تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› ئورگان ›› پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ باي مەكتەپلەرنىڭ بىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 4
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ باي مەكتەپلەرنىڭ بىرى



    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ باي مەكتەپلەرنىڭ بىرى

     

     

    پىرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى(Princeton University) ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسى ئىشىتاتىدىكى پرىنستىن بازىرىغا جايلاشقان. مۇھىتى ئىنتايىن گۈزەل، ھەم جىمجىت. ئۇنۋېرسىتېتدا ئېينىشتىيىندەك داڭلىق پىروفېسورلار بولغان ۋە ھازىرمۇ ئىنتايىن كۆپ، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان يادرو ئېنېرگىيەسى تەجرىبەخانىسى بار. مەكتەپ تولۇق كۇرس قىسمى ۋە ئاسپىرانتلار قىسمى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. جەمئىي تۆت ئىنىستىتۇت بار، بۇلار: قۇرۇلۇش ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىلىم-پەن ئىنىستىتۇتى، بىناكارلىق ۋە شەھەر پىلانلاش ئىنىستىتۇتى، ۋېلسىن ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلىرى ئىنىستىتۇتى، ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتى. ۋېلسىن ئاممىۋى ۋە خەلقئارا ئىشلىرى ئىنىستىتۇتى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئەنئەنىسى بار. جەمئىي 32 فاكولتىت بار، داڭلىق فاكولتىتلاردىن تارىخ، پەلسەپە، ئىنگلىز تىلى، فىزىكا فاكولتىتلىرى بار. ھازىر مەكتەپتە تەخمىنەن 6610 ئوقۇغۇچى بار. بۇنىڭ 4700ى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، 1900ى ئاسپرانت. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ 55 ئىشىتاتىدىن شۇنداقلا 55 دۆلەتتىن كەلگەن. چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار %5 نى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى كانادا، جۇڭگو، سىنگاپور، ئەنگلىيە، گېرمانىيەلەردىن كەلگەن. 

     

    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىدا ھازىر 11 مىليون كىتاب بار. ھەر بىر مۇستەقىل كەسپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئايرىم كۈتۈپخانىسىمۇ بار تېخى.

     

    ئېينىشتىيىن پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىدا 22 يىل پىروفېسور بولغان. پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى 2 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، 44 ئىشىتات باشلىقىنى تەربىيەلىگەن. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقىرى ساپالىق بولۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. پرىنستىننىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۈزۈمگە چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار يازمىچە كاپالەتنامە يېزىپ، ئوقۇتقۇچى تاپشۇرغان ھەر قانداق تاپشۇرۇقنى ئىشلەشتە كۆچۈرمىكەچلىك قىلماسلىق ھەمدە ھەر قانداق ئەخلاقىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. دەل بۇ نىزام بولغاچقا، پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھان تۈزۈمى ئاتسىنتسىز تۈزۈمدە بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ قالسىلا قاتتىق جازا بېرىلىدۇ. ئادەتتە خىلاپلىق قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.

     

     

    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ باي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، مەكتەپداشلار، مۇتەخەسسىسلەر مەكتەپكە ھازىرغا قەدەر 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلغان.

     

     

    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنى 1746-يىلى يېڭى جېرسىي ئىشىتاتىدىكى ئېلزابىت قۇرغان، ئەينى دەۋردىكى نامى«يېڭى جېرسىي ئىنىستىتۇتى»ئىدى. 1896-يىلى رەسمىي «پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى» دەپ ئاتالغان. مەكتەپنىڭ شۇئارى «مەكتىپىمىز تەڭرىنىڭ كۈچى بىلەن گۈللىنىدۇ».

     

     

    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز پۇل يۈكى ئەڭ يىنىك مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئالغان پۇلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2360 ئامېرىكا دوللىرى، قالغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز ئالغان پۇلى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. بۇ پەرقتىن پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلغانسىز.

     

    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئىقتىسادىي ياردەمنى ئىلتىماس قىلىش 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. مەكتەپنىڭ مەبلىغى تولۇق بولغاچقا، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان، بۇ پۇل ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرىدۇ. ئادەتتە 13 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ھەر يىللىق ئوقۇش خىراجەت پۇلى 33 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ياتاق تاماق پۇلى 7206 ئامېرىكا دوللىرى.

     

    مەكتەپتىكى ھەربىر ئىنىستىتۇتنىڭ ئايرىم ياتاقلىرى، ئايرىم ئاشخانىسى، يەنە ئايرىم ئۆگىنىش قىلىش سىنىپى، كۈتۈپخانىسى، ئويۇن قويۇش سەھنىلىرى قاتارلىقلار بار.

     

    يەنە تېخى ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2005-يىلدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان، دۇنيادا ئالەمشۇمۇل ئالقىشقا ئېرىشكەن، كۆرۈلۈش نىسبىتى ئۇزۇن مەزگىل بىرىنچىلىكنى ساقلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى«تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمىدىكى ياش قىزلارنىڭ غايىسىدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىسى مايكول سىكوفېلدنىڭ رولىنى ئالغان ۋېنت ۋوس مىللېممۇ پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. بۇنداق كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى، مەنزىرىسى گۈزەل، دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئېلىش ئىشىنمەنكى ھەربىر ياشنىڭ ئارزۇسى. ئۇنداقتا پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تەلىپىگە قاراپ باقايلى: ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ يېزىقچە ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى 650 نومۇردىن يۇقىرى بولۇشى، تونۇشتۇرۇش خېتى بولۇشى، توفېل ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى 108 ئەتراپىدا بولۇشى، تولۇق ئوتتۇرىدا ھەربىر پەندە 90 دىن يۇقىرى نومۇر ئېلىشى كېرەك.

    پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى كۆپ ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچى بايلىقى پۈتۈن ئامېرىكا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە. ئۇنۋېرسال كۈچى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتىلارنىڭ يەنە بىرى بولغان خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتى بىلەن تەڭ ئورۇندا. شۇڭا ئامېرىكىدا پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى بىلەن خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتى تولۇق كۇرس مائارىپىنىڭ ئاۋانگارتى دەپ قارىلىدۇ. مەكتەپتە ھازىر 7 پىروفېسور نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. تارىختا جەمئىي 31 مەكتەپداش نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان نىسبىتى 1:6، بۇ دېگەنلىك ھەر 6 ئوقۇغۇچىنى بىر پىرافېسور تەربىيەلەيدۇ دېگەن گەپ. بۇنداق بولغاندا پىرافېسور يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەستايىدىل كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پرىنستىن ئۇنۋېرسىتېتى , Princeton University ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-17 7:08:20
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 589
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证