• 2010-07-15

    [چۈشۈرىۋېلىڭ] ئېنگىلىز تىلىدىن 8000 جۈملە Éngiliz tilidin 8000 jümle - [تىل باغچىسى]

    [چۈشۈرىۋېلىڭ] ئېنگىلىز تىلىدىن 8000 جۈملە

    Éngiliz tilidin 8000 jümle

    ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش بۇ دەۋىردە ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىۋاتىدۇ، ئارىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۈن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش كېرەك. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئۆزۈمدە بار بولغان بۇ ئېنگىلىز تىلى ئۈگىنىش ئاۋازلىق ھۆججىتىنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.

    بۇ ئاۋازلىق ھۆججەت بىر تەرەپتىن سىزنىڭ ئېنگىلىزچە ئۈگىنىش ئارزۇسىڭىزنى قاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇ تىلىدىكى ئاساسىڭىزنى كۈچەيتىپ بارىدۇ.

    ئاۋازلىق ھۆججەت ئېنگىلىزچە-خەنزۇچە بولۇپ، باشتا جۈملىنىڭ خەنزۇچە مەنىسىنى ئاندىن ئېنگىلىز تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ ئېغىزچە تەلەپپۇزى ئاخىرىدا ئېنگىلىزچە ئېغىزچە تەلەپپۇزىنىڭ ئاستا شەكىلدە يەنە بىر قېتىم بېرىدۇ. بۇ سىزنىڭ تەلەپپۇز ۋە چۈشۈنۈش ئىقتىدارىڭىزنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسى زور.

    مەزكۇر ئاۋازلىق ھۆججەتتە تۇرمۇش،خىزمەت،ئۈگۈنۈش،مۇھەببەت... قاتارلىق تۇرمۇشتىكى ئاددى جۈملىلەر بولۇپ سىزنىڭ ئېنگىلىزتىلىنى ئەمىلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىشىڭىزگە ناھايىتى پايدىسى زور. چۈشۈرۈپ بېقىڭ چۇقۇم رازى بولىسىز!

    چۈشۈرۈش   چۈشۈرۈش2


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەن سىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قۇيدۇم ، مۇمكىن بولسا مىنىمۇ قىتىپ قويسىڭىز ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلايلى ... رەھمەت . سىزگە !
    تۇغ ئادىرىسى :
    http://filer.blogbus.com/5063659/5063659_12792896767.gif
    回复ئىزتۈرك说:
    كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم. سىزنى ئۇلىنىشقا قوغۇۋالدىم. ھەمكارلىقىمىز تېخىمۇ راۋاجلانغاي. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2010-07-17 22:36:33
  • بۇ نى مەنمۇ چۇشۇرۋالدىم ، قېنى مەنمۇ كۆرۈپ باقاي ....
    回复ئەتتىرگۈل说:
    بۇ ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىش ئاۋازلىق ھۆججىتىنى مەن خېلى بولدى ئاڭلاۋاتقىلى، ئىچىدە تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان، كىتابلاردا ئاز كۆرۈلىدىغان لىكىن ئىنتايىن ئىشلىتىلىشچان ئاددىي-ئاددىي جۈملىلەر بار. سىزمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشەلەيسىز دەپ ئويلايمەن. يەنە ئېنگىلىز تىلىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ئاۋازلىق ھۆججەتلەر داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىدۇ.داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم.
    2010-07-16 20:18:57