تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› گۇناھ-3(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17347
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گۇناھ-3(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)



    گۇناھ(3)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

    ھىدايەت قارى باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا پۈتتۈرگەچكە يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە يوللاندى. بالا يىغقىلى چىقىدىغان مۇئەللىملەر كەلمەستىلا سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى سۆگەتتال مەھەللىسىدىكى داۋۇت داموللامغا تۇتتۇرۇپ بەردى. مەكتەپكە بالا يىغقىلى چىققان چىرايلىق خانىم بىلەن مەھەللە باشلىقى نىياز سەمەت مەخسۇمنىڭ ئۆيىگە كەلدى. نىياز سەمەت مەخسۇمنى بۇ مەھەللىدە ئەڭ مۇتئەسسىپ دەپ ئويلايتتى ھەمدە قايتىدىن بىر مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى قوزغىلىپ ئۇنىڭ ئەڭ باشتا تارتىپ چىقىرىلىپ ئەدەبلىنىشىنى، سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيىنىڭ بۇ مەھەللىدە قايتىدىن ھەقىقىي تۈردە قانات يېيىشىنى، مائارىپ، يېزا-پەن تېخنىكىسىنىڭ گۈللىنىشىنى، دېھقانلارنىڭ 2000-يىللارغىچە ھاللىق سەۋىيىگە يېتىشىنى ، بۇ مەھەللىنىڭ ھەر جەھەتتىن نەمۇنىلىك مەھەللە بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىردىنلا ئۆستۈرۈلۈپ كەنت باشلىقى، يېزا باشلىقى، ھەتتا ناھىيىگە ھاكىم بولۇپ سايلىنىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، بۇ خۇددى كېسەلدىن ئۆلەي دېگەن ئادەم يەنە ئۇزاقراق ياشاشنى ئارزۇ قىلغانغا ئوخشايتتى. ئۇ بۇ مەھەللىدە ھۆكۈمەتنىڭ سىمۋولى ئىدى، خەقلەر ئۇنىڭغا يىراقتىن سالام بېرەتتى. سەمەت مەخسۇم ئوغلىنى قوشنا مەھەللىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كەتكەن دەپ يالغان سۆزلەشكە پېتىنالماي، راستىنى ئېيتىشتىنمۇ ئەنسىرەپ تۇرغاندا نىياز چىرايلىق خانىمنىڭ ئالدىدا ئۆز ھوقۇقىنى ھەيۋەت بىلەن ئىشقا سالدى:

     

      — ھە مەخسۇمكا، بالىلىرى قېنى، بالىلىرىنى چىقىرىپ بەرسىلە، ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئادەم كەلدى!

     

      سەمەت مەخسۇم قايغۇلۇق ھال ئېيتتى:

     

      — ئۆزىڭىز بىلىسىز ئۇكام، ئايالىم ئۆلۈپ كېتىپ، بالام ئىككىمىزلا قالدۇق، ئۆي ئىشلىرى، ئۇلاغ-قارىنى باقىدىغان ئىشلار مۇشۇ بالامغىلا قالدى، مەن بۇ يالغۇز جېنىم بىلەن ھەممىگە تەڭ يېتىشىپ بولالمايمەن! مۇشۇ يېقىندىن تېنىم ئاجىزلاپ قالدى، جىق ئىشلارغا كۈچىيەلمەيمەن. مەكتەپ يېقىنراق بولسىغۇ بىر گەپ، ئارىلىق خېلى بار. كىچىككىنە بالا يول جاپاسى بىلەن ئۆي جاپاسىنى تەڭ تارتىپ تۈگىشىپ كېتەمدىكىن دەيمەن...

     

      — بالىلىرى ئەلا ئوقۇپتىكەن، ئىش دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ، بالىنى يەنىلا ئوقۇتقانغا يەتمەيدۇ،-دېدى خانىم. سەمەت مەخسۇم بۇ يالاڭباش خانىمغا قاراپ، ئوغلىنى ئوقۇتۇشتىن تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندى.

     

      — بالىنى ئوقۇتسىلا ھاشاردىن قۇتۇلىلا، ئېتىز ئىشىمۇ تۈگەر، ئۆينىڭ ئىشىمۇ تۈگەپ قالار، بالىلىرىنى چىقىرىپ بەرسىلە، بۇ ئىشتا سىلىگە ھەرگىز يېلىنىپ قالمايمىز، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋېرىمىز!-دېدى نىياز تەرىنى تۈرۈپ.

     

      — بالامنى باشلانغۇچتا بەش-ئالتە يىل ئوقۇتتۇم،-دېدى سەمەت مەخسۇم جانلىنىپ،- چىداپ ئوقۇتتۇم، ھېلىمۇ جان ئاز قالدى، ئەمدى ئوقۇتسام بۇ جاننى شۇنىڭغا سېپ بەرسەم بولىدۇ!

     

      — بالىلىرىنى گۆرگە بىللە ئېلىپ كەتمىگەندىكىن يەنە چىداپ ئوقۇتسىلا!-دېدى نىياز گۈرەن تومۇرىنى كۆپتۈرۈپ. خانىممۇ مەخسۇمغا ئېچىنىپ، دومسىيىپ قاراپ تۇراتتى.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد , گۇناھ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-9 5:46:18
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 161
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证