تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› گۇناھ-5(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17488
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 882
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    گۇناھ-5(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)



    گۇناھ(5)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد


    — خوتۇننى بىكارغا ئالغىلى بولامدۇ نىياز ئاخۇن؟ بانكىنىڭ قەرزى بىر مۇنچە، يەنە باج-سېلىق دەپ كېلىسىلە، ئۆيدىكى بىساتنىمۇ سېتىشقا ئاران قېلىۋاتساق، بالىنى ئوقۇتىدىغانغا نەدە پۇل! مانا ھازىر خەقتىن پوشكال-كۆمەچ تىلەيدىغان ھالغا كەپقالاي دېدىم...

     

      نىياز بىلەن خانىم گەپكە كەلگەندە ھېچنېمىدىن يانمايدىغان بۇ سۈرلۈك، جاھىل موللامدىن ئىچى پۇشتى.

     

      — موللا ئادەم دېگەن مۇلايىم، يۇۋاش بولىدىغان؛ سىلىنىڭ بۇ قاغا تۇمشۇق ئېغىزلىرى نېمانچە ئىتتىك، پەيلىلىرى نېمانچە يامان؟!- دېدى نىياز گېپى ئۆتمىگەنچە خانىم ئالدىدا جىددىيلىشىپ- مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى، ھۆكۈمەتنىڭ دېگىنىنى قىلىمەن، سىلى بىر پۇقرا، ئەگەر تۈزۈمگە بويسۇنمايدىكەنلا، ساقاللىرىغا قاراپ ئولتۇرمايمەن، قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرىمەن، مەندىن رەنجىمىسىلە!

     

      — خۇدادىن قورقمىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ ئۇكا، تىرماقچىلىق ئەمەل تۇتۇپ جاھان مېنىڭ دەپ ئويلاپ قالماڭ، خۇدايىم بۇ جاھاننى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ!

     

      — جاھان ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا، قېنى قانداق قىلالايلا؟! ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىپ باقسىلا قېنى؟!

      — ئۇكام، نېمانداق قاملاشمىغان گەپ قىلىسىز، كىم ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىمەن دەپتۇ!؟

      — سىلىنىڭ ئاشۇ كونىلىقتا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىققا قارشى تۇرغانلىقلىرى، ھۆكۈمەت قىل دېگەننى قىلمىغانلىقلىرى ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكە مەخپىي قارشى تۇرغانلىق!

     

      — سىز شودۈيجاڭ تۇرۇپ ھۆكۈمەت قىل دېگەننى قىلىپ خەقنى باي قىلالىدىڭىزمۇ؟ ھۆكۈمەت ماۋجۇشىنىڭ گېپى بويىچە خەلق ئۈچۈن ئىشلەڭلار دېسە ئۆزەڭلا ئۈچۈن ئىشلەپ، ئۆز نەپسىڭلىگە چوغ تارتتىڭلا، قىلغان ئىشلىرىمىزنى خەق كۆرمەيدۇ، ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ دەمسىلە؟!

     

      — سىلە قوڭغا ئۇرۇپ گەپ تاپمىسىلا!-دېدى نىياز چىچاڭلاپ- ھۆكۈمەت كادىرىغا بەتنام چاپلىسىلا ئاقىۋەتكە ئۆزلىرى مەسئۇل مەن دەپ قوياي! بىز پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىمىز، مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىغا بويسۇنمايدىكەنلا يەرلىرىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋالىمىز، ھەر قېتىملىق ھاشارغا تولۇق چىقىلا، مائارىپ پۇلىنى تولۇپ تاپشۇرىلا، مۇشۇ مەھەللىدىلا بولىدىكەنلا ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى ئادا قىلماي قۇتۇلالمايلا! يەنە شۇنىمۇ دەپ قوياي، سىلىگە بىر چېكىت ئۇرۇلدى، ھوشىلىرىنى يىغىۋالسىلا!- نىياز خانىمنى باشلاپ كەتتى.

     

      سەمەت مەخسۇم ئۇزاق ئوقۇلىدىغان پېشىن نامىزىنى ئوقپ بولۇپ، جاينامازدا خىيال سۈرۈپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيۋاتقان سۈر-ھەيۋەتلىك ئاۋازلار نەدىندۇر پەيدا بولغان مۇناپىق شەيتاننىڭ مەسخىرىلىك تىۋىشىدەك ئاڭلىنىپ، ئۇنى بىزار قىلاتتى.”قىيامەت يېتىپ كېلىۋاتامدۇ- نېمە؟“ دەپ ئويلايتتى مەخسۇم قولىدىكى تەسۋىنى چىڭ تۇتۇپ،” ئەجەپ بىر زامان بولۇۋاتىدۇ، ئادەملەر شەيتاننىڭ پوقىنى پۇراۋېرىپ سەسكىنمەيدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ زاماننىڭ سېھىر-ئەپسۇنىدىن بىغۇبار بالىلارنىڭ ۋە بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ بېشى قېيىۋاتىدۇ، توغرا يولدىن ئېزىۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام’ بىر ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەمنىڭ قولىغا قالغاندا قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ‘ دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن، بىز بىچارە خەق مانا مۇشۇ نىيازدەك مەرەزنىڭ قولىغا قالدۇق. تۆنۈگۈنلا تېخى بىر نان تۇتقۇزۇپ قويسا يېيەلمەي ماڭقىسىغا سۇۋاپ يۈرۈيدىغان تاز بۈگۈن مانا نان بەرگەن ئاكىسىنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىشقا قوپتى. قېنى شۇنداق قىلسۇن، خۇدايىمنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ نەگە ئاپىرىدىكىن! ئەمدى بارغانچە تەس كۈنگە قالىدىغان ئوخشايمىز، مەنغۇ بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتەرمەن، ئەمما ئوغلۇم قانداق قىلار؟ مەن كەتسەم ئۇ بۇ دۇنيادا قېلىپ نېمە كۈنلەرنى كۆرەر؟! بالىلىق كۆڭلى بىلەن ھازىرقىدەك پاك ياشارمۇ يا كېيىن دۇنياغا ئالدىنىپ ئېزىپ كېتەرمۇ؟! ئاھ، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىم، بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن، بالامنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ئادەم بولۇپ، ئۆمۈر بويى ھىدايەت يولىدا مېڭشىغا مەدەت بەرگەيسەن!“



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گۇناھ , ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-9 5:52:18
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 348
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证