تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    yusufahmad
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 3
    yusufahmad@foxmail.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    كامبودژا





    كامبودژا پادىشاھلىقى =Kingdom of Cambodia


    1.جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى
     كامبودژانىڭ يەر مەيدانى 181 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر.  شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان، شىمالدا لائوس بىلەن ، غەربىي شىمالدا تايلاند بىلەن قوشنا، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبى قىسمى ۋېينام بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر. ئوتتۇرا ۋە جەنۇبى قىسمى تۈزلەڭلىك، شەرق، شىمال ۋە غەربىي قىسمى تاغلىق ھەم ئېگىزلىكلەر بىلەن ئورالغان، ككپ قىسىم رايونلىرى ئورمان بىلەن قاپلانغان. كراۋانج تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىكى ئابرال تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1813 مېتىر كېلىدۇ. مىكون دەرياسىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 500 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ دەريا كامبودژانىڭ شەرقىي قىسىمىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تونلې ساب كۆلى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ كۆپ كۆل ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز ئەتراپىدا ئۇششاق ئاراللار كۆپ بولۇپ، كائوخ كوڭ ئارىلى، لوڭ ئارىلى ئاساسلىق ئاراللاردۇر. كامبودژانىڭ ئىقلىمى تىروپىك بەلباغنىڭ مۇسسۇن ئىقلىمىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گرادۇس - 29 سېلسىيە گرادۇس، 10-5 ئايلار يامغۇر پەسلى ھېسابلىنىدۇ.
     2. ئاھالىسى ۋە تىلى
    كامبودژانىڭ 2010-يىلى 10-ئايدىكى  ئاھالىسى 14 مىليون 500 مىڭ بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تىللىرى سېستىمىسى، مون-كىخمېر تىللىرى ئائىلىسىەە تەۋە كىخمىر تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىخمېر مىللىتى %90 نى، ۋېتناملىقلار 5%نى ، جۇڭگۇلۇقلار1%نى ئىگەللەيدۇ. يەنە 4%نى پۇنۇڭ ، تاي، ستيېنگ، چامپۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىلللەتلەر ئىگەللەيدۇ. دۆلەت تىلى كىخمېر تىلى بولۇپ ئورتاق قوللىنىلىدۇ، ئىنگلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ . بۇددا دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ %97 ى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، چامپۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان2.1% ئاھالە ئىسلام دىنىغا ، ئاز بىر قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.


    پايتەختى پنۇمپېننىڭ ئاھالىسى 1 مىليون 100 مىڭ (1998 - يىلىدىكى ئىستاتىستىكا). پنۇم پېن تونلې ساپ كۆلى بىلەن مىكون دەرياسى كېسىشكەن جايغا جايلاشقان، ئۇ كامبودژانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىن مەركىزىدۇر. پنۇمپېننىڭ كوچىلىرىنى سەيلە قىلغىنىڭىزدا كەڭ كەكتەن رەت _ رەت كوچىلار، تۆت پەسىل ئېچىلىپ تۇرىدىغان خۇش پۇراق گۈللەر سىزگە ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.

    ئىقتىسادى:

    كامبودژا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بىر قەدەر تەرەققى قىلمىغان دۆلەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئھالىنىڭ 70%ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزائىگىلىك كىرىمى دۆلەت ئۇمۇمى كىرىمىنىڭ 30%نى ئىگەللەيدۇ. 2010-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 2000دوللار بولغان بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى 2007-يىلى 10%، 2008-يىلى 54%، 2009-يىلى -1% بولغان. كامبودژانىڭ پۇلى كامبودژا رىلى بولۇپ 2010-يىلى بىر دوللار=4135 كىخمر رېلى غا تەڭ بولغان . 2010-يىلىغا قەدەر كامبودژادا مۇقىم تېلىفون 55مىڭ، يان تېلىاون 5مىلىيۇن 500مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 84مىڭ بولغان.

      قىسقىچە تارىخى
    كامبودژا ئۇزاق تارىخقا ئېگە مەدەنىيەتلىك دۆلەت، مىلادىيە 1 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان. مىلادىيە 9 - ئەسىردىن 14 - ئەسىرگىچە  ئانكور ئىمپىرىيسى  قۇدرەت تاپقان، مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، دۇنياغا مەشھۇر ئانكور مەدەنىيىتى يارىتىلغان. 1863 - يىلىدىن باشلاپ كامبودژا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانسىيە مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان، 1953 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مۇستەقىل بولغان. دەسلەپ قىزىل كىىمىرنىڭ قانلىق دىكتاتۇرىسىدا شۇ چاغدىكى ئاھالىنىڭ 20%دىن ئايرىلىپ قالغان بولسا، 1978- يىللىرىدىن باشلاپ كامبودژا ۋېتنامنىڭ تاجاۋۇزى، تايلاندنىڭ زىمىن ئىگەللىېرلىشىغا دۇچ كېلىپ  ئۇزاق مەزگىللىك تاشقى ۋە ئىچكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن قىزىل كىخمىر ئاجىزلىشىپ 1993- يىلى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى ۋە ھەيدەكچىلىكى بىلەن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ۋە دىموكراتىيە ئەسلىگە كەلگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كامبودژا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويغان.


      دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى
    كامبودژانىڭ دۆلەت بايرىقى ئۇچ دانە پاراللېل توغرا تىك تۆت بۇلۇڭدىن، يەنى ئوتتۇرىسى قىزىل رەڭلىك تىك تۆت بۇلۇڭدىن، ئاستى - ئۈستى ئىككى تەرىپى تەڭ چوڭلۇقتىكى ئىككى دانە تىك تۆت بۇلۇڭدىن تەركىپ تاپقان. قىزىل رەڭ بەخت - سائادەت ۋە خۇشاللىققا، كۆ رەڭ يورۇقلۇق ۋە ئەركىنلىككە سىمۋول قىلىنغان. بايراقنىڭ قىزىل رەڭلىك بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا پنۇم پېن شەھىرىنى ئوراپ تۇرغان ئانكور ئىبادەتخانىسىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، بۇ مەشھۇر بۇددا قۇرۇلۇشى كامبودژانىڭ ئۇزاق  تارىخى ۋە قەدىمىي مەدەنىيەتىنىڭ سىمۋولىدۇر.
     كامبودژانىڭ دۆلەت گېربى پادىشاھ شەمشىرى مەركىزىي سىزىق قىلىنغان، ئىككى تەرىپى ئۆز ئارا سىممېترىك شەكىلدە بولۇپ، دۆلەت گېربى مەركىزىدىكى پادىشاھ شەمشىرى پادىشاھنىڭ ھوقۇقى ھەممىدىن ئۇستۇن، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككى يېنىدا بەش قەۋەتلىك سايىۋەننى قوغداپ ت ۇرغان شىرنىڭ يسۈرىتى بار، «5» دېگەن بۇ سان كامبودژانىڭ قائىدە - يوسۇندىكى مۇكەممەللىكىگە ۋە بەخت - سائادەتكە سىمۋول قىلىنغان. ئىككى ياندىكى پالمىسىمان كاپوستا يوپۇرمىغى غەلىبىگە سىمۋول قىلىنغان. ئەڭ ئاستىدىكى لېنتىغا كامبودژا يېزىقىدا «كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى» دېگەن خەت يېزىلغان. بىر پۈتۈن دۆلەت گېربى كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھ رەھبەرلىكىدىكى بىرلىككە كەلگەن، مۇكەممەل، ئىتتىپاق ۋە بەختىيار دۆلەت ئىكەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.
      ئېلىمىز بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى
     ئېلىمىز بىلەن كامبودژانىڭ ئۇزاق يىللىق ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. 1955 - يىلى 4 -ئايدا كامبودژانىڭ دۆلەت باشلىقى سىخانوك شاھزادە ئاسىيا - ئافرىقا باندۇڭ يىغىنىدا ئېلىمىز زۇڭلىسى جوۋ ئېنلەي بىلەن تونۇشقان، بۇ جۇڭگۇ - كامبودژا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىشى بولۇپ قالغان.1958 - يىلى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەت رەسمىي دىپلوماتىك مۇناۋىۋەت ئورناتقان. 2000- يىلى 11 - ئاينىڭ ئېلىمىز رەئىسى جياڭ زېمىن كامبودژا پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2002 - يىلى 11 - ئايدازۇڭلى جۇ رۇڭقى كامبودژا پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2005 - يىلى 8 - ئايدا كامبودژا پادىشاھى ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان. 2006 - يىلى 4 - ئايدا ئېلىمىز زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، «ئومۇمىيۇزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى» ئورناتقانلىقىنى جاكارلىغان.

    ھاۋاگۈل مۇسا تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كامبودژا , ھىندىچىنا , شەرقى جەنۇبى ئاسىيا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-12-5 15:18:30
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 719
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证