تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› گۇناھ-8(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17347
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گۇناھ-8(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)



    گۇناھ(8)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد


     — ئۆيگە كالىدەك ئۈسۈپ كىرىپ كىشىنى ناھەق تىللىغان سىلىدەك ئادەم كاپىر بولىدۇ...

      — قايسىمىز كاپىر ھەي گۇي، قايسىمىز كاپىر، گۇناھقا گەدىنىڭگىچە پېتىپ كەتكىنىڭنى تۇيمايۋاتامسەن؟!

     

      — كاپىر، مۇسۇلماننى سىلە ئايرىيالمايلا، خۇدا ئايرىيدۇ، تولا ئەۋلىيا ئەزەمدەك بىلەرمەنلىشىپ كەتمىسىلە، ھۆرمەتلىگەننى بىلىپ، گەپ بولسا چىرايلىق قىلىپ، سۈپەتلىرىنى ساقلاپ ئولتۇرسىلا، ئەتىگىچە بىز مۇشۇ مەھەللىدە يەنە بار جۇمۇ، ئۇدۇل قوشنا بولۇپ قاپتۇق، ئەمدى يامان ئېتىشىپ قالمايلى!

     

      — ئېتىشقىڭ بولسا ئېتىشىمەن، سەندەك غالچىدىن قورقۇپ قالمايمەن، سەندەك قۇرۇق تېرە تاراقشىتىدىغان مۇناپىقلارنى تولا كۆرگەنمەن! بىگۇناھ بالىنىڭ بۇرنىنى قانىتىپ نۇرغۇن قاننى ئاققۇزىۋېتىپ يەنە تېخى ھېچ ئىش يوقتەك بىغەم ياتىسىنا، كېلە، سېنىڭ بۇرنۇڭنىمۇ بىر قانىتىپ باقاي، بۇزۇق قانلىرىڭ ئېقىپ كەتسۇن!-سەمەت مەخسۇم نىيازنىڭ بۇرنىغا مۇشت ئاتتى، نىياز بۇرنىنى قاچۇرۇپ، زاڭىقىغا مۇشت يېدى، ئاندىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ سەمەت مەخسۇمنىڭ ئېڭىكىگە بىرنى قويدى، بۇ مۇشتتىن مەخسۇمنىڭ ساقاللىرى تىترەپ، كۆزلىرىگە قان تولدى. سەمەت مەخسۇم پاكىز، ساغلام بولغان بىلەن ئورۇق ھەم بەدىنىدە كۈچى يوق ئىدى، ھىدايەت قارىنى ئۆگەينىڭ قولىغا قويمايمەن دەپ ئۇزاققىچە خوتۇن ئالماي يۈرگەچكە، تۇرمۇشى قىيىن، كۈتۈنۈشى ياخشى بولمىغاچقا بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئاجىزلاپ قالغانىدى. ئۇ نىيازنىڭ كانىيىنى سىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۈچ ئېلىشالماي خېلىلا ھالسىرىدى، ئاخىرىدا نىيازدىن قاڭشىرىغا قاتتىق بىر مۇشت يەپ بۇرنىنى تۇتۇپلا قالدى. ھىدايەت قارى نىيازنىڭ كەينىدىن تەپكەنىدى، نىيازنىڭ خوتۇنى ئۇنى بىر ياققا تارتىپ يۈزىگە بىر نەچچە تەستەك سالدى. ئۇرۇش-جېدەلنىڭ ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالدى، قۇلۇم-قوشنىلار ۋە ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىغانلار مەھەللە باشلىقىنىڭ ھويلىسىدا قانداق ئۇرۇش-جېدەل بولغىنىغا قىزىقىپ نەق مەيدانغا توپلىنىشقا باشلىدى. ئاۋۋال بارغانلار ئۇلارنى تېزدىن ئاجراتتى. سەمەت مەخسۇمنىڭ بۇرنىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى، ھىدايەت قارى بۇنىڭغا قاراپ ئاتىسىغا ئىچ ئاغرىتىپ ئەلەملىك ياش تۆكۈپ تۇراتتى. نىياز تاۋكادا ئۇتقان قىمارۋازدەك كۆرەڭلەپ، چوڭ رەقىبىنى يەڭگەن پالۋاندەك گىدىيىپ، ھەممەيلەنگە مەغرۇرانە قاراپ تۇراتتى، خوتۇنى خەقلەرگە بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاقلاپ، ئۇلارنى قارىلاپ توختىماي ۋاتىلدايتتى.

     

      — ساقالغا ھۆرمەت قىلغاننى ئۇقماي ئاۋۋال مۇشت كۆتۈرگەندىن كېيىن، گۇناھ ئۆزلىرىدە بولغاندىكىن، ھارام قانلىرى ئاقتى ئەنە، بۇ ماڭقىلىرىنىڭ بۇرنىدىن ئاققان قانمۇ شۇ، ئەيىپ كىمدە بولسا شۇنىڭ ھارام قېنى ئاقىدۇ! بۇ داۋلىنى ئەل-جامائەتمۇ بىلىدۇ!-دېدى نىياز خەقلەرگە خۇددى مەجلىس ئېچىۋاتقاندەك جاراڭلىق سۆزلەپ،-ساقالنى مەيدىگە قويۇۋالغان بىلەن كاللا ئىشلىسە ھېساب! كىچىك بالىنىڭ گېپىگە كىرىپلا كالىدە ئۈسۈپ كىرەۋەرگەن بىلەنلا بولمايدۇ-دە، گەپ بولسا چىرايلىقچە دېمەمدۇ چوڭ ئادەم دېگەن، سىلىمۇ مۇشۇ مەھەللىدە يۈز-ئابرويلۇق ئادەم، ئاتا-ئانىمىزمۇ بۇرۇندىنلا ئىناق قوشنا بولۇپ ئۆتكەن ئادەملەر، بۇنى نېمىشقا ئويلىمايلا دەيمەن، ساراڭدەك يۈرۈپ ئۆزلىرىنى ئۇنداق تاشلىۋەتمىسىلە، بولمىسا ئەل-جامائەت ئالدىدا بىر تىيىنچىلىك ئىناۋەتلىرى قالمايدۇ!

     

      — تولا كاپشىما قانخور مۇناپىق!-دەپ ۋارقىرىدى مەخسۇم قول ياغلىقى بىلەن بۇرنىدىكى قاننى سۈرتكەچ،- ئەمەلدارمەن دەپ چوڭ سۆزلىمە، خەقنى ئالدايمەن دېمە، سەن بەدبەخ خەقلەرنى بوزەك قىلىپ يامان ئۆگىنىپ قالدىڭ، بۇ مەھەللىدە سەن بوزەك قىلمىغان ھېچكىم قالمىدى، ئاخىرەتتە بۇنىڭ جازاسىنى تارتىسەن، ھەددىڭدىن بەك ئېشىپ كەتمە، ئاخىر ھاراقنى تولا ئىچىپ قان قۇسۇپ ئۆلىسەن!



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گۇناھ , ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-9 6:02:26
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 150
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证