تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› قەشقەر(روشەنگۈل ئابدۇسالام)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halil
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 2
    iuyghur@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قەشقەر(روشەنگۈل ئابدۇسالام)

     



    قەشقەر

     

    بىر يۈرەكنىڭ ئىسمىدۇر قەشقەر
    بىر گۈزەلنىڭ يېشىدۇر قەشقەر
    يامغۇرغا ئايلىنىپ تامچە-تامچە
    ئاسمىنىمدىن ياغىدۇ قەشقەر.
    بىر روپاش ئايال ئۆتمەكتە
    قەشقەرگىلا خاس،
    بىر شېئىرنىڭ تۈگىمەس سىرىدۇر قەشقەر.

     

    شۇنداق
    قەشقەر ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن

     

    ئەنجۈر يېدىم ھېيتگاھ ئالدىدا
    سۆزلەر داڭلار،
    يۈرىكىم ئاڭلار
    لەززىتىنى يازدىم قەغەزگە.
    ھەرىپلەردۇر بىپايان دېڭىز،
    ئەنجۈر سېتىپ يۈرىدۇ بىر قىز
    ئەنجۈر يېدىم قەشقەر رەڭگىدە.
    ئۇچماقتا خىيال،قولىدا شامال
    ئۇمۇ گۈلگۈن قەشقەرگە ئوخشار.
    قەدىمىي قەشقەر كوچىلىرىدا
    ئانا تىلىم ئەنجۈردەك پىشار.
    مەن ئەنجۈرگە ئامراق
    ئۇ ئەنجۈر بىلەن قەسەم قىلدىكى،
    لېكىن خەت تونىمايدۇ سېيىت نوچى
    تۈمەن بويىدا ئۆزىنىڭ سانسىز
    لەيلەپ يۈرسىمۇ ئۆلۈم خېتى.

     

    ئېپ قاچايلى دەريانى
    ئىچىدە ئۇنىڭ قەشقەر بار
    ئېپ قاچايلى قۇياشنى
    نۇرىدا قەشقەر قىزى بار
    ئېىپ قاچايلى قەلەمنى
    ئۇندا قەشقەر ئىزى بار
    يغىلىۋالغىن قەشقىرىم
    شېئىرلىرىمدا.

     

    قەلبىم سېنى چاقىرىدۇ،
    قۇشلىرىم سېنى مەدھىيەلەپ سايرايدۇ،
    سۆزلىرىم ئۈنچە-مارجاندىن
    ئىسمىڭنى ئاسمانغا كەشتىلەيدۇ.
    بادام دوپپىلىق ئەركەكلىرىڭ
    ساما سالىدۇ،ئوينايدۇ.
    سەن كېلىدىغان يوللارغا
    ياشىم بىلەن سۇ سېپەي،
    چېچىم بىلەن سۈپۈرەي،
    ناغرا-سۇناي چېپ بېرەي،
    يايرىۋالغىن قەشقىرىم
    شېئىرلىرىمدا.

     

    بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى قەشقەر
    بىر يۈرەكنىڭ ۋەتىنى قەشقەر
    يۇلتۇز ئەنجۈر ساتقان كىچىك قىز
    كىچىك-كىچىك كۈلىدۇ قەشقەر
    پىشتى بىر سۆز ۋىلىق-ۋىلىقلاپ مىسرالىرىمدا
    «قەشقەر» ئاتىدىم قانداق گۈزەل ئىسىمدۇر قەشقەر!

     

    شۇنداق
    قەشقەر ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قەشقەر , روشەنگۈل ئابدۇسالام ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-14 2:18:23
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 372
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证