زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسىدۇر. بۇ ئستىدادلىق رەھبەر 1938-يىلى 11-ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 5مىنۇت ئۆتكەندە بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان. ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتۈن تۈركىيە چىگرىسى ئىچىدىكى پائالىيەتلەر ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ، ماشىنىلار توختاپ يولۇچىلار چۈشۈپ 5 مىنۇت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىر مىللەت ھەقىقىي كاتتا مىللەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ئۆزىنى تونۇشى بىلەن تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ.
-ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالمۇستاپا كامالنىڭ ئىمزايى
收藏到:Del.icio.us
评论
ھازىر قاراپ باقسام مىسرانىم مۇنبىرى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋېتىپتۇ. 15000دىن ئارتۇق كىشى بىرلا ۋاقىتتا مۇنبەرنى كۆرىۋاتقان رىكورت يارىتىلىپتۇ. بۇ شەبنەمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالى بىلەن زور پەرىقى يوق دېگەن گەپ. سىزگە مۇشۇ مۇنبەرنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
دىمەك تۈركىيە ھازىر پۈتۈن ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. خەلقارالىق يىغىنلاردا <<20 دۆلەت گوروھى>> دا پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشقان بىردىن-بىر تۈرك دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ.
مېنىڭمۇ ھەم تۈركلەرگە ھۆرمىتىم بار. ئەمدى تۈركىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتىدىغان يولىغا قاراپ باقايلى.
چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!