ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Oxford) ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھرىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمقى ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ بىرى.
گەرچە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئېنىق بولمىسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ تارىخىنى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ(1167-يىلى قۇرۇلغان دېگەن كۆز قاراش خەلىقئارادا ئومۇملاشقان). ھازىرغا قەدەر 900 يىل تارىخى بار.
1209-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بازار ئاھالىسىنىڭ توقۇنۇشىدىن كىيىن، بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى كامبرىج بازىرىغا بىرىپ،ئۇ يەردە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى ياراتقان. مۇشۇ قىتىملىق ۋەقەدىن كىيىن ئىككى مەكتەپ ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان رىقابەتنى قانات يايدۇرغان.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر ئەنگلىيە داڭدار مەكتەپ ئىتتىپاقى «Russell Group of Universities» ۋە Europaeumنىڭ يادرولۇق ئەزاسى.
نۆۋەتتە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا 39 ئىنستىتۇت، 104 كۇتۇپخانا بار،ئۇنىڭ ئىچىدە Bodley كۇتۇپخانىسى The British Library كۇتۇپخانىسىدىن قالسىلا ئەنگلىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ كۇتۇپخانا ھىسابلىنىدۇ.ساقلانغان كىتاب سانى 600 تۈمەنگە يىتىدۇ.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەنگلىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ بەلگىسى
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ كۆرۈنۈشى
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ كۇتۇپخانىسى
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقىسىم ئۇلانمىلار
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېكىتى: http://www.ox.ac.uk
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانا تور بېكىتى: http://www.bodleian.ox.ac.uk
ئوكسفورد ئېنگلىزچە تور لۇغىتى: http://www.oed.com
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى: http://www.oup.com