تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› گۇناھ-9(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17347
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گۇناھ-9(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

    گۇناھ(9)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


    ياتار جايىڭ جەھەننەم بولار، يېگەن ھارام ماللىرىڭ، ئىچكەن ئېشەك سۈيدۈكلىرىڭ يىلان-چايان بولۇپ، ئاغزىڭدىن كىرىپ بۇرنىڭدىن چىقار! ھە دېسىلا ئىچىگە ئېگىلىدىغان، باشقىلارنى ناھەق ئۇرىدىغان ئىپلاس قولۇڭ دوزاخ ئوتىغا تۇترۇق بولار! گۇناھلىرىڭغا ئىككى مۈرەڭدىكى پەرىشتىلەرلا ئەمەس، ئەتراپىڭدىكى ئەل-جامائەتمۇ گۇۋاھ بولالايدۇ، ئۇنچىلىك ھوقۇقىڭغا ئىشىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمە نىياز، ھۆكۈمەت ۋاقتى كەلگەندە سەندەك قوڭ سويمىنى تەرەت چالمىسىدەك تاشلىۋېتىدۇ، ئۇقتۇڭمۇ!

     

      نىياز ھويلىسىدىن جۇشقۇن قەدەمدە چىقىپ كېتىۋاتقان ئاتا-بالىنىڭ كەينىدىن قاراپ، دىمىقىدا كۈلۈپ، يەرگە نەچچىنى تۈكۈرۈۋەتتى ۋە تېخىچە كەتمەي تۇرغان خەقلەرگە قاراپ:

     

      — كۆردۈڭلارمۇ بۇ ئادەمنىڭ تەلۋىلىكىنى، ئۆزىنى ئەۋلىيا چاغلاپ ئاغزىغا كەلگەننى مۇشۇنداق دەۋېرىدىغان بولسا ئاز كۈندىلا نېرۋىسىدىن كېتىپ، ھۆكۈمەت بىر تەرەپ قىلىدىغان دىنىي تەلۋىگە ئايلىنىدۇ! بۇ ئادەم ئۆزى تۈزۈك ئەمگەك قىلماي كەچكىچە ھۆكۈمەتنى، باشلىقنى تىللاپ، ئۆزىچە زەردە بولۇپ، ساراڭدەك سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، بۇ ئادەمنىڭ گېپىگە ھەرگىز قۇلاق سالماڭلار، بۇ ئادەمنى ھەرگىز دوراپ قالماڭلار، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئادەملەرگە بولغان ھوشيارلىقى ۋە سەزگۈر سىياسىتى ھەرگىز بىكاردىن بولغان ئەمەس، بۇ ئىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار، سەزگۈر ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالماڭلار، بولمىسا ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسىلەر!خەقلەر نىيازنىڭ ھويلىسىدىن قايتىپ چىقىپ، مەخسۇمنىڭ چىڭ تاقالغان دەرۋازىسىغا قاراپ، ماخسۇمغا ۋە قارى بالىسىغا ئىچ ئاغرىتىشتى.

     

      ئاتا-بالا ئىككەيلەن شام، خۇپتەن نامازلىرىنىمۇ شۇنداق چوڭقۇر ئىخلاس بىلەن ئۇقۇدى، ناماز ئاخىرىدا مەخسۇم پەرۋەردىگارىغا بېغىشلىغان ھەمدۇ-سانالىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ھىدايەت قارى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان بىر دۇئانى قىلدى:

     

      — ئى رەھمەتلىك پەرۋەردىگارىم، مۆمىن بەندىلىرىڭنى زاماننىڭ زوراۋانلىرىدىن، ئىزگۈ ئېتىقادنىڭ زامىنلىرىدىن، ئىبلىسنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن، مۇشتۇمزور مەجۇسىيلارنىڭ مالامەتلىرىدىن، مۇھتاجلىقتىن مۇناپىقلىققا مۇپتىلا بولۇشتىن ساقلىغايسەن! رەببىمىز، بىز سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز، سەندىنلا مەدەت ئالىمىز، بىزنى ھىدايەتكە ۋە ئاخىرەتتىكى سائادەتكە مۇشەررەپ قىلغايسەن-ئامىن!

     

      سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرمىگەنلىكتىن نىياز ئۇنىڭ يېرىنى بىر پۇڭمۇ قالدۇرماي مەھەللىگە ئۆتكۈزۈۋالدى. سەمەت مەخسۇم كەنت سېكرىتارىغا ھال ئېيتىپ باردى، گېپى ئاقمىدى. ئۆز ئوغلىنىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە بولالمىغىنىغا، ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مۇنبەت زېمىننىمۇ تارتقۇزۇپ قويغىنىغا قورسىقى قاتتىق كۆپكەن مەخسۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلىپ باردى، ئۆيىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بارلىقىنى، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ كېسەلجان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا بەك ئېتىبار قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بەك دەپ تۇرۇۋالدى. يېزىلىق مائارىپ ئىدارىسى سەمەت مەخسۇمنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپ ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھىدايەت قارىنى ئوقۇشتىن”ئازاد“ قىلدى. ئەمما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپقا مەسئۇل باشلىقى نىياز بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلگەندىن كېيىن، سەمەت مەخسۇمغا ئۈچ مو يەرنىلا ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇش، ھاشارغا بۇرۇنقىدەك چىقىش، مائارىپ مەبلىغىنى تولۇق تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ قويدى. سەمەت مەخسۇمنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالى يوق ئىدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گۇناھ , ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-9 6:05:06
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 144
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证