دۇنيادىكى ئۈچ مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى
Dunyadiki uch milletning alahidiliki
ئەل ئارىسىدا ئەرەبلەرنىڭ تىلى،جوڭگۇلىقلارنىڭ قولى،يەھۇدىلارنىڭ مېڭىسى،روسىيىلىكلەرنىڭ جاسارىتىگە قىل سىغمايدۇ،دەيدىغان گەپ بار.
1.ئەرەبلەر. ئۇلار ھەقىيقەتەن سۆزمەن،مەيلى ئەمەلدار ياكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن، دۇنيادىكى زور ۋەقەلەر ئۈستىدە سۆز ئاچسىڭىز ياكى بىرەر مەسىلىدە غىدىقلاپ قويسىڭىز ئۇلار ئاغزى ئېچىلغان ھامان سۆز دۇردانىلىرى تىزىلىشقا باشلايدۇ. سودا ياكى ئىجدىمائىي ئالاقىدە بولسۇن،ناتىقلىقى،قىزغىنلىقى بىلەن ھەرقانداق كىشىنى جەلىپ قىلالايدۇ. ئۇلار <<مىڭ بىر كېچە>>ھېكايىلىرىنى ئېيتىشقا ئۇستا،ھېكايە ئېيتىش ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدۇرىدۇ.ئۇلار يەنە ساياھەتكە،تەۋەككۈلچىلىككە ھېرىسمەن.
2.روسلار. روسلار ھەقىيقەتەن قەيسەر،ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ سوغۇق مۇھىتتا مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن.ئىگىز،سوغۇق مۇھىتتا ياشىغان روسلار خۇددى يىرىتقۇچ ھايۋانلاردە قورقۇمسىز خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەن. بىناكارلىقتىمۇ ئالاھىدە خاسلىقنى ئىپادىلىگەن. موسكىۋا،سانكت پېتىربورگ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن زامانىۋى بېنالار يۈرەكلىك ھالدا لاھىيلەنگەن بولۇپ، روسلارنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇزاققا سوزۇلغان قەھىرتان سوغوق پەسلىدە سۇغا چۆمۈلۈش،قار-مۇزدا چېلىشىش ئادەتلىرى روسلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىغان.
3.يەھۇدىلار. ئۈچ يەھۇدى بىر بولسا،بىر دۇنيانى ھاسىل قىلالايدۇ،دىگەن گەپ بار. ئۇلار بىلەن ئارلاشقاندىلا ئۇلارنىڭ ئىچ مىجەزلىكىنى چۈشىنىسىز. بۇنداق چاغدا زېرىكىش ھېس قىلىسىز-دە، يەھۇدىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن گۇمانلىنىسىز. بىراق يەھۇدىلار راستىنلا پاراسەتلىك. ئۇلار <<يەھۇدىلارنىڭ سودا دەستۇرى>>،<<يەھۇدىلانىڭ ئەقىل-پاراسىتى>> دېگەن كىتابلارنى ياقتۇرىدۇ. ئۇلار ئائىلە تەربىيىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بىلىدۇ. <<يەھۇدىي قامۇسى>> ھەرقانداق ئائىلىدە ساقلىنىدۇ. ئۇلار ئەشۇ دەستۇر ئارقىلىق بالىلىرىنى ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدۇ. <<يەھۇدىي قامۇسى>>نى كىچىك بالىلىرىغىچە يادىلىتىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار ئېھرام قۇرۇۋاتقاندا، ئېھتىمال ئۇلارنىڭ كىتاب ئوقىۋاتقانلىقىنى قىياسقىلىش تەس ئەمەس.
مەنبە:قانۇنچىلىق گېزىتى
评论