تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ھەقىقىي يىلتىز (ساداقەتجان ھاجى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11091
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 28
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھەقىقىي يىلتىز (ساداقەتجان ھاجى)

    ھەقىقىي يىلتىز(نەسىر)

    ساداقەتجان ھاجى

     


    ئەي قېرى دەرەخ، قۇرىغان شاخلىرىڭنى چاتىۋەت. سارغايغان يوپۇرماقلىرىڭنى تۆكۈۋەت. نادانلىق-سېنىڭ شېخىڭ ئەمەس. رەزىللىك – سېنىڭ يوپۇرمىقىڭ ئەمەس. چۈشكۈنلۈك – سېنىڭ مىۋەڭ ئەمەس. ئەگەر سەندە قايتىدىن كۆكلەش ئارزۇسى بولسا، ئىشىنىمەنكى يۈرىكىڭ يەنە كۆكلەيدۇ. چىرايلىق چېچەكلىرىڭ يەنە ئېچىلىدۇ. مىۋىلىرىڭ يەنە جىلۋە قىلالايدۇ. چۈنكى سېنىڭ چۇڭقۇر يىلتىزىڭ بار.

     


    سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سېنىڭ تومۇرۇڭدا ئېقىۋاتقان قان ئانا زىمىننىڭ يۈرىكىدىن كەلگەندۇر. سېنىڭ يۈرىكىڭدىن كۆلەۋاتقان ئارزۇ-ئارمان شاخلىرى بولسا بىپايان ئاسمانغا ئىنتىلگەندۇر ۋە ئۇنىڭ باغرىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەركىن قۇشلارغا ھەۋەس قىلغاندۇر.

     


    سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك بىر مەۋجۇداتسەن. چۈنكى سەن ئەسىرلەردىن بىرى بۇ چۆل-باياۋاندا بىر مۆجىزىدەك ياشاپ كەلدىڭ. تالاي-تالاي بورانلار سانسىز قىتىم قەددىڭنى ئېگىپ، شاخلىرىڭنى سۇندۇرغان چاغدىمۇ يىلتىزىڭنى قۇرۇتالمىدى. سەن بۇ زىمىندا تۇرۇپ مۇقەددەس قۇياشنىڭ نۇرغۇن قىتىم زۇلمەت قەپىزىدىن ئۇچۇپ چىققانلىقىغا شاھىد بولدۇڭ. سېنىڭ غازاڭ دوزىخىغا چۈشكەن چاغلىرىڭمۇ بولغان ئىدى. لېكىن چۇڭقۇر يىلتىزىڭ ھامان پىنھان ياشنىغان. ئۈمىدۋار يۈرىكىڭ ھامان چېچەكلەشكە تەييار تۇرغان... خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات-ماماتلىق تاللاش سېنىڭ بېشىڭغا نۇرغۇن قىتىم كەلگەن...


    ئەي قېرى دەرەخ، بۇ زىمىن، بۇ ئاسماننىڭ تارىخى سېنىڭ ھەقىقىي يىلتىزىڭدۇر. بۇنداق يىلتىزنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس!

     


    لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى،ئەگەر سەن چۇڭقۇر يىلتىزىڭغا ئىشىنىپ ھارام شاخلىرىڭنى پۇتاپ تۇرمىساڭ، بۇ بىپايان زىمىن ۋە چەكسىز ئاسماندىن زىيادە ئۈمىد كۈتسەڭ، چۇقۇم قۇرۇپ قاخشال بولىسەن. ئاندىن پەقەت ياشاش ئىستىكىدىلابولىۋاتقانلارنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىدىغان ئوتۇن، قازىنىنى قاينىتىدىغان ئوت بولىسەن...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1997-يىل 2-ئاي. قەشقەر)
    «تۇرپان» ژورنىلى 1999-يىللىق 1-سان
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساداقەتجان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-30 0:00:00
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 134
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证