• 2010-07-27

    دۇنيا يەرمەنكىسى-شىنجاڭ سارىيىغا سەپەر Dunya yermenkisi-XinJang sariyigha seper - [جاھاننامە]

     دۇنيا يەرمەنكىسى-شىنجاڭ سارىيىغا سەپەر
     Dunya yermenkisi-XinJang sariyigha seper

     

    41-نۆۋەتلىك شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى باشلىنىپ 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنى ئاياشلىشىپ جەمئىي 184 كۈن داۋام قىلىدۇ. دۇنيا يەرمەنكىسى ئادەتتە ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، بىرسى ئۈنۋېرسال خاراكتېرلىق دۇنيا يەرمەنكىسى، يەنە بىرى كەسپى خاراكتىرلىق دۇنيا يەرمەنكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقىسىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ،چوڭ كۆلەملىك، ھەمدە داۋاملىشىش ۋاقتى بەش ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولىدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا مەزمۇنى كەسپى خاراكتىرلىق بولۇپ ئاساسەن دېڭىز، مۇھىت، توشۇش، ئۇچۇر، باغۋەنچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    1995-يىلىدىن بويان دۇنيا يەرمەنكىسى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكىزىلىدىغان، ئارلىقتىكى ۋاقىتتا بىر ياكى ئىككى قېتىم كەسپى خاراكتىرلىق دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزسە بولىدىغان قىلىپ بېكىتىلدى. تۇنجى قېتىمقى دۇنيا يەرمەنكىسى 1851-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەندىن بويان ھازىرغا قەدەر دەۋەملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. 2000-يىلى گىرمانىيە ھانوفېر (汉诺威) دۇنيا يەرمەنكىسى، 2005-يىلى ياپونىيە ئايچى (爱知) دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

    بۇ قېتىملىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسى:<< شەھەر تۇرمىشىڭىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ>> (“城市,让生活更美好”)  ئېنگىلىزچىسى:Better City , Better Life . 

    بۇ قېتىملىق دۇنيا يەرمەنكىسىدە <<شىنجاڭ سارىيى>> مۇ باشقا ئۆلكە،ئاپتونۇم رايونىغا ئوخشاشلا قاتناشتى. <<شىنجاڭ سارىي>>نىڭ باش تېمىسى:<<شىنجاڭ ياخشى جاي>>. A رايونغا جايلاشقان. شىنجاڭ سارىيى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 1مىلىيون 270 مىڭ ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن. زىيارەت سانى ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ كېلىۋاتىدۇ.

    شىنجاڭ سارىيىدا ئوينالغان نومۇرلار

    شىنجاڭ سارىيىدىن كۆرۈنۈش

     

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئويلىماپتىكەنمەن، شىنقاڭ سارىيىنىڭ بېزىلىشى ۋە تاشقى كۆرىنىشى راستىنلا پىچەتكەن.
    يوللانمىڭىزغا تەشەككۇر!
    回复ماتېماتىكا说:
    مەنمۇ لايىھىلىنىشنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بۇ 5 يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان دۇنيا يەرمەنكىسىدە شىنجاڭنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق چوڭ كۆرگەزمىدە چىقىشى بولغانلىقى ئۈچۈن خاتىرە بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم. داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم.
    2010-07-29 19:58:30