تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› توققۇزىنچى رىۋايەت-يەتتىنجى كېچە(چىمەنگۈل ئاۋۇت)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    توققۇزىنچى رىۋايەت-يەتتىنجى كېچە(چىمەنگۈل ئاۋۇت)



    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل ئاۋۇت

    3-باپ يەتتىنجى كېچە

     

     

        قىزنىڭ كوكۇلىسى توققۇز دەريانىڭ ئېقىنىدەك،توققۇز يۇلتۇزنىڭ نۇرىدەك،توققۇز بۇلاقنىڭ يىغىسىدەك ئەتراپقا تارالغاندا ،ئارىدىن توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى...
    ھازىر غارنىڭ ئەتراپىدا توققۇز تۈپ خورما،توققۇز تۈپ ئالما،توققۇز تۈپ گىلاس،توققۇز تۈپ ئۈرۈك،توققۇز تۈپ توغاچ،توققۇزتۈپ چىلان،توققۇز تۈپ شاپتۇل،توققۇز تۈپ ئانار،توققۇز تۈپ زەيتۇن كۆچىتى قويۇلغان بىر باغ بار ئىدى.


    قىزنىڭ كوكۇلىلىرنىڭ ئورنىغا ھالرەڭ چىچەك ئالماشقان،يىلىم ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان قوڭۇر چاچلىرى تاپىنىغا تاقاشقان ئىدى .ئۇنىڭ يالاڭئاياق پۇتلىرىنى قۇملار،سۇلار،بېلىقلار،شاماللار بىلىندۈرمەي سۈيۈۋىلىپ ۋىلىق-ۋىلىق كۈلىشەتتى:
    ـ ھەي،مەلىكە ! بىز بىلەن بىر مۇڭداشقىنە،ئۇنى سېغىندىڭمۇ؟
    قىز قىزىل گۈلدەك قىزىرىپ يىراقلارغا كۆز تىكتى...

     

    بۇلبۇلۇم كۆزۈمدە باغرىڭدىكى قان ،
    سېنى دەپ كۆيىدۇ تېنىمدىكى جان .
    بىلىمەن ئەزىزىم،تۇيىدۇ كۆڭلۈم ،
    مۈشكىلات ئاياغىڭدا بولۇر زەپىران

     

        بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىۋىدى سۇلار غۇنچىلىدى،بېلىقلارنىڭ كۆزى چەكچەيدى.قۇملارنىڭ تېنى يۇيۇلۇپ،شاماللارنىڭ كۆينىكى نەمدەلدى .پەقەت ،ئەتراپتىكى قورام تاشلارلا ئىچىدىكى تىترەكنى بىلىندۈرمەي ،جىم تۇرۇشاتتى .قىز غار ئىچىگە كىرىپ تاش سۇپىغا ئۆزىنى تاشلىدى...

    ـ جان پارەم ،يىغلىما بولدى...مەن مېھرىم بىلەن ساڭا ئەقىدە-ئخلاسنىڭ قۇدرىتىنى،دەرت-ئەلەمنىڭ ھىممىتىنى تونۇتقان،ئايىقىڭدىكى تىكەنلەرنى يۈرىكىم بىلەن يۇلۇپ قۇرۇتقان...چىدىغىن،بىزمۇ سېنى كۈتىۋاتىمىز...دۇئا لىرىمنىڭ

    بەركىتى پىشانەڭگە نۇر بولغاي قىزىم !


    ـ ئانا....


    قىزنىڭ يىغىدىن ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى.ئۇ دادىسىنىڭ قەھىرلىك ھەم مېھىرلىك كۆزلىرىنى،ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئۆزىگە ئەگىشىپلا

    يۈرىدىغان ئوماق ئاسلىنىنى خىيال قىلدى ...


    ـ مەلىكەم ،يەنە يىغلاۋاتامسەن ؟


    قىز بۇ ئاۋازدىن يىنىك سىلكىنىپ ياشلىرىنى سۈرتتى...يىگىتنىڭ يولغا چىقىش ئالدىدا دىگەنلىرىنى تەكرارـ تەكرار خىيال قىلدى :
    ـ سەن ئىشىق دۈشمەنلىرىگە زۇلۇم ،مېنىڭ ئۈمىد نۇرۇم !سەن جان مۈلكىمنىڭ ھەقدارى،مەن ھاياتىڭنىڭ پايانى...مەلىكەم ،مېنى ئەسىر قىلغان كۈلكىللىرىڭ ،بەرداشلىقىڭ بىلەن مېنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇر... .توققۇز چۆل،توققۇز تاغ،توققۇز دېڭىز نىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تىلسىمدا توققۇز تال ئوقيا بار .مەن ئۇنى ئېلىپ كىلىپ باشلىرىڭغا تاج قىلىمەن .شۇ چاغدا،بوينۇمدىكى تاشنى سېنىڭ قەددىڭدە بەختىمىزدەك ھۆر قىلىمەن...
    قىز كۆزلىرىنى بوش يۇمۇپ ئۆز-ئۆزىگە كۈلۈپ قويدى.
    ..........يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى!
    ئۇ غار ئىچىدىن چىققاندا،شۇنداق تۇيۇقسىز دەھشەتلىك بىر چاقماق چاقتىكى ،قارا قۇيۇن پەيدا بولۇپ قىزنى باغ ئىچىدىكى بىر تۈپ دەرەخكە بەنت قىلىپ قويدى .ئەمدىلا ئۇيقىدىن ئويغانغان قۇشلارپەيلىرىنى توزۇتتى،قۇملار بىردىن ـ بىردىن كۆيۈپ كۈل بولدى .سۇلار قانغا،بېلىقلار ئۇستىخانغا ئايلاندى !!!


    ـ ھاھ...ھاھ..ھاھ...قېنى ئۇ شاھزادە،قېنى ئۇ مەلىكە ؟ ئۇ قايتىپ كەلگىنىدە ۋەيران بولغان جەننىتىنى،خاراپ بولغان باغلىرىنى كۆرسۇن ... ناۋادا، ئۇسۆيگەن قىزى بەنت قىلىنغان دەرەخنى توققۇز قەدەمدە تاپالىسا،توققۇز قېتىم قىلىچ ئۇرۇپ چاپالىسا سېھىر يىشىلىدۇ .لېكىن،ئۇ،دەريادىكى قاننى سۈزۈلدۈرۈشكە،بېلىقلارنى ئۈزدۈرۈپ،قۇشلارنىڭ زۇۋانىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس ...ھاھ...ھاھ...ھاھ....

    ئەلقىسسە ،مانا مۇشۇنداق بىر زەئىپ كۈلكىگە،گۈزەللىك ھەم ساداقەتنىڭ جاھالىتىگە پەقەت،پارە-پارە بولغان قورام تاشلارلا گۇۋاھ بولۇپ قالدى....



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : توققۇزىنچى رىۋايەت , چىمەنگۈل ئاۋۇت , يەتتىنجى كېچە
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-16 1:01:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 115
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证