• 2010-07-08

    ئاۋازلىق ھۆججەت ۋە سۆرەتلىك فىلىم چۈشۈرۈش دېتالى Awazliq hojjet we söretlik filim chüshürüsh ditali - [چۈشۈرۈش مەركىزى]

    ئاۋازلىق ھۆججەت ۋە سۆرەتلىك فىلىم چۈشۈرۈش دېتالى
    Awazliq hojjet we söretlik filim chüshürüsh ditali

    مەن بۇ دېتالنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدى. بەلكىم باشقا تورداشلارمۇ ئىشلىتىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بۇ دېتاللارنىڭ ئالاھىدىلىكى سىز بۇ دېتال ئارقىلىق تۈرلۈك ئاۋاز؛ىق ھۆججەت ۋە سۆرەتلىك فىلىملەرنى ۋە باشقا تۈرلۈك چۈشۈرگىلى بولىدىغان دېتاللارنى باشقا چۈشۈرۈش دېتالى ئىشلەتمەيمۇ چۈشۈرەلەيسىز. دېتالنى ئالاھىدىلىكى چۈشۈرۈش سۈرىتى تېز، سىغىمى كىچىك ۋە دېتال يۈزى چۈشۈنۈشلۈك بولۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. قېنى سىزمۇ بۇ دېتالنى سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.

    تۆۋەندىكىسى دېتالنىڭ چۈشەندۈرۈش رەسىمى بولۇپ، سىز بۇ رەسىمدىكى كۆرسەتمە ئارقىلىق مەشغۇلات قىلسىڭىزلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيسىز.

    ئادەتتە سىز بىرەر ئاۋازلىق ھۆججەت ياكى سۆرەتلىك فىلىم قويۇلىۋاتقان ئورۇندا بۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش بەلگىسى ھاسىل بولغان بولىدۇ. سىز بۇ يېشىل بەلگىنى بېسىش ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ئايرىم بېكەتلەردىكى چۈشۈرۈش ئادرىسىنى باسسىڭىزمۇ ھەم مۇشۇ دېتالنىڭ چۈشۈرۈش بېتى ھاسىل بولىدۇ. سىز بۇ ئارقىلىقمۇ چۈشۈرۈش مەشغۇلاتى قىلالايسىز.

    ئاۋازلىق ھۆججەتنى چۈشۈرۈش 


     
    ئاۋازلىق ھۆججەتنى چۈشۈرۈش بېتى (كۆك رەڭلىك چۈشۈرۈش بەلگىسىنى باسقاندىن كېيىن)

    سۆرەتلىك فىلىمنى چۈشۈرۈش

    سۆرەتلىك ھۆججەتنى چۈشۈرۈش بېتى (كۆك رەڭلىك چۈشۈرۈش بەلگىسىنى باسقاندىن كېيىن)

    دېتال چۈشۈرۈش يۈزىدىن ئۆزى بەلگىلەپ چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

     

    دىتال ئىسمى:Internet Download Manager
    سىغىمى:2.71 MB
    چۈشۈرۈش  چۈشۈرۈش 2


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • bax bat uslubini paqat kiliwitipsiz
    回复تەنھا بورە说:
    رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم. سىزگە يارىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    2011-02-05 13:34:31
  • مەن كىنو .چۇشۇرەي دىگەنتىم ..چۇشۇردىغان دىتالنى چۇشۇرالمىدىم..
    回复مۇتەللېپ说:
    ئەگەر بىرىنجى چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن چۈشمىگەن بولسا سىز <<چۈشۈرۈش 2>> گە كىرىپ 进入下载页面 دىگەن يەرنى بېسىپ كىرىپ 立即下载 دىگەننى باسسىڭىز چۈشىدۇ. ئەمدى قايتا سىناپ بېقىڭ.
    2010-08-04 19:07:27
  • رەھمەت سىزگە مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى.
    回复ھونزادە 说:
    ئەرزىمەيدۇ. داۋاملىق كېلىپ تۇرۇڭ قېرىندىشىم. ئەگەر ياردەم كېرەك بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
    2010-07-09 19:49:42
  • مەن پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم،ئۇلىنىشى توغرىمۇ؟تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز رەھمەت.
    回复ھونزادە 说:
    سىز چۈشۈرۈش دىگەن خەتنى بېسىپ ئاستىدىكى 进入http下载页面 دىگەن خەتنى باسسىڭىز چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلىدۇ. شۇ بەتتىن <<بۇيەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ>> ( 点击这里下载 ) دىگەننى بېسىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى چۈشۈرۈپ بېقىڭ.
    2010-07-09 16:04:27