تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئەللامە مۇھەممەت ئىقبال Allama.Mohammad Iqbal
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەللامە مۇھەممەت ئىقبال Allama.Mohammad Iqbal




    ئىقبال

    ۋاڭ جيايىڭ

    ئەللامە مۇھەممەت ئىقبال Allama.Mohammad Iqbal (1938-1877)، پاكىستاننىڭ ئەڭ ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشكەن مىللى شائىرى. ئۇ تۇلۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى بىلەن شىئېرنى قۇرال قىلىپ، پاكىستاننىڭ مىللى مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا باتۇرلارچە كۈرەش قىلغان.

    ئىقبالنىڭ ئەجدادى بىراخمان ئۇرۇقىدىن بولۇپ، كەشمىردە تۇرغان، كېيىن ئىسلام دىنىغا ئۆتۈپ، پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ شيالكوت شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىقبال مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى سودا بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئىقبال مۇشۇ شەھەردىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسنى پۈتتۈرۈپ، 1895-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن ئېچىلغان لاھور شۆيەنىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1899-يىلى پەنجاپ داشۆسىنىڭ ئەدەبىيات ماگىستىر ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1905-يىلى ياۋروپاغا بېرىپ، ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيىلەردە پەلسەپە ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. 1908-يىلى «پارس مېتافىزىكىسىنىڭ تەرەققىياتى» دېگەن مۇھاكىمە ماقالىسىنى يېزىپ چىقىپ، ميۇنخېن داشۆسىنىڭ پەلسەپە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، لاھور ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىغا قاتناشقان. 1911-يىلى دۆلەتلىك لاھور شۆيەنىدە پەلسەپە پروفېسسورى بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىستىپا بەرگەن. ئۇ سىياسى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى ۋە يۇقۇرى ئابرويغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، 1930-يىلى 12-ئايدا ”پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىتتىپاقى“ ئاللا ھابات مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئۇ رەئىسلىك نۇتۇقىدا مۇسۇلمانلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى لازىم، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پاكىستاننىڭ ئىدىيە ئاساسچىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. مىللى مۇستەقىللىق ۋە مىللى ئازاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا، ئۇ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئەنگلىيە-ھىندىستان لوندوندا ئۆتكۈزگەن يومۇلاق شىرە مەجلىسىگە قاتناشقان. ئۇ كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جەسىدى لاھور ئاباتتىكى شاھ مەدرىسىگە قويۇلغان. پاكىستان بۇ مىللى شائىرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، شائىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 11-ئاينىڭ 9-كۈنىنى ”ئىقبال كۈنى“ قىلىپ بېكىتتى، يىلدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.

    ئىقبال ئوردو ۋە پارس يېزىقلىرىدا شىئېر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1899-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ «يىتىمنىڭ زارى» دېگەن شىئېرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان. بۇ شىئېردا شائىرنىڭ دۆلەتنىڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شىئېرىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى شىئېرلىرىدىن كىشىلەر مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زارلىرىنى ۋە مۇستەملىكىچىلىككە، شۇنداقلا ئۆزگە مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان خەلقنىڭ غەزەپ ساداسىنى ئاڭلايتتى. ئۇ شىئېرلىرىدا ھەر مىللەت خەلقىگە دىنىي ماجرالارنى تاشلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھەققىدە مۇراجەت قىلاتتى، ھاياتىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېزىلغان شىئېرلىرى تەبىئىي تاغ-دەريالارنى، باغ، ئورمان مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلەش جەھەتتە داڭلىق بولۇپ، شائىرنىڭ ۋەتەننىڭ تاغ-دەريالىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان ھىسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئۇنىڭ «كارۋاننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازى» (1924) دېگەن شىئېرلار توپلىمىدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاساسى تېما قىلىنغان شىئېرلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ئەسەرلىرى ئاساسەن، ئىسلام دىنىغا ئائىت ئەقىلىيە شىئېرلاردىن ئىبارەت. دەل مۇشۇ شىئېرلار ئۇنى دۆلىتى ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى شەرقتىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىمۇ يۇقۇرى ئاتاققا ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى «خۇدىنىڭ سىرى» (1915). بۇ شىئېرلار توپلىمىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنى پەلسەپە قائىدىلىرى ھەققىدىكى ئىدىيە سېستىمىسى-خۇدى پەلسەپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ”خۇدى“ پارس ۋە ئوردو تىللىرىدا ”ئۆزى“، پەلسەپىۋى ئوقۇم جەھەتتىن ”ئۆزىنى بىلىش“ دېگەن مەنىگە ئىگە. ئىقبالنىڭ دىنىي پەلسەپە قائىدىسى بويىچە قارىغاندا، كىشى ئۆزىنى بىلسە، ئاندىن ”بېجىرىم ئادەم“ بولۇپ چىقالايدۇ، ئاندىن ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرى بويىچە بىر غايىۋى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى قۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بولغان ئەقىلىيە شىئېرى «بىخودىنىڭ سىرى» (مەنىسى «يوقنىڭ سىرى» 1918) بولۇپ، ئۇنىڭدا خۇدى پەلسەپىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا شەرھىلىگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. «جەبرائىلنىڭ قانىتى» (1935)، ئۇنىڭ خۇدى پەلسەپىسىنى شەرھىلەيدىغان يەنە بىر شىئېرلار توپلىمى. «گېرىمنىڭ پەشۋاسى» (1936) دېگەن شىئېرلار توپلىمىنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «زامانىمىزدىكى ئۇرۇش خىتاپىغا قارشى تۇرايلى» بولۇپ، ئۇنىڭدا جاھانگىرلارنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيىسى، زۇلمىغا ۋە غەرپ كاپىتالىزىمىنىڭ چىرىكلىكى، چۈشكۈنلىكىگە شىددەتلىك زەربە بەرگەن. «ئاجىم ھەققىدە داستان» (1927)، ئاپتور ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان پارسچە لېرىكىلار توپلىمى. «شەرقتىن خەۋەر» (1929) بولسا، گيوتېنىڭ «غەرپ بىلەن شەرق توپلىمى»نى ئوقۇغاندىن كېيىن باشقا پىكرى تۇغۇلۇپ يېزىپ چىققان شىئېرلار توپلىمى. ئىتالىيە شائىرى دانتېنىڭ «ئىلاھ كومېدىيىسى»گە تەقلىت قىلىپ يازغان «ئەبىدى ھايات» (1932) دېگەن شىئېرلار توپلىمىدا، ئۇ يېڭى ئەۋلاتلارغا بولغان سەمىمى ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن. «يەنە نىمىلەرنى قىلىش كېرەك، ئىخ، شەرق مىللەتلىرى» (1936) دېگەن شىئېرلار توپلىمى، ئاساسەن، ئافغانىستانغا قىلغان ساياھىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى يېزىلغان ۋە قەدىمقىلارنى ئەسلەش يۈزىسىدىن يېزىلغان ئەسەر. ئۇنىڭ بىلەن «خەجنىڭ سوغىسى» (پارسچە ۋە ئوردوچە، 1938) دېگەن شىئېرلار توپلىمى شائىرنىڭ يېزىپ بۇلالمىغان ئىككى ئەسىرى.

    30-يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئىقبال ئۆزىنىڭ داڭلىق شىئېرى «ھاراق كۈتۈش ناخشىسى»دا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنقىلابى ئىشلىرىغا بولغان ھىسداشلىقى ۋە مەدەتكارلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ: ”ئويغاندى غەپلەتتە ياتقان جۇڭگو خەلقى، بۇلدۇقلىدى ھىمالايا تاغ بۇلىقى!“ دەپ قىزغىن تەنتەنە قىلغان.

    ئىقبالنىڭ لېرىكىلىرى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە، تەسۋىرى نەپىس، ھىسسىياتى چوڭقۇر، سۆزى گۈزەل، شۇنداقلا ئۇنىڭ لېرىكىلىرى چوڭقۇر دىنىي ئەقىلىيە سۆزلەر ۋە ئېتىقاتنى ئىپادىلەش ئارتۇقچىلىقىغىمۇ ئىگە. ئىقبال بىر تەرەپتىن ئوردو ئەدەبىياتىدىكى مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى شىئېرلارنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن، پارس-ئوردو كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئىسلام دىنى ئەقىلىيە شىئېرىنىڭ ئەنئەنىلىرىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ شىئېرلىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھىكايىلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ۋە رىۋايەتلىرىدىن ئىلىنغان. ئۇ قوللانغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش ئىجادىيەت ئۇسۇلىمۇ پارس كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىدىن كەلگەن. ئەمما، ئىقبال شىئېردا ئاساسىي تېما قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن كونا ئوخشىتىشقا يېڭى مەنە بېرىپ، يېڭى مەزمۇنلارنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولغان.

    ئىقبال ئوردو دېموكىراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسى سەركەردىلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان ۋەتەنپەرۋەر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوردو ئەدەبىيات تارىخىدا شانلىق بىر سەھىپىنى ئىگەللەپ كەلمەكتە.

    ئېلى زايىت تەرجىمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەللامە مۇھەممەت ئىقبال Allama.Mohammad Iqbal
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-11-28 21:23:14
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 211
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证