تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم(ئايمىنىسا سۇلايمان)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم(ئايمىنىسا سۇلايمان)



    كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم

    ئايمىنىسا سۇلايمان

     

     

    سۇنغان قەدەھتەك ئۈمىد پارچىسى،

    ئاپئاق دەرەخلەردە ئوينايدۇ ئۇسسۇل.

    ئاخشامقى نۇر سىياق كۈلگۈن خىياللار،

    چۈشلەرنىڭ يۈرىكىگە ئاقماقتا ئۇدۇل.

     

     

     

    يۇلغۇنزاردا يالتىراپ،

    باھار ماراپ ياتقان مۇزلاردەك.

    ئاياللارنىڭ سىرلانغان يۈزى،

    قىزىل چېچى،

    قىپقىزىل لېۋى.

    تۈكۈلمەكتە ئەرلەر قەلبىگە.

    كۆزى بىلەن سۆزلەپ ئۆزىنى،

    بېسىپ كىرەر ئەرلەر شەھىرىگە.

     

     

     

    ئاق ئات ئۆلگەن،

    تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈننىڭ ئارىلىقىدا.

    ئەرلەر بارمۇ-يوق؟

    مەن بىر گۈزەل قىزنى تۇققاندا.

     

     

     

    جىنسىيەتتتىن ئېچىلمايدۇ سۆز،

    ھەممە ئوخشاش، ھەتتا جىنىسسىز،

    بىلمەيسەن ئەرنى، ھەتتا ئايالنى،

    ئەنە قوغلاپ كەلمەكتە ئۇلار،

    ئېيىتقىن جېنىم، ئېيىتقىنا چاپسان،

    ئورمانزارغا قاچان كېتىمىز؟....

     

     

     

    لەپىلدەپ ياغماقتا يۇچۇن مەخپىيەت،

    قانلىرىڭنى چېچىپ قۇملارغا.

    نۇزۇرگۇمنىڭ ئاھلىرى بىلەن،

    سېنىڭ قىزىل قېنىڭ رەڭگىدە.

    چوغلۇق بولۇپ ئۈنۈپ باققۇم بار،

    ئويغانمايسەن نىچۈن ئەي بەڭۋاش؟

    كۆمۈپ قويۇپ كېتەيمۇ قۇمغا.

    كۆزلىرىڭنى ئاچ،

    بۇ  يەردە----

    جاھان يالىڭاچ،

    سىرلار يالىڭاچ.

     

     

     

    بۇ ئاخىرقى مۆجىزە ئەمەس،

    سۆيگۈ دىگەن شۇنداق مۇقەددەس.

    ئارىمىزدا تەڭ بەلگىسى يوق،

    سەن ئۆزۈڭگە قايىتقان ئادەم،

    مەن كۈرۈپمۇ باقمىغان ئالەم.

     

     

     

    يۈرىكىڭنى ئال،

    قات-قېتىنى نۇرلاندۇرايلى.

    ئاندىن،

    ئېيتىپ بەر....

    سەن  كىم؟

     كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم؟



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئايمىنىسا سۇلايمان , كىملىكىڭنى بىلەمسەن جېنىم
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-15 6:37:27
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 176
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证