كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنگىليەنىڭ كامبرىج بازىرىغا جايلاشقان بولۇپ،،ئەنگلىيەدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتىلارنىڭ بىرى.
ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار،يازغۇچىلار، سىياسىئونلار مۇشۇ مەكتەپتىن تەربىيە ئالغان.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئەڭ كۆپ چىققان ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن داڭلىقتۇر.88 نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئىلگىرى بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 70 دىن ئارتۇقراقى كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە ئەنگلىيە داڭدار مەكتەپ ئىتتىپاقى «Russell Group of Universities» ۋە ياۋرۇپا ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى «Coimbra Group» نىڭ ئەزاسى.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge) بولسا 1209-يىلى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپتە ھازىر 31 ئىنستىتۇت، 3 قىزلار ئىنستىتۇتى، ئىككى ئاسپرانىتلار ئىنستىتۇتى بار. ئوخشىمىغان ئۇسلۇپتىكى بۇ 31 ئىنستىتۇت ئىقتىسادىي جەھەتتە پۈتۈنلەي پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ. ھەربىر ئىنستىتۇت مەلۇم دەرىجىدە بىر كىچىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ،ھەربىرسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەكتەپ قا ئىدە-تۈزۈملىرى بار.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر 18071 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 5969 نەپەر ئوقۇغۇچى ئاسپرانىت.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ بەلگىىسى
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ كۆرۈنۈشى
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېكىتى: http://www.cam.ac.uk
كامبرىج ئېنگلىزچە تور لۇغىتى: http://dictionary.cambridge.org
كامبرىج نەشىرىياتى:http://www.cambridge.org
تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز http://en.wikipedia.org/wiki/Cambridge