-
2009-03-08
شەبنەمدىكى 2 يىلىم xabnamdiki 2 yilim - [تارىخ]
شەبنەمدىكى 2 يىلىم
xabnamdiki 2 yilim
شەبنەم تورى نۆۆۋەتتە ئۇيغۇر تورلىرى ئىچىدىكى ئەزالىرى ئەڭ كۆپ، كۆرۈلىشى ئەڭ يۇقىرى، تېما يېڭىلىنىشى ئەڭ تېزى تور بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. شەبنەم تورى 2003-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۆزىنىڭ 6 يىللىق مۈشكۈل مۇساپىسىدە كىچىكلىكتىن زورۇيۇپ ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تورىغا ئايلاندى. دەسلىپىدىكى <<ناخشىسىنىڭ تايىنى يوق>> تور بېكىتىدىن (ئۇ ۋاقىتلاردا ناخشا ئاڭلاشنى ئاساسى مەقسەت قىلىدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن مۇشۇنداق دېيىلگەن بولسا كېرەك) 2005- يىلى مۇنازىرە مۇنبىرىنى يولغا قويۇپ كەلگەندىن بېرى كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىلغار تور بېكەت دىگەن شان-شەرەپكە ئېرىشتى.
مەن ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە 2007-يىلى رەسمىي ھالدا ئەزا بولغان ئىدىم. 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى شەبنەم تورىغا ئەزا بولدۇم.ھەمدە تېمىلىرىمنى شەبنەم تورىدا ئېلان قىلىشقا باشلىدىم. ئەينى ۋاقىتتا شەبنەم تورىدىكى تېمىلارنىڭ تەستىقلىنىش سۈرىتى باشقا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە قارىغاندا تېزدەك ھېس قىلغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن تېمىلىرىمنىڭ توردا ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۆزگىچە ئىشتىياق بىلەن مۇنبەرلەرگە تېما ۋە ئىنكاسلارنى يوللاشقا كىرىشتىم. گەرچە نۇرغۇن دوستلىرىم <<سەن بۇنىڭغا تىما ئىنكاس يازغىنىڭغا پۇل بېرەمدۇ؟ ياكى بىرەر پايدىسى بارمۇ؟>> دەپ سوراشتى ھېلىمۇ ھەم دوستلىرىم شۇنداق سورىشىدۇ. لىكىن چۈشىنىدىغان دوستلىرىم مېنى ھۆرمەتلايدۇ ، بەزى دوستلىرىم پات-پات توردا نېمە يېڭىلىق بار ئىكەن دەپ سورىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئىشلار ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىشتىياقى سەۋەبلىك مەن ھېلىمۇھەم مۇنبەر بىلەن ھەپىلىشىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا مېنى قوللىغان شەبنەم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى نىجاد ئازاد ئەپەندىگە باشقۇرغۇچىلارغا،ئالىي ئەزالارغا ۋە بارلىق شەبنەم ئەزالىرىغا ۋە تورداشلارغا تەشەككۇر ئېيتىمەن.شەبنەمدىن ھېس قىلغانلىرىم
شەبنەم مۇنبىرى ياشلار تەركىبىنى ئاساس قىلغان جەڭگىۋارلىققا تولغان مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ. مەن دەسلىپىدە شەبنەم تورىغا كىرگەندىن كېيىن مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئىناقلىقىنى ۋە بىرقىسىم ئەزالارنىڭ دائىم مۇنبەرنى مالىمان قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئەسلى بۇ مالىمان چىقارغانلار ھەقىيقەتەن بىلىم سەۋىيىسى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، تەجىربىسى مول ئەزالار ئىدى. بولۇپمۇ دىكى-دىككاڭنىڭ يولىغان تېمىلىرى بىزنى نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ. 2008-يىلىنىڭ <<مەھمۇد كاشغەرىي يىلى>> ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ئەزا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىگە يوللىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەللەردىكى تور بېكەتلەرنىڭ يوللانمىلىرىنى ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ قېرىنداشلىرىمىزنى قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن بەھىرلەندۈرگەن ئىدى. لىكىن بۇ ئەزايىمىز باشقا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن تازا ئەپ ئۆتمىسە كېرەك داۋاملىق گەپ تەگىشىپ قالاتتى، پۈتۈن ئىنكاسلاردا مالىمان چىقاردى دەپ بىر قانچە ئەزالارنى تىللاپ چىقاتتى نۇرغۇن ئەزالىرىمىز سەن ئۇيغۇر دوپپىسىنى كېيىۋېلىپ ئارىمىزغا زىددىيەت سېلىۋاتىسەن، سەن ئۇيغۇر ئەمەس دىگەندەك سۆزلەرمۇ دېيىلگەن ئىدى. لىكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي بولمايدۇ، دىكى-دىككاڭنىڭ بەزەن تېمىلىرى ھەقىيقەتەن ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مۇھتاج بولغان يوللانمىلار ھېسابلىنىدۇ. كېيىنچە بۇ مەسىلىلەرمۇ ئاساسەن ھەل بولۇپ سەل بېسىقىپ قالدى. مۇنبەرلاردە ئىناقىلىقنىڭ تەكىتلىنىپ تۇرىشى بىلەن شەبنەم تورى بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ ھالەتكە يېتىپ كەلدى.
شەبنەمدىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ئائىلىدە باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئۆزلىكىنى تاپتى ۋە جاھاننى تونىدى، شەبنەم تورىنىڭ مەسئۇلىيەتچان باشقۇرغۇچىلىرى ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مۇنبەرنىڭ ساغلام ۋە تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. لىكىن ئۇزۇن بولدى مەن شەبنەم تورىدىن قاينام تاشقىنلىققا توشقان باشقۇرغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر خىل ئىناقلىق ۋە يېقىنلىقنى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرىكى قابىل مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى جىمىقىپ قالدى، ئەگەر بىرەر ياخشى تېما يوللىنىلغان بولسا كۆپلىگەن باشقۇرغۇچىلار قوللاپ قۇۋەتلەپ ۋە تەكلىپلەرنى بېرىپ تۇراتتى،ھازىر بولسا باشقۇرغۇچىلار <<تىنىچ كۈن كەچۈرۈش>>كە كۆنۈپ قالدى. قىسقىسى جىمىپ قالدى، لىكىن بەزەن باشقۇرغۇچىلار داۋاملىق ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ ۋە پىداكارلىق بىلەن مۇنبەرگە قان-تەر ئاققۇزۇپ كەلمەكتە. بۇ باشقۇرغۇچىلار كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. مىنىڭ شەبنەم مۇنبىرىدىكى باشقۇرغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىم: ئىناق،ئىتىپاق بولسا، ئارىدا ئۇقۇشماسلىق بولسا ھەل قىلىشسا بۇرۇنقى شەبنەم ئائىلىسىنىڭ ئىللىقىلىقىنى قايتا نامايەن قىلسا، بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشسا، كېيىنكى بىر ئەۋلاد مۇنەۋۋەر ئەزالارنى يېتىشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۈلگە كۆرسەتسىكەن دىگەن ئۈمۈدۈم بار.شەبنەمدە ئۆتكەن كۈنلەر
شەبنەم تورى بولۇپمۇ شەبنەم مۇنازىرە مۇنبىرى مەن دەسلىپىدە ئەزا بولغان ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنبەر بولمىسىمۇ لىكىن كېيىنچە تورداشلارنىڭ <<شەبنەمدە دىمكىراتىيە باشقا مۇنبەرلەرگە قارىغاندا ياخشى>> دەپ قارىغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەزا سانىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇپ ئۇزۇن مۇددەت ئەزالىرى ئەڭ كۆپ مۇنبەر ھېسابلانغان <<قاشتېشى مۇنبىرى>>دىن ئېشىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يېڭى سەھىپىنى ياراتتى، كۈندىلىك زىيارەتچى سانى جەھەتتىمۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يېڭى-يېڭى رېكوتلارنى ياراتتى. ھەمدە تۇنجى بولۇپ دۇنيادىكى 100مىڭ توربەتلەر قاتارىغا كىرىپ ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ 100مىڭ تور بېكەتنىڭ ئىچىگە كىردى. ھازىر ئاساسەن80مىڭ تور بېكەتنىڭ ئىچىدە بار. بۇ ئۇيغۇر توچىلىقى ئۈچۈن زور ئىلھام بولدى ۋە دۆلىتىمىزىدىكى خەنلەردىن قالسا تور ئەڭ ئومۇملاشقا بىزدەك قابىل مىللەتكە زور ئىشەنىچ ۋە ئۈمۈد ئېلىپ كەلدى. ۋە باشقا تور بېكەتلىرىگىمۇ رىقابەت ئېلان قىلىپ بەيگىدە ئۈزۈپ كېتىپ بارىدۇ.مەنمۇ شەبنەم تورى بىلەن بىرلىكتە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشلىك تۆھپەمنى قوشۇپ كەلدىم قارايمەن، مەن بۇ جەرياندا ئاساسەن دېگۈدەك تورداشلار بىلەن ئىناق ئۆتتۈم دەپ قارايمەن، دەتالاشلارغا ئاساسەن دېگۈدەك قاتناشمىدىم،قاتناشتىم دېگەن تەقدىردىمۇ ئارىدىكى ئىتىپاقسىزلىقى يوقۇتۇشقا دەۋەت قىلدىم. بۇ جەرياندا بەزەن تورداشلارنىڭ قەلبىدە ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان بولسام، بەزەن تېمىلىرىم ئارقىلىق تېخى توردىكى بىلىلىرىمنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بەزەن تېما ئىنكاسلارغا بولغان كۆز قارىشىمنى دادىللىق ۋە كەسكىنلىك بىلەن ئوتتورىغا قويدۇم، بۇ جەرياندىكى قەتئىيلىكىم بەزەن تورداشلاردا باشقىچە تەسىرلەرنى قوزغىغان بولىشى مۇمكىن،لىكىن مەن ئۆزەم توغرا قىلدىم دىگەن ئىشلىرىمنى قىلىپ كەلدىم، مۇنبەردىكى دوسىت تارتىشىشلارغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىدىم. چۈنكى مەن ئاللا بۇرۇن بۇ مەۋھۇم دۇنياغا باشقىلار مېنى ماختىسۇن دەپ قەدەم قويغان ئەمەسمەن، مىنىڭ قىلغانلىرىم خەلقىم ئۈچۈن بولسۇن دىگەننى نىيەت قىلغانمەن. شەبنەم تورىنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرىنى ئومومىي جەھەتتىن ياخشى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.<<ئەجىبا شەبنەم تورىنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرى يوقمۇ؟>> دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئارتۇق ۋە ئاجىزلىقى بولغىنىدەك شەبنەم تورىنىڭ يېقىندىكى باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىشى كىشىنى چۆچۈتتى ۋە ئەزالارنى بىردەك نائۈمۈدتە قويدى. بۇ خۇددى تارىختىكى نۇرغۇنلىغان <<سىياسىي ئۆزگۈرۈش>> قوزغىغانلىقىغا ئوخشاش بۇمۇ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى بەلگىلىشى بولسا كېرەك، بۇنى ۋەزىر ۋە بەگلەرگە سىگنال بېرىپ قويدى دېيىشكە توغرا كەلسە كېرەك. ئاساسىي مەزمۇنى باشقۇرغۇچىلار بىردەك بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگە نۇسخىسىنى ئېۋەتىشى كېرەك، ئېۋەتمىگەنلەر بىردەك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ،دەپ ئېيتىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن باشقۇرغۇچىلارنىڭلا ئەمەس چوڭ-كىچىك ئەزالارنىڭ ئىچىگە گۇمان چۈشتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىملىكنى ئېۋەتمىگەنلەر ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ تاشلاندى، نۇرغۇنلىغان ئەزالار بەزەن باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئېلىنىپ تاشلانغانلىقىدىن ھەيران قالدى ۋە قايتا ئويلۇشۇشنى تەلەپ قىلدى. لىكىن پىلانئەسلىدىكى بويىچە ئىجرا قىلىندى.
بۇنداق قاتتىق قوللۇق بەلكىم شەبنەم تورىنىڭ تەرەققىياتىغا بەزەن توسالغۇلارنى ئېلىپ كېلىشى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈرىكى پۈتۈن ھالدا مەشغۇلات قىلىشىغا روھىي بېسىم ئېلىپ كېلىشى، ئەزالار ئارىسىدا باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن گۇمانلىنشىدەك مەسلىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، باشقا مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ مۇشۇنداق پىلاننى يۈگۈزگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق دىيارىم،سەلكىن مۇنبەرلىرىدە بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى دەپ قارايمەن.مەيلى قانداقلا بولسۇن مىنىڭ تەۋسىيەم: باشقا تور بېكەتلار ھەرگىزمۇ بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانماسلىقنى ئۈمۈد قىلىمەن، بۇنىڭ تەسىرىنى باشقا تور بېكەتلەرمۇ كۆردى دەپ قارايمەن.
شەبنەم رادىئوسىغا بارىكاللا
شەبنەم تورى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بايراقدار كارخانىلىرى بولغان ئارمان،ئىخلاس شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورۇنتۇپ تېخىمۇ دادىل ئىلگىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن شەبنەم تورى يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ شەبنەم رادىئوسىنى يولغا قويدى. توردا ئۆزى رادىئونى يولغا قويۇش خەنلارنىڭ تورلىرىدىمۇ ئاز كۆرۈنىدۇ،بەلكىم كۆرۈنمىگەندۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر تورلىرى ئىچىدە بىرىنجى بولۇپ شەبنەم تورى يولغا قويدى.شەبنەم رادىئوسىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنبەرگە يوللانغان ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە ھەرخىل ئۇچۇرلار ۋە ياخشى يېزىلغان يوللانمىلارنى ئېلان قىلىپ تورداشلارغا ئىلھام بېرىش ۋە تورداشلارنىڭ ياخشى ئۇچۇرلاردىن ئوقىمايتۇرۇپلا بەھىرلەندۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق ھازىر (2009-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە) شەبنەم رادىئوسى 8-سانىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم شەبنەم تورىغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
شەبنەم رادىئوسى
http://www.xabnam.com/fm
شەبنەمگە يۈرەك سۆزلىرىم
شەبنەم تورى يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئىچىدە ئالدىدا ئۈزۈپ كېتىپ بارغان تور بېكەت بولۇش سالاھىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىپ ئۇيغۇر تورداشلىرىمىزغا ساغلام بولغان ۋە خەلقىمىزگە تېخىمۇ كۆپلەپ نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان بولىشىغا تىلەكداشمەن. ھەمدە تور بېكەت قۇرغۇچىسى نىجاد ئازاد ئەپەندىنىڭ ۋە باشقۇرغۇچى ،ئالىي ئەزا ۋە بارلىق ئەزالىرىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
2009-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 8- كۈنى
收藏到:Del.icio.us
评论
بىلوگىڭىزدىكى تېمىلارنىڭ مەزمونى خىلكەن ھەمدە بىلوگىڭىزنى شۇنداق سىپتا لاھىلەپسىز ، ھارمىغايسىز .
ئۇسلۇپ بلوگىڭىزغا بەك يارىشىپتۇ، سىزنى قۇتلۇقلايمەن.
شەبنەم مۇنبىرى ھازىر زورتەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ ،دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلەپ كېتىپ بارىدۇ. شەبنەم تورىنىڭ بۇ پىلاننى يۈرگۈزىشى بەلكىمكۈندىن كۈنىگە كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ تەققەززاسىدىن بولسا كېرەك. لىكىن مەن يەنىلا شەبنەم تورىغا ۋە شەبنەم مۇنبىرىگە ئىشىنىمەن. مەن تېخى شەبنەمنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇشتەك ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ باقمىدىم .بۇ ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە زىل ئىش. نۆۋەتتە مەن شەبنەم مۇنبىرىنىڭ ئالىي ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈپ كېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ شەبنەم مۇنبىرىنىڭ گۈللىنىشىگە جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆزۈمنىڭ بىركىشلىك ھەسسەمنى قوشۇشقا تىرىشىمەن. ئالتۇن بويىڭىز ئامان بولسۇن قېرىندىشىم.
شەبنەمدەك زور كۆلەملىك تور بېكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن خوشاللىق ئىش.
دۇنيا قارا بلوگى تەمىنلىگەن بۇ يېڭى ئۇسلۇب بلوگقا بەك يارىشىپتۇ. بلوگىڭىز كۈنسېرى راۋاجلانغۇسى!
يالقۇن ئۇسلۇپىنى تەمىنلىگەن دۇنياقارا بلوگىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. داۋاملىق ھەم سۆھبەتتە بولۇپ تۇرايلى قېرىندىشىم.