• 2009-01-14

    NASAتارىتقان ئالەم بوشلۇقى رەسىملىرى NASA-taritqan alem boshliqi resimliri - [جاھاننامە]

    NASA تارىتقان ئالەم بوشلۇقى رەسىملىرى
    NASA-taritqan alem boshliqi resimliri



    NASA-ئامىرىكىنىڭ «مەملىكەتلىك ئاۋىاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى» بولۇپ NASA بۇنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشىدۇر. بۇ ئورۇندا ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ھازىرغىچەNASAدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق مەزكۇر ئورۇننىڭ مۇھىم تەتقىقات-تەرەققىيات مەركىزى بولغان JPL دە يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژىنېرى سالاھىتى بىلەن ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. يېقىندا دۇنياغا داڭلىق ئۇيغۇر ئالىمى.

    ئىلگىرى ئەركىن سىدىق يېقىندا ئوپتىكىلىق سىستېمىلاردىكى فازا خاتالىقىنى ئۆلچەپ تاپىدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىپ يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپى تېخنىكىسىدا بىر يۈكسىلىش پەيدا قىلىغان ئىدى ۋە ئۇنىڭغا JPL «گرىئېن - سىدىق ئالگورىسىمى» دېگەن ئىسىمنى بەرگەن ئىدى. مانا ئەمدى بىز كىچىكىمىزدە ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز <<سىلەرمۇ تىرىشساڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ كەشپىياتلىرىغا ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسمىنى قويالايسىلەر>>دىگەن مۇشۇ سۆزى ئەمدى رىئاللىققا ئاشتى!!!

    يېقىندا ئالىم ئالەم بوشلۇقىدىكى تېلېسكوپنى يەر شارى باشقۇرۇش مەركىزىدە تۇرۇپ تەڭشەشتە ئىشلىتىدىغان بىر يېڭى تېخنىكا كەشىپ قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تېخنىكىنى ئىجاد قىلىشتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى دوكتور ئەركىن سىدىق بىلەن بۇ تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى (يەھۇدىي مۇتەخەسسىس) نى ئالاھىدە مۇكاپاتلىغان.

    كىشىنى ئەڭ خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغىنى ئالىم ئۆز نەتىجىلىرى بىلەن «2008-يىلللىق ئامېرىكىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ،2008-يىلى دۇنيا <<مەھمۇد كاشغەرىي يىلى>>، ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كىلون ساھەسىدە غايەت زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادا ئۇيغۇرلانىڭ تەسىرىنى ئاشۇردى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىغا زور ئىشەنىچ ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى.

    ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز!

     

    يۇقاردىكىلىرى NASA تورىدىن ئېلىنغان ئالەم بوشلىقى رەسىملىرى




    NASA تورى  

    http://www.nasa.gov

    收藏到:Del.icio.us