ئىش بىجىرىش خاتىرىسى
رىسالەت مەردان
ھېچكىم ۋە ھېچنىمە
پەقەت ئىككى پارچە قەغەزگە
يېزىلغاندۇ بارلىق نەرسىلەر
سېنىڭ چىرايىڭ، خىياللىرىڭ، ئۈمىدىڭ
تەڭ ئەمەستۇر بىر ۋاراق خەتكە
ساقلاش، توختىماي ساقلاش
سېنىڭ ئالدىرىشىڭ
كۈتۈشلىرىڭ
ئۆيدە قىلغان ھېسابلىرىڭ
بۇ ماددىيلاشقان دۇنيادا
ھېچنىمىگە بولمايدۇ تەڭداش
تۆشۈكلەر سوغۇق
ئادەملەر يوقاپ كۆلەڭگىسى قالغان
تاشتەك كونۇپكىلارنى بېسىپ ئولتۇرۇپ
ھېچنىمىنى قىلمايسەن خىيال
ھېچكىملەردىن كۈتمەيسەن ئۈمىد
ئالدىرىاس
ھېچنىمىگە قىزىقماس
ھېچنىمىنى كۈتمەس بولىسەن
ھەممە ئىشىڭ پوتكەن چېغىدا