تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› توققۇزىنچى رىۋايەت-قىز ئويغاندى(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    توققۇزىنچى رىۋايەت-قىز ئويغاندى(چىمەنگۈل ئاۋۇت)



    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل ئاۋۇت
    يەتتىنچى باپ قىز ئويغاندى

     

       پەلەك پەريادىدىن پۇچۇلانغان تولۇنئاي ،قويۇق تۇمان ئارىسىدا ئاستاـ ئاستا ھىلال بولدى .قىز كۆل ئوتتۇرىسىدىكى دەرەختە كۆكۈش نۇرغا چۇلغۇنۇپ ئېسەدەۋاتاتتى :

     

    ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم ،
    يېشىمنىڭ ئورنىدا قانىم .
    قېنىم دەرياغا ئايلانسۇن ،
    كىچىپ ئۆتكىن ئەزىز يارىم .

     

    چېچىمنى تار قىلاي تۈنگە ،
    تونۇڭنىڭ تۈگمىسىنى يەش .
    يۈرەك باغرىم كاۋاپ بولسۇن ،
    نىسىپ بولغاي ماڭا ئۈنلەش .

     

    سەۋىردەك تاش بولۇپ قاتقان ،
    لېۋىمنى سەن توپان ئەيلە .
    توپاننىڭ زەۋقىدە ئوتسەن ،
    سېھىر زۇلمەتىنى چەيلە .

     

    كۆلگە ئايلانغان مېھىرلىك كۆز،كۆزگە ئايلانغان غېرىپ كۆل تەڭلا بىر چايقىلىۋىدى يىگىتلىك مەۋسۈمىدە باھارغا ،جۇنۇنلۇق چۆلىدە ناھارغا،رىيازەت تاغلىرىدا شۇڭقارغا ئايلانغان ئاشىق قېسمەتلىك يوللاردىن ئات سېلىپ كەلدى .ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆرلەۋاتقان پىراق قۇملارنىمۇ تاغ،تىكەنلەرنىمۇ گۈل قىلىۋاتاتتى ...

     

    ـ ئاھ ،خۇدا !!!


    قىز ئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى توسۇپ ،تولغانغىنىچە ئاچچىق بىر چىرقىرىۋەتتى .ئۇنىڭ نالىسىدىن ئىرىگەن يۇلتۇزلار كۆلگە سۇ بولۇپ قېتىلدى .قىز سەۋىر كۈلپىتىدىن زەرىب بىلەن يۇلقۇنۇپ يىگىتىگە قاراپ ئېتىلدى .چۈنكى قىزنىڭ كۆزى ئۇنىڭ پۇتىدىكى يارا ئېغىزىغا چۈشكەن ئىدى ...قىز ئۇچتى! ئۇچۇۋېتىپ توققۇز يىللىق كۈتۈشىنىڭ پاراغىتىنى توققۇز نەپەستە قۇچتى :

     

    سۇنۇپ شاخى سەنەم بولغان ئەلەمسىز ناتىۋانىڭمەن ،
    سېنىڭ ئشقىڭغا ئەل بولغان چۆلىڭدە ئاھۇزارىڭمەن .

     

    ئىزىپ جانىمنى سەندەلدە ياراڭغا مەن داۋا ئەيلەي ،
    جاھان رەنجىدە يەكتاسەن غېرىپلىق دەشتىنى كۈيلەي ،

     

    دىلىم دەريا، تىلىم خەندان ساڭا پەيمانە بولغايمەن ،
    قولۇڭدا ئىزدىگەن ئوقيا بېرىپ ئوقياغا قونغايمەن .

     

    ئىزادىن گەر قىزارسام ئاھ،قۇچاقىڭدا قىزىلگۈلمەن ،
    سېغىنغان دەملىرىم كەلسە يېشىمدا چۆرگىلەر تۈگمەن.

     

    قەسەمكى ئول سېنى سۆيگەن بىتاقەت باشى سەۋدادىن ،
    كۆيۈپ كۈل بولمىقى ھەقتۇر جاھانمۇ ئۇشبۇ غەۋغادىن .

     

       قىز يىگىتىنىڭ باغرىغا ئەمەس، بەلكى ئايىقىغا يامغۇردەك تۆكۈلدى .شەلۋەرەپ تۇرغان يارا ئېغىزىنى غۇنچىدەك لەۋلىرى،ئسسىق تىللىرى بىلەن شوراپ،زەھەر-زەرداپلارنى تۇپراققا ياندۇردى .يارا ئەتراپىنى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇپ- تازىلاپ ،ھالرەڭ ياغلىقىنىڭ بۇرجىكى بىلەن تاڭدى ! يىگىت توغراقتەك بەستىنى ئىگىپ ،ئوتتەك لاۋۇلدىغىنىچە پۈكۈلۈپ تۇرغان قىزنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى ....
    ئاتنىڭ كىشنەشلىرىدىن ،تۇيىقىنى يەرگە ئۇرۇشلىرىدىن جىمى ئەتراپ لەرزىگە كەلدى ...ئۇلۇغلۇق گەردىشىگە گۇۋاھ بولىۋاتقان مىۋىلىك دەرەخلەر يىنىك سىلكىندى ....قىز قۇرۇپ چاكۇچاك بولغان لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچەقۇياشتەك كۈلۈپ ،سەھەر شەبنىمىدەك لىغىرلاپ ئۇيقۇدىن ئويغاندى...



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : توققۇزىنچى رىۋايەت , چىمەنگۈل ئاۋۇت , قىز ئويغاندى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-16 1:25:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 454
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证