-
2010-06-26
چەۋەندازلار بلوگى ئومۇمىي يۈزلۈك رەتلەندى! Qawandazlar blogi omumi yüzlik retlendi! - [بىلوگ ئۇقتۇرۇشى]
چەۋەندازلار بلوگى ئومۇمىي يۈزلۈك رەتلەندى!
!Qawandazlar blogi omumi yüzlik retlendi
تور ئەسلىگە كەلگەندىن بېرى بلوگىمدا بىرمۇنچىلىغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم. بلوگدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار يېڭىلاندى ۋە ئەسلىدىكى www.51.com رەسىملەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى بايقاپ رەسىملەرنىڭ ئادرىسىنى ئۆزگەرتىپ چىقىلدى.
بۇ قېتىم بلوگقا بەزەن سەھىپىلەر قوشۇلدى.
1. ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇش: بۇ سەھىپىدىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق سىز شۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى قىسقا مەزمۇننى ئوقۇش ئارقىلىق شۇ توم-توم كىتابلاردا نېمە مەزمۇنلارنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى بىلەلەيسىز. بۇ ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىللىق ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئارلاش ئارقىلىق بايقىغان بىر بوشلۇقنى مۇشۇ بلوگىم ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇ تولدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.2.بلوگ ئۇقتۇرىشى: بۇ سەھىپە چەۋەندازلار بلوگىغا خاس بولۇپ، چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆز ۋاقتىدا يەنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغان 2008-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بولغانلىقىدىن ھەر ئاينىڭ 29-كۈنى (2-ئاينى قوشمىغاندا) چوڭ تۈردە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. سىز بۇ ئارقىلىق مەزكۇر بلوگ بىلەن كەڭ تۈردە تونۇش ھاسىل قىلالايسىز.
3.چۈشۈرۈش مەركىزى: بۇ سەھىپىدە ھەرخىل يۇمشاق دېتاللار،تىل ئۈگىنىش ماتېرىياللىرى،ئېلكىتابلار،بلوگقا مۇناسىۋەتلىك دىتاللار يوللىنىشنى ئاساس قىلىدۇ.
يەنە بىر رەتلەنگەن ماتېرىيال بولسا دوستانە ئۇلىنىشتىكى بىر قىسىم ھازىر ئېچىلمايدىغان بلوگ ۋە تور بېكەتلەر ۋاقتىنچە دوستانە ئۇلىنىشلاردىن چىقىرىۋېتىلدى. چۈنكى ھازىر بۇ تورلارنى دىيارىمىزدا نورمال ئاچقىلى بولمايدىغانلىقى ۋە كۆپ ئۇلىنىشلارنىڭ بلوگ سۈرىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلدى.ئېسىڭىزدە بولسۇن چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
收藏到:Del.icio.us
评论
1. بلوگ ئارقا سۇپىسىغا كىېىپ بلوگ ( 博客 ) دىگەننى بېسىڭ.
2. ئاندىن بلوگ ( 博客 ) دىگەن سۆزنىڭ ئاستىدىكى بلوگ تەڭشەش ( 博客设置 ) دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ.
3. بلوگ تەڭشەش ( 博客设置 ) دىگەن سۆزنىڭ ئاستىدا بىر قانچە بەلگىلەش كونۇپكىسى بار، شۇ يەردىن يازغۇچى بەلگىلەش ( 作者管理 ) دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ.
4. بلوگ تەڭشەش ( 博客设置 ) دىگەن يەردە يەنە بلوگقا يېڭى يازغۇچى تەكلىپ قىلىش (邀请新作者 ) دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ ئېچىلغان رامكىغا بلوگ قۇرغۇچىنىڭ ئىسمىنى تولدۇرۇڭ. مەسىلەن مىنىڭكىگە تەكلىپ قىلماقچى بولسىڭىز QAWANDAZLAR دەپ تولدۇرۇپ تەكلىپنامە ئەۋەتىش (发送邀请 ) دىگەن كونۇپكىنى بېسىڭ.
5.ئەگەر بلوگ باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلماقچى بولسىڭىز، سىز تەكلىپ قىلغان بلوگنىڭ قېشىدا ھوقوق بەلگىلەش (权限设置 ) دىگەن يەردىن باشقۇرغۇچى ( 管理员 ) دىگەن تاللاش ئورنىنى چېكىپ ساقلاش (保存) دىگەننى باسسڭىز مەشغۇلاتىڭىز مۇۋاپىققىيەتلىك بولغان بولىدۇ.
باشقۇرغۇچلىقتىن قالدۇرۇش ئۈچۈن سىز تەكلىپ قىلغان بلوگنى تاللاپ ئۆچۈرۈش (删除) دىگەننى باسسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر يەنە قىيىن ئەھۋالغا ئۇچرىىسىڭىز چ چ دا ئالاقىلاشساق بولىدۇ. چ چ:377542809
بۇ قاندا بولۇپ كەتتى ئەمدە
ئۆركەش تورى http://www.orkax.net
http://www.orkax.net/images/mylogo.gif