تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› پىسخولوگىيە ۋە مائارىپ ›› ھايیاتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان17 لېكسىيە بىرىنچى لېكسىيە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھايیاتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان17 لېكسىيە بىرىنچى لېكسىيە

     



    ھایاتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان17 لېكسىيە

    تاھىرجان ئوبۇلقاسىم

    سۆز بېشى

    بۇ لېكسىیىلەر ھایاتىڭىزدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىڭىزغا یاردەم قىلىش،  ھەمدە سىزنىڭ بىر ئۆمۈر بۆسۈش ھاسىل قىلىپ یېڭىلىق یارىتالایدىغان،  ئۇتۇق قازىنىدىغان ئىدىيە،  ھەرىكەت،  ئادەت یىتىلدۈرۈشىڭىزگە یاردەم قىلىش مەقسىدىدە تۈزۈلگەن بولۇپ،  چوڭلار قىسىمىدىكى 10 لېكسىيە،  ئوقۇغۇچىلار قىسىمىدىكى يەتتە لېكسىيە ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئىدىيە ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ،  یېڭىچە بىر ئىدىيىگە،  ھەرىكەت ئۇسۇلغا ئىگە بولىسىز،  شۇنداقلا یوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ یاخشى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ،  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھایاتىڭىزدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالایسىز. بۇ بىر یۈرۈش لېكسىیىلەر سىزنىڭ لېكسىیىلەردە ئوتتۇرىغا قویۇلغان مەزمۇنلار بویىچە سىزدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجابى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدۇرۇپ،  ھایاتىڭىزنى تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە،  خۇشاللىققا،  نەتىجىگە تولدۇرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى بىر قېتىم كۆرۈپلا قویسىڭىز ئۈنۈمى یېتەرلىك بولمایدۇ. ھەر بىر قېتىم ھایاتى كۈچىڭىز تۆۋەنلىگەندە،  ئۆزىڭىزگە یېتەرلىك روھى ئېنېرگىيە تولۇقلىماقچى بولغىنىڭىزدا بۇ لېكسىیىلەر سىزگە ھەرقاچان ھەمراھ بولىدۇ. بۇ لېكسىیىلەرنى بىر ئۆمۈر یېنىڭىزدا ساقلاپ،  ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى تۇرمۇشىڭىزدا بىر ئۆمۈر قوللانسىڭىز ئىشىنىمەنكى مۇۋاپپىقىيەتچىلەرگە خاس ھایات سىزگە بىر ئۆمۈر یار بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ سىز ھوزۇرلىنىدىغان ئەدەبى ئەسەر یاكى بىلىپلا قویىدىغان ئاخبارات ئەمەس،  بۇ سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزنى،  نەتىجىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەندۇر،  شۇڭلاشقا كىتابتىكى ھەربىر كۆرسىتىلگەن قەدەم-باسقۇچ،  تاپشۇرۇقلارنى ئەستایىدىل ئورۇنلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلغىنىڭىزدىلا ئاندىن ھەقىقى ئۈنۈمى بولىدۇ. مۇبادا سىز ھایاتىڭىزدا كۆپ جەھەتلەردە یۈكسىلىش،  بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز،  شۇنداقلا بۇخىل ھالەتنى دائىملىق ساقلىماقچى بولسىڭىز،  ئۆزىڭىزنى كەمتەرلىك بىلەن تاكامۇللاشتۇرۇشنى،  تېخىمۇ یېڭىچە كۆز-قاراش،  ھەرىكەت ئۇسۇللىرى بىلەن تۇنۇشۇپ بېقىشنى ئویلىسىڭىز بۇ لېكسىیىلەرنى تىڭشاپ،  كۆرۈپ بېقىڭ. مەن لېكسىیىلەردە ئوتتۇرىغا قویۇلغان مەزمۇنلارنى تۇرمۇشۇمدا قوللانغانىدىم،  دەرۋەقە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن یاخشى بولغانىدى. دوستلىرىممۇ،  كۇرسانتلارمۇ قوللىنىپ ئۈنۈمى ئىنتایىن یاخشى بولدى. مېنىڭچە بۇ ئىدىيە-قاراشلار،  ئۇسۇللار سىزگىمۇ ماس كېلىدۇ ھەم ئۈنۈمى بولىدىغۇ دەپ قارایمەن. بۇ لېكسىیىلەر سىزنىڭ ھەرگىزمۇ جىق ئىقتىساد،  ۋاقىتقا تەۋەككۇل قىلىشىڭىزنى تەلەپ قىلمایدۇ. سىز پەقەت ھەركۈنى چارچاپ دەم ئالغان ۋاقتىڭىزدىلا ئېلىپ كۆرۈپ قویسىڭىز یاكى تىڭشىسىڭىز،  ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىپ،  ھایاتى كۈچىڭىزنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرىدۇ. بىز ئىككىلىنىش سەۋەبىدىن جىق پۇرسەتلەرنى كەتكۈزىۋىتىمىز. ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئەھۋالنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى یاكى ئادەتتىكىچىلىكى ئەمەس،  بەلكى سىزنىڭ يەنىلا كاتەككە كۆنگەن توخۇدەك بۇرۇنقى ئىدىيە،  بۇرۇنقى ھەرىكەت ئۇسۇلىڭىزنى یېڭىلاشنى،  ئۆگىنىشنى،  یۈكسىلىشنى خالىمىغانلىقىڭىزدا. تەكلىپىم شۇكى،  سىز بۇ یاخشى ئۆگىنىش،  یۈكسىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ قویماڭ. قانچە بۇرۇن ھەرىكەتلەنسىڭىز،  شۇنچە بۇرۇن نۇرغۇن مەسلىلەرنى ھەل قىلىپ،  نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلەیسىز،  ھایاتىڭىزنى شۇنچە بۇرۇن ئەھمىيەتكە،  خۇشاللىققا تولدۇرالایسىز. ھەرىكەتلىنىڭ! ئىشىنىمەنكى خۇشال-خورام،  ئەھمىيەتلىك ھایات سىزگە پات-ئارىدا نىسىپبولغۇسى ھەم بىر ئۆمۈر سىزگە یار بولغۇسى!مۇقەددىمە قىسىمىئۇتۇقلۇق ھایات بۇ يەردىن باشلانغۇسىئەسسالام قېرىنداشلار:ھەممىمىز تۇغۇلغان تارتىپ،  تاكى تىنىقىمىز توختىغىچە نۇرغۇنلىغان یوللارنى باسىمىز،  جىق ئىشلارغایولۇقىمىز. ھالبۇكى بەزى ئىشلار بىزنى گاڭگىرىتىپ كاللىمىزغا نۇرغۇن سۇئاللارنى پەیدا قىلسا تۇرمۇشنىڭ ھەرتۈرلۈك بېسىم ھەم ئاچچىقلىرى بىزنى ئازاپلایدۇ ھەم پەرىشان قىلىدۇ. سىز نىمىگە ئەڭ ئېھتىیاجلىق؟سىزگە پۇللا لازىممۇ؟ سىزگە خىزمەتلا كېرەكمۇ؟ سىزگە دىپلوملا لازىممۇ؟ سىزگە كىتابتىكى بىلىملا لازىممۇ؟ سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇیىڭىزدىكى بۇیۇملار لازىممۇ؟ ئارزۇیىڭىزدىكى مەھبۇبىڭىزلا كېرەكمۇ؟. . . . . . مېنىڭچە جاۋابىڭىز چوقۇم،  یاق!توغرا،  بىز ئەڭ ئېھتىیاجلىقى ھەرگىزمۇ سىرتتىكى ماددى بۇیۇملار ئەمەس بەلكى بىزگە ئەڭ ئېھتىیاجلىقى بىر ئۆمۈر كۆڭۈلنىڭ ئەركىن-ئازادە،  خاتىرجەملىكى. ئىللىقلىق،  مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان ئائىلە ھەم تۇرمۇش!ھۆرمەتكە،  قىزغىنلىققا،  خۇشاللىققا تولغان ھایات!ئەلۋەتتە،  یۇقارىقى خىزمەت،  سالامەتلىك،  یۇقىرى ئوقۇش تارىخى،  بىلىم،  پۇل قاتارلىقلارغا بولغان ئېھتىیاجمۇ دەل شۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىیاجىمىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ. لېكىن ھەردائىم ئۆزىمىزنىڭ مىجەز-خاراكتېر،  ئادەت،  ئۇسۇل،  ھایاتقا بولغان تۇنۇشىمىزنىڭ ھەرخىللىقى تۈپەیلىدىن،  بەزى كىشىلەرنىڭ ھەركۈنى شۇنداق خۇشال-خوراملىققا،  نەتىجىگە تولىدۇ. ئەمما بەزىلەرنىڭ كۈنى ئىچى سىقىلىش،  ئۇھسىنىش،  غەم-ئەندىشە،  تاپا-تەنە،  ئارازلىق،  ئاچچىقلىنىش،  جەڭگى-جېدەل،  ئازاپلىنىش،  پۇشایمان قىلىش بىلەن ۋە یاكى كۈننىڭ قاچانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي باشقىلارغا تایىنىپلا خۇددى سۇنىڭ كۆپىكىدەك ئۆتىدۇ. مۇبادا بۇخىل ھالەت ئۆزگەرمەي ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشقاندا كېیىنچە بارا-بارا تۈرلۈك كەیپ-ساپا،  ھاراق-تاماكا،  زەھەر چېكىشكە،  ھەتتاكى ئۆز ھایاتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەرەققى قىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچ سىرىنى تىڭشىساق ئۇلارنىڭمۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلغۇسى یوق! پەقەت بىرەر مەزگىللىك ئوڭۇشسىزلىق،  گاڭگىراش ئۇلارنى تەمتىرىتىپ قویغان،  ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى،  ھایاتىنى یاخشىلایدىغان ھەقىقى بىر ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن. ئۇلار ھایاتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنى ھېس قىلغىچە جىق كېچىككەن! ھەم مۇھىتنىڭ،  ئادەتنىڭ سىرتمىقىدىن قۇتۇلالمىغان! خوش،  مۇبادا ئۆزىڭىز ھەم یېقىن قېرىنداشلىرىڭىز بىرىنجى خىلدىكىدەك بولغان بولسا،  مۇبارە بولسۇن!لېكىن سورایدىغىنىم،  سىز مۇشۇنداق خاتىرجەملىككە قاچانغىچە كاپالەتلىك قىلالایسىز؟ بىر كۈنمۇ؟ بىر ھەپتىمۇ؟ بىر ئایمۇ؟ بىر یىلمۇ؟ مېنىڭچە ھازىرقى بىرەر مەزگىل ئىشىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا یاخشى تۇرغاندەك قىلغان بىلەن،  كېیىنچە بىرەر ئىشیۈز بەرگەندە سىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئىككىنجى قاتارغا ئۆتۈپ قالىسىزغۇ دەیمەن. مۇبادا سىز یاكى قېرىنداشلىرىڭىز ئىككىنجى تۈردىكىدەك بولسا،  قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەجەبا سىزمۇ ئۇلارنىڭ ئازابىغا ئازاب قاتماقچى،  داغلانغان یۈرىكىنى قایتىدىن تاتلىماقچى بولامسىز؟ ئۇلارغا بېرىدىغان ئەمەلى ياردەمدىن كۆرە،  تېخىمۇ بەك بېسىم بېرەمسىز؟ یاكى ئۇلارنىڭ ئۆز تۇرمۇشىنى،  ھایاتىنى تېخىمۇ بەك خاتىرجەم قىلىشىغا ياردەم قىلامسىز؟ئاتا-ئانا بولسىڭىز باللىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك،  ئەڭ سۆیۈملۈك ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلامسىز؟خىزمىتىڭىزدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى،  ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزنى پات- ئارىدا یاخشىلاشنى ئویلامسىز؟ ئائىلە مۇناسىۋېتىڭىزنى تېخىمۇ بەك یاخشىلاشنى،  تېخىمۇ ئىناق- ئىجىل ئۆتۈشنى خالامسىز؟كەیپىیاتىڭىزنىڭ دائىم خۇشال-خورام بولۇشىنى،  كۈنلىكى 15 سائەتلەپ ئۆگىنىش یاكى خىزمەت قىلىپمۇ چارچىماسلىقنى،  سالامەتلىكىڭىزنىڭ دائىم یاخشى تۇرۇشىنى،  ھەرقانداق كېسەللىكدىن تېز ساقىیىشنى خالامسىز؟ئۆگىنىشتىكى نەتىجىڭىزنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز ئاشۇرۇشنى،  تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتۈۋېلىشنى خالامسىز؟ئۆزگەرتەي دېسىڭىزمۇ ئۆزگەرتەلمىگەن نۇرغۇن ناچار ئادەت- قىلىقلارنى ئۆزگەرتىشنى خالامسىز؟ ھایاتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق،  ئەھمىيەتلىك ئۆتۈشىنى،  نۇرغۇنلىغان یاخشىلىق،  ساۋاب ئىشلارنى قىلىۋېلىشنى خالامسىز؟ۋاقىتنى یۇقىرى ئۈنۈملۈك كونتورول قىلىشتوختاۋىسىز ھەرىكەت كۈچىنى قېزىشیۇقىرى تەن قۇۋۋىتىنى ساقلاش یۇقىرى ئۈنۈملۈك كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئائىلە،  مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى یاخشى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئىپىھەرقانداق توقۇنۇش،  بېسىم،  قىیىنچىلىقنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىششەرتى: ئاساسلىق،  20 یاشتىن تۆۋەنلەر،  ئوتتۇرا-ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،  ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئۆگىنىش ھەم كەسىپتىكى ئوقۇش نەتىجىلىرىنى یۇقۇرى ئۈنۈم،  قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆستۈرۈشنى خالایدىغانلار،  ئۇنۋېرسال مۇۋاپپىقىيەت قارىشى بىلەن تۇنۇشۇپ،  بۇندىن كېیىنكى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھایاتقا ئاساس سېلىشنى خالایدىغانلار.

     1. ھەرقانداق بىلىمنى قانداق قىلىپ تېز ئۆگىنىش ھەم ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تېزلىكتە یۇقىرى كۆتۈرۈش

    2. تىلنى تېز ئۆگىنىش

    3. ئۆزىنىڭ ھەرىكەت كۈچىنى قانداق پارتىلىتىش

    4. روھى كەیپىیاتنى قانداق قىلىپ یاخشىلاش

    5. مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار، مۇئەللىملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى یاخشىلاش ھەم مۇھەببەتلىشىشكە قانداق قاراش

    6. كۆڭۈلدىكىدەك كەسىپ ھەم مەكتەپنى تاللاش

    7. ئىمتىھانغا قانداق تاقابىل تۇرۇش

    8. مەكتەپ تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

    9. تەن سالامەتلىكنى ھەم ئەقلى ئىقتىدارنى یاخشىلاش

    10. ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەرخىل ئۆگىنىش قوراللىرى،  زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن،  كومپیۇتېر ھەم توردىن قانداق قىلىپ یۇقىرى ئۈنۈمدە پایدىلىنىش

    قوشۇمچە، ھەر بىرەیلەندە،  بىردىن قول سائىتى،  بىردىن سۇ ئىچىدىغان ئىستاكان،  بىردىن كىچىك خاتىرە،  بىردىن قەلەم،  بىردىن كۈندىلىك خاتىرە،  بىردىن مەشىق دەپتىرى بولۇش كېرەك.

    چوڭلار قىسىمى

    بىرىنجى لېكسىيە

    مۇۋاپپىقىيەت ھەققىدە

    مۇۋاپپىقىيەت بىرەر ئىشتىن نەتىجىگە ئېرىشىش،  ئۇتۇق قازىنىش دېگەنلىك بولۇپ،  بىز تۇرمۇشىمىزدا ئادەتتە مەلۇم كەسىپتە،  مەلۇم خىزمەتتە یاكى ئىقتىسادتا باشقىلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازانغان كىشىلەرنى مۇۋاپپىقىيەت قازاندى دەیمىز. بۇرۇن بىرەر كىشىنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن چوقۇم ئۇ كىشى مەلۇم ساھىدە بەلگىلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرگەن بولسىلا ئاندىن بىز ئۇ كىشىنى مۇۋاپپىقىيەت قازاندى،  دەپ ھېسابلاپ كەلگەنتۇق. بۇ بىزنىڭ نەچچە یىللاردىن بېرىقى ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش قارىشىمىز ئىدى. لېكىن ھازىرقى زاماندىكى یېڭىچە بولغان مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ بۇرۇنقى بىز تار دائىرىدا چۈشۈنۈپ ئۆتكەن،  ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىلا ئەمەس. ئۇنداقتا ھازىرقى زاماندىكى مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ كۆرسىتىدىغان دائىرىسى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمى،  دائىرىسىگە قارىغاندا قانداق پەرقلىنىدۇ؟ مەن بۇ لېكسىیىدە ئاساسلىقى سىزنىڭ ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش قارىشىڭىزنى یاخشىلىماقچى،  ھەمدە سىزگە مۇۋاپپىقىيەتنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ توغرا كۆرسىتىپ بىرىپ،  سىزنىڭ ھەرگىزمۇ تار دائىرىدە نەتىجە قازانغان كىشى ئەمەس بەلكى ھەممە جەھەتتىن ئۇنۋېرسال یېتىشكەن،  ئۇنۋېرسال مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشىلەردىن بولۇشىڭىز ئۈچۈن دەسلەپكى ئاساس تۇرغۇزماقچى. چۈنكى،  مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۇقۇمى ئایدىڭ بولمىغاندا،  مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دېمەك ئەڭ ئاۋۋال بۈگۈنگە خاس ھازىرقى زامان مۇۋاپپىقىيەت ئۇقۇمى كاللىڭىزدا ئېنىق بولۇشى زۆرۈر. ھازىرقى زاماندىكى یېڭىچە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش قارىشى شۇكى،  ئۇ ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى نوقۇل مەلۇم تار دائىرىدىكى نەتىجە یاكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بىز ئىلگىرى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنى دائىم كەسىپ ھەم ئىقتىسادى جەھەتتىكى نەتىجىسىنىلا ئۆلچەپ كەلگەن بولساق،  ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مۇۋاپپىقىيەت ئۆلچىمى ئۆزگەردى. مۇۋاپپىقىيەت بۇرۇنقىدەك سانلىق ئىپادە بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەمدى ھایاتقا بولغان تۇنۇش، یاشاش ئۇسۇلى، یاشاش جەریانىدۇر. مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىزمۇ كەسىپ،  ئىقتىسادنىلا كۆرسەتمەستىن،  بەلكى كەسپ جەھەتتە تېخىمۇ بەك خۇشاللىق ھېس قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەش ھەم زور نەتىجىنى، بۆسۈشنى ئۆزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشتۇردۇ؛ ئىقتىساد جەھەتتە: ئۆزى ھەم ئائىلىسى ھەرتۈرلۈك ئىقتىسادى بېسىملارغا ئۇچرىماي، ئۆزىنىڭ،  ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى پائالىیىتىگە ئېھتىیاجلىق ئىقتىساددىن ئەنسىرىمەي،  مۇقىم ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگە بولۇش؛ئائىلە مۇناسىۋېتى جەھەتتە: ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەردائىم خۇشال-خورام، ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھایاتنىڭ گۈزەللىكىدىن، خۇشالىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش،  ئائىلىسىدىكىلەر ئارىسىداھېچقانداق كۆڭۈلسىز تاپا-تەنە، ئاچچىقلىنىش، قېیىداشقا ئوخشاش كەیپىیاتنى ناچارلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماسلىق، ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە یۈزبەرگەن ھەرقانداق قېیىنچىلىق، بېسىم، ئوڭۇشسىزلىقنى ئائىلىسىدىكىلەر ئارا ئېغىر-بېسىقلىق، سەۋرچانلىق، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ھەل قىلىش؛ ئەر- خوتۇنلۇق ۋە یاكى مۇھەببەتلىشىش جەھەتتە: ھېسسىیاتى باشتىن-ئاخىرى یېڭىلا تونۇشقان چاغدىكىدەك ئىللىقلىققا تولۇش،  ئۆز-ئارا شەخسىيەتسىز كۆیۈنۈش،  ھەم ئۆز-ئارا ھەرگىز ۋەدە،  نىكاھ،  ئەخلاق دېگەندەك سىرتقى ئامىلنىڭ زورلىشى بىلەن ئەمەس،  بەلكى ئىچكى جەلپ قىلىش،  سىھرى كۈچى ئارقىلىق بىر-بىرسىگە تېخىمۇ ئىناق-ئىجىل بولۇش،  بىر-بىرسىنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ سۆیۈملۈك،  ئەڭ پەخىرلىك ئادەم بولۇش؛كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتە: مەیلى قانداق مۇھىت،  قانداق شارائىت بولۇشىدىن قەتئىینەزەر ھەرقانداق مىللەت،  ھەرقانداق ئىرق،  ھەرقانداق دىن،  ھەرقانداق ئىزىمدىكى كىشىلەر بىلەن ئىجىل-ئىتتىپاق ئۆتەلەیدىغان بولۇش،  ئۇلار بىلەن چىقىشىپ،  كېلىشىپ ئۆتەلەیدىغان بولۇش،  باشقىلار بىلەن بولغان یۈرەكتىن-یۈرەككە تەسىر قىلىدىغان سەمىمى دوستلۇق ئورنىتىش،  شۇنداقلا مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنى كۆپلەپ دوست تۇتۇش؛ پىسىخىك جەھەتتە: ھەرخىل ئاغرىنىش،  ئۇھسىنىش،  ئىچى-سىقىلىش،  ئاچچىقلىنىش قاتارلىق ناچار كەیپىیاتلارنىڭ تەسىرىسىز ئۆزىنىڭ جۇشقۇن،  تېتىك،  شوخ روھى ھالىتىنى دائىم ساقلاش،  ئەتىگە ئۈمىد ھەم ئىشەنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىش؛ ھەردائىم ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك تۇرالىغىنىغا ھەمدۇ-سانا ئېیتىش؛ تەن سالامەتلىك جەھەتتە: ساغلام بولغان تەن قۇۋۋىتىنى دائىم ساقلاش، كېسەللىكلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش، ھەم تېزلىكتە ساقىیىۋېلىش؛ روھى جەھەتتە: كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن بۇلۇش، ئەتىگە ئۈمىدۋار قاراش،  پىداكار بۇلۇش،  باشقىلارغا ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش روھى كۈچلۈك بولۇش، ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش؛ باتۇر،  قورقماس،  قەیسەر، ھەرخىل قىیىنچىلىقلارغا تىز پۈكمەس بولۇشقا تارلىقلاردۇر. یۇقارىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىز مەلۇم تار دائىرىدىكىلا ئىش ئەمەس. ئۇ سان بىلەن،  ئۇنۋان دەرىجە بىلەن، كىیىم-كېچەك،  یېمەك-ئىچمەك ۋەیاكى سىرتقى ئامىللار ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى مۇۋاپپىقىيەت كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىچكى روھى كۈچنىڭ پارتىلىشى، ئىچكى روھى تەڭپۇڭلۇقنىڭ سىرتتىكى ئىپادىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ جەمئىي ئېرىشكەن بارلىق نەرسىڭىزدىلا ئەمەس،  بەلكى جەمئىيەتكە،  باشقىلارغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشكەنكۆڭۈلنىڭ توقلۇق،  خاتىرجەملىك، خۇشال-خوراملىقى. ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كىشى مەیلى نەگە بارسۇن،  نەدە تۇرسۇن،  نىمە ئىش قىلسۇن شۇ ئىشتىن نەتىجە قازىنالایدىغان،  شۇ ئىشتىن خۇشاللىق ھېسقىلالایدىغان،  ئۆز ھایاتىنى مەنىلىك،  ئەھمىيەتلىك،  تۆھپىلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەلەیدىغان، ھەرخىل مۇھىت بېسىمى ۋە سىرتقى قىیىنچىلىقنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ،  ئۇنى ئۆز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئایلاندۇرالایدىغان كىشىلەردۇر. مۇۋاپپىقىيەتنىڭ دەسلەپكى باشلىنىشى ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى مۇۋاپپىقىيەتكە بولغان تۇنۇشىمىزنى یېڭىلىشىمىز، ئۆزگەرتىشىمىزدە كۆرۈلىدۇ. بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ مۇۋاپپىقىيەتكە بولغان قارىشىمىزنى یېڭىلاپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھایات ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىلگىنىمىزدىلا ئاندىن مۇۋاپپىقىيەتلىك ھایاتىمىز باشلىنىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى، ھەم ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇنقى قارىشىمىزدىكى جاپالىق، ئازابلىق ئىش ئەمەس. بەلكى ئۇ بىزنىڭ دۇنیاغا، ھایاتقا تۇتقان دۇنیا قارىشىمىز،  ھایات تاللىشىمىز،  كەیپىیاتىمىز ئارقىلىق ئېرىشكەن خۇشاللىق، ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىنىڭ ھەربىر كۈنى، ھەربىر سائىتى، ھەربىر مىنۇتى ئىنتایىن خۇشاللىق، جۇشقۇنلۇق، تېتىكلىك بىلەن ئۆتكەن بولىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ سىرتقى مۇھىتنىڭ سەلبى تەسىرىگە ئۇچرىمایدۇ. بەلكى ئۇ ھەرخىل  سەلبى مۇھىتنى ئىلاج بار ئىجابى مۇھىتقا ئایلاندۇرۇشقا تىرىشقان بولىدۇ. مۇبادا مۇھىتنى ئایلاندۇرۇش ئۇنىڭ قۇربىتىدىن بولمىسا،  ئۇ شۇ مۇھىتتىن ئىجابى پایدىلىنىدۇ ۋە یاكى ۋاقتىنچە ئایرىلىپ تۇرىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچى ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىك،  جىددىیلىك،  تەش ۋىشلىنىش،  ئەنسىرەش قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرایدۇ یاكى ئۇچرىمایدۇ. ئۇلار ھەردائىم ئىجابى تۈزەش،  قۇرۇش خاراكتېرلىك ئىش قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھەربىر تىنىقنىڭ ئۆزى ھایاتىدىكى ئەڭ خۇشاللىق، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مىنۇت. ئۇلار كىشىلەردىن ئاغرىنمایدۇ،  ئاچچىقلىمایدۇ، باشقىلارغا ئۇرۇنلۇق ئورۇنسىز زەربە بەرمەیدۇ. دېمەك، مۇۋاپپىقىيەت_ یاشاش ئۇسۇلى ھەم ھایاتقا بولغان تۇنۇشتۇر. سىزنىڭ یاشاشتىكى قوللانغان ئۇسۇلىڭىز ھەم ھایاتقا بەرگەن تەبىرىڭىزدۇر. سىز ئاكتىپ،  ئىجابى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىزمۇ یاكى سەلبى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىزمۇ،  ھایاتنى ئىجابى تەرەپتىن ئىزاھلىسىڭىزمۇ سەلبى تەرەپتىن ئىزاھلىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما ئىجابى ئۇسۇلنى قوللانسىڭىز،  ھایاتنى ئىجابى تەرەپتىن تۇنۇسىڭىز ھایاتىڭىز،  تۇرمۇشىڭىزمۇ ئىجابى تەرەپكە بۇرىلىدۇ.

    مۇۋاپپىقىيەت بىر خىل تاللاش. يەنى،  خۇشاللىق یاكى ئازابنى تاللاش، ئەھمىيەتلىك بولۇش یاكى مەززىسىز بولۇشنى تاللاش،  ئۇتۇقلۇق،  نەتىجىلىك یاشاشنى تاللاش یاكى مەغلۇبىيەتچىلىك،  نەتىجىسىز، ئاغرىنىش بىلەن یاشاشنى تاللاش. بىز دائىم ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللایمىز. تولىمۇ ئەپسۇس،  جىق كىشىلەركىیىنكىسىنى تاللاپ،  ئالدىنقىسنى تاللىمایدۇ ۋە یاكى ئىككى خىل تاللاشقا بولغان تونۇشى یېتەرلىك ھەم ئېنىقبولماسلىقىدىن،  ساننىلا قوغلىشىپ سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىچكى روھى دۇنیاغا قارىماي سىرتقىلائەھمىيەت بېرىش ۋە یاكى سۈپەتنىلا قوغلىشىمەن دەپ سانغا سەل قاراش،  ئىچكى روھى دۇنیاغا ئەھمىيەت بەردىم دەپ سىرتقى ئىپادىگىمۇ سەل قاراش شەكىللەنمەكتە.

    مۇۋاپپىقىيەت ئۇ بىرخىل تەڭپۇڭلۇق. ئۇ بىر ئادەمنىڭ ھەممە جەھەتتىن ئورتاق یىتىلىشى ھەم ھەربىرجەھەتتىكى تەڭپۇڭ ھالەت. ھەرگىزمۇ بىرەر تەرەپتىكى پەۋقۇلئاددە نەتىجە یاكى ھادىسىنى كۆرسەتمەیدۇ. ئۇئادەمدەك یاشاشنى ھەم ئادەمدەك ئەمگەك قىلىش،  تىرىشىش،  تۆھپە قوشۇشنى كۆرسىتىدۇ.

    مۇۋاپپىقىيەت بىرخىل سىزىم. ئۇ كۆڭۈلنىڭ ھەقىقى، دائىم خۇشاللىق،  ئۈمىد،  ئىشەنچكە تولۇشىدۇر. ئۆزىنى ھەردائىم بەختلىك، ئۈمىدۋار سىزىشتۇر. ئۆزىنىڭ بۇخىل سىزىمىنى ھەرگىز یوقۇتۇپ قویماسلىقتۇر. ھەرقانداق قىیىنچىلىق،  بېسىم بولغان چاغدىمۇ ئۆزىنىڭ بۇخىل قىیىنچىلىق،  بېسىملار ئارقىلىق تېخىمۇ بەك پىشىدىغان ھەم تاۋلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتۇر. چۈنكى ھەقىقى غالىبلار مۇشۇنداق قەد كۆتۈرۈپ تۇرالایدۇ، باشقىلارغا، ئۆزىگە ھەردائىم یاخشى سىزىم-كەیپىیات،  خۇشاللىق بېرەلەیدۇ. مۇۋاپپىقىيەت ئۇ خالىغان بىر نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش،  مەقسەدكە یىتىشتۇر. سىزنىڭ نىشانىڭىز مەیلى قانداق بولسۇن،  مەیلى پۇل تېپىش،  خىزمەت تېپىش،  توي قىلىش،  ئائىلە مۇناسىۋېتىنى یاخشىلاش،  بالىنىیاراملىق تەربىیىلەش،  بىرەر نەرسىنى ئۆگىنىش ۋە یاكى باشقا ئىش قىلىش بولسۇن،  مۇۋاپپىقىيەت نىشانغاپىلانلىق قەدەممۇ-قەدەم یىتىشتۇر. مۇۋاپپىقىيەت ھەربىر یىلدىكى،  ھەر بىر ئایدىكى،  كۈندىكى،  سائەتتىكى،  مىنۇتىكى ئىشلارنى(يەنى شۇ مىنۇتا،  ۋاقىتتا،  مۆھلەتتە يەتمەكچى بولغان،  قىلماقچى بولغان ئىشىنى)كۆڭۈلدىكىدەك،  مۇۋاپپىقىيەتلىك قىلىش. ھەربىر مىنۇت،  ھەربىر سائەت،  ھەربىر كۈننى كۆڭۈللۈك،  خۇشاللىق، قىزغىن كەیپىیات بىلەن ئۆتكۈزۈشتۇر. مۇبادا سىز خۇشال بولۇشنى نىشانلاپ،  شۇ كۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز،  ئۇ ھالدا سىز مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولىسىز. مۇبادا سىز پۇل تېپىشنى نىشانلاپ،  شۇ كۈندە پۇل تاپالىغان بولسىڭىز سىز مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولىسىز. ئۆگىنىش نەتىجىڭىزنى یۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشانلىغان بولسىڭىز، شۇ كۈندە ئۆگىنىشتە تۆنۈگۈنگە قارىغاندا ئالغا باسقان بولسىڭىز، ئۇھالدا سىزمۇ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىز. مۇبادا ھایاتىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولۇشنى نىشانلىغان بولۇپ،  شۇ كۈننى ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك، خۇشاللىنارلىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز،  ئۇ ھالدا سىز شۇكۈنى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بولسىز. مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ بىرەر ئۇلۇغ ئىشلارنى،  بىرەر چوڭ نەتىجىنى بىركۈندىلا،  توساتتىن تۇیۇقسىزلا ۋۇجۇدقا چىقىرىۋېتىش ئەمەس. نۇرغۇنلىغان داڭلىق خەیر-ساخاۋەتچىلار ھەرگىزمۇ بىرەر سائەتنىڭ ئىچىدە، بىرەر كۈننىڭ ئىچىدە جىق ئىشلارنى قىلىۋەتكەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەربىر كۈنى، ھەربىر سائىتى، ھەربىر مىنۇتى باشقىلارغایاخشىلىق قىلىش بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. مانا شۇنداق نەچچە مىنۇتلار یىغىلىپ نەچچە سائەتنى،  نەچچە سائەتلەر یىغىلىپ نەچچە كۈننى، نەچچە كۈن یىغىلىپ نەچچە ئاینى،  نەچچە ئاي یىغىلىپ نەچچە یىلنى،  نەچچە یىل یىغىلىپ ئادەم ھایاتىنى تەشكىل قىلىدۇ. مانا شۇنداق ھازىرقى ھەربىر مىنۇت،  سائەت،  كۈننى ئەھمىيەتلىك،  یاخشىلىق ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەندىلا ئاندىن ئۇ زورىیىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك ھایاتنى تەشكىل قىلىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىزمۇ تۇرمۇشىمىزدىن،  ھایاتىمىزدىن،  مۇھىتىمىزدىن،  ھازىرىمىزدىن سىرت بولغان، یات ئۇقۇم ئەمەس. ئۇ ھەربىر یىل،  ھەربىر ئاي،  ھەربىر ھەپتە،  ھەربىر كۈن،  ھەربىر سائەت،  ھەربىر مىنۇت، ھەربىر سىكۇنت،  ھەتتا ھەربىر تىنىقىمىزغىچە چەمبەرچەس باغلانغان ئۇقۇمدۇر. سىز نەپسىڭىزنى مۇۋاپپىقىيەتچىلارگە خاس كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تولدۇرۇپ-تولدۇرۇپ نەپەس ئالسىڭىزمۇ،  ۋە یاكى چۈشكۈنلۈك،  خاپلىق بىلەن بىلىنەر-بىلىنمەس نەپەس ئالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. گەپ،  ئالدىنقىسى مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىلارغا،  غالىبلارغا خاس نەپەسلىنىش ئۇسۇلى،  كەینىدىكىسى توخۇ یۈرەكلەرگە،  مەغلۇبىيەتچىلەرگە خاس نەپەسلىنىش ئۇسۇلى. سىز ھازىرقى تىنىقىڭىزنى تولدۇرۇپ،  جانلىق نەپەسلەنگەن بولسىڭىز،  بۇخىل نەپەس دەل مۇۋاپپىقىيەتلىك،  ئۇتۇقلىق ئېلىنغان نەپەستۇر.

     مۇۋاپپىقىيەت ئۇ بىر ھەرىكەت شەكلىدۇر. سىز ھەرىكىتىڭىزنى غالىبلارغا،  مۇۋاپپىقىيەتچىلارگە خاستېتىك،  جۇشقۇن ئېلىپ بارسىڭىزمۇ ۋەیاكى ئېغىر،  سۆرەلمىلىك،  لىڭتاسمىلىق،  ئەزمىلىك بىلەن ۋەیاكى تەنتەكلىك بىلەن ھەرىكەتلەنسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. بىرى، مۇۋاپپىقىيەتچىلەرگە خاس ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇلى ھەم شەكلى، يەنە بىرى مەغلۇبىيەتچىلەرگە، چۈشكۈنچىلەرگە خاس ھەرىكەتلىنىش شەكلى.

     مۇۋاپپىقىيەت ئۇ بىر خىل ئادەت. ئۇ ھەربىر كۈنلۈك یاشاش،  تۇرمۇش ئادىتىڭىز، سۆزلەش، مېڭىش،  تىنىش، یىیىش ئادىتىڭىز. مۇبادا سىزدە مۇۋاپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئادىتى بولسا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىسىز، ئەھمىيەتلىك یاشایسىز،  ئۆزىڭىزنىڭ ئادىمىیلىك قەدىر-قىممىتىڭىزنى ساقلىیالایسىز، ئادەمگە خاس باشقىلارغا،  جەمئىيەتكە پایدىلىق،  خەیر-ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنالایسىز. مۇۋاپپىقىيەت مەیلى قانداق ئىشقىلىشتىن قەتئىینەزەر شۇ ئىشتىن كىشى كۆڭلىدىكىدەك، ۋایىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئادىتىدۇر. مۇۋاپپىقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت پەقەتلا ئىككىنىڭ بىرىنى تاللىغاندەكلا ئىش. سىز یاكى مۇۋاپپىقىيەتنى تاللایسىز یاكى مەغلۇبىيەتنى تاللایسىز. مەغلۇبىيەتمۇ یالغۇز بىرەر ئىشتىن پۈتۈنلەي مەغلۇببولۇش ئەمەس ۋەیاكى بېسىم-قىیىنچىلىققا ئۇچراش ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكىچە بار بىلەن یوقنىڭ ئارىسىدایاشاش. بىز گەرچە ئىككىلىسىنىڭ ھېچقایسىسىنى تاللىمایمەن،  دەۋالغىنىمىز بىلەن بىزمۇ بىلىپ-بىلمەي ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىن بىرىنى تاللىغان بولىمىز. تولىمۇ ئەپسۇس،  جىق كىشىلەر  ئىختىیارسىز مەغلۇبىيەتچىلىكنى،  بار بىلەن یوقنىڭ ئارىسىدا یاشاشنى،  قىیىنچىلىق ئىچىدە یاشاشنى،  باشقىلارغا كۆیۈمسىزلىك قىلىشنى،  جۈرئەتسىزلىك قىلىشنى،  تىرىشماسلىقنى، قەتئىي نىيەت قىلماسلىقنى،  سەمىمىيەتسىزلىكنى،  ئىرادىسىزلىكنى،  مەسئۇلىيەتسىزلىكنى، ئاچچىقلاشنى،  تاپا-تەنە قىلىشنى،  مەززىسىز پاراڭ قىلىشنى،  ئۆسەك سۆز قىلىشنى،  باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشنى،  ئىناق-ئىجىل ئۆتمەسلىكنى،  قىتىغۇرلۇقنى،  ۋىجدانسىزلىقنى،  كېسەل بولۇشنى،  ئازاپلىنىشنى،  ئۇھسىنىشنى،  ئىچ سىقىلىشنى،  پۇشایمان قىلىشنى،  ئۆزىمىزنى مەست قىلىشنى،  ھایاتىمىزدىن ۋاقىتسىز،  ئەھمىيەتسىز ئایرىلىشنى تاللاپ قالدۇق،  خۇددى بىزچە بولغاندا یاشاشمانا شۇ خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكتەك. بىز تاللاشنى ئۆزگەرتىشىمىز،  يەنى ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىمۇ ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەتچىلەرگە خاس خۇشال-خورام،  جۈرئەتلىك،  ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك یاشاشنى تاللىشىمىز كېرەك.

     مۇۋاپپىقىيەت-ئۆزلۈكسىز ئالغا بېسىشتۇر،  تۆنۈگۈنگە،  ئۆتمۈشكە،  ئابایىغا قارىغاندا ئالغا بېسىشقا،  خۇشال-خورام،  ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك ئۆتۈشكە بولغان ئىنتىلىشتۇر. مۇۋاپپىقىيەتلىك یاشاش  سەمىمىیلىك، تىرىشچانلىق،  ئىجادچانلىق،  باتۇرلۇق،  یاردەم قىلىش،  تۆھپە یارىتىش،  خۇشخۇیلۇق، كەمتەرلىك،  كىچىك پىئىللىق،  جۇشقۇن،  تېتىكلىك،  كۆیۈمچانلىق،  ئىناق-ئىتتىپاقلىق،  نەتىجىلىك، ئىچكى روھىي خاتىرجەملىكبىلەن یاشاشتۇر. مۇۋاپپىقىيەت كۆڭۈلنىڭ قات-قېتىدىكى روھى توقلۇقتۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئېقىمغا ئەگىشىش،  مۇستەقىل پىكىر،  قاراشقا ئىگە بولماسلىق ئەمەس. مۇۋاپپىقىيەت مەیلى قانچىلىك ئۆمۈر كۆرسۇن، شۇنچىلىك ئۆمۈرنى،  شۇنچىلىك ۋاقتىنى ئەھمىيەتلىك، گۈزەل ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىشتۇر. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شۇنىڭ ئۈچۈنكى مۇۋاپپىقىيەتلىك یاشىغانكى، ئۇ گەرچە ئۇزاق یاشىمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھایاتلىقىدىكى ھەربىر یىلى،  ھەر بىر ئېیى،  ھەربىر كۈنى ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك ئىشلار بىلەن، ئىنسانىيەتتىكى گۈزەل،  مېھىر-مۇھەببەتلىك،  قەیسەرلىك،  باتۇرلۇق ئىشلىرى بىلەن ئۆتتى. ئۇ تىنىقىنىڭ تاكىئاخىرىغىچە ئادەمدەك ۋىجدانى، غورۇرى،  مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن یاشىدى. ئابدۇخالىق ئۇیغۇرىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەتلىك یاشىغانكى،  ئۇنىڭ ھایاتلىقىدىكى ھەربىر كۈنى، ھەربىر تىنىقى یۈكسەك گۈزەل،  مېھىر-مۇھەببەتلىك،  ھەقپەرۋەرلىك ئىشلىرى بىلەن ئۆتتى. مەھمۇد قەشقەرى، یۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆلۈپ كەتكىنىگە نەچچە یۈز یىللار بولغان بولسىمۇ بىزنىڭ ئىسىمىزدا یادلىنىشىدىكى سەۋەب شۇكى،  ئۇلارنىڭ ھایاتلىقىدىكى ھەربىر ئىشى، ھەربىر كۈنى،  ھەربىر مىنۇتى ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك ئۆتكەن ھاياتتۇر. ھەمدە نەچچە مىڭ یىلغىچە كېیىنكى ئەۋلادلارغا پایدىلىق،  ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك ئىشلارنى قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ھایاتتۇر. شۇڭا ئۇلار ئۆز ھایاتلىقىدا قەدىرلىنىپلا قالماستىن بەلكى، نەچچە یۈز یىل ئۆتسىمۇ يەنىلا بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ئىجابى ئەمگەكلىرىدىن بەھىر ئېلىپ،  ئۇلارغا ھەمدۇ-سانالار ئېیتىمىز. سادىر پالۋان،  نوزۇگۇم، يەتتە قىزلىرىم،  خوجىنىیاز ھاجى، ئەخمەتجان قاسىمى. . . قاتارلىق خەلقىمىز، ئىنسانىيەت تارىخىدا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن یادلىنىپ كەلگەن كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپپىقىيەتلىك یاشىغانكى،  ئۇلار ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم،  ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى نىشان قىلىپ،  یاشىغان. ئۇلارنىڭ ھایاتلىقىدىكى ھەربىر تىنىقى،  ھەربىر مىنۇتى،  ھەربىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ گۈزەل،  یاخشى،  خەلقچىل ئىشلىرى بىلەن بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار تاكى ھازىرغىچە خەلقنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. مۇۋاپپىقىيەت ھایاتلىقتىكى ھەربىر تىنىقنى،  مۇۋاپپىقىيەتلىك،  ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشتۇر. سىز ھازىر مۇۋاپپىقىيەت قازاندىڭىز. چۈنكى سىز بۇ لېكسىیىنى ئاڭلاش، كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مۇۋاپپىقىيەتكە بولغان چۈشەنچىڭىزنى یېڭىلاپ،  مۇۋاپپىقىيەت قازانماقچى بولدىڭىز، بۇ ئىنتایىن ئەھمىيەتلىك،  ئۆزىڭىزگىمۇ، باشقىلارغىمۇ،  جەمئىيەتكىمۇ پایدىلىق بىر ئىش. سىز ھازىرقى مىنۇتتا شۇ یاخشى،  ئەھمىيەتلىك ئىش بىلەن شۇغۇللاندىڭىز. دېمەك سىز ھازىر مۇۋاپپىقىيەت قازاندىڭىز. لېكىن گەپ شۇيەردىكى،  سىز ھىللىقىمۇ،  سەلتۇرۇپمۇ،  بىرەر سائەتتىن كېیىنمۇ،  ئەتىمۇ،  ئۆگۈنمۇ،  بۇندىن كېیىنمۇ ئەھمىيەتلىك،  نەتىجىلىك، خۇشال-خوراملىق،  كۆڭۈل توقلۇقى بىلەن ئۆتەمسىز یاكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش بىلەن ئۆتەمسىز؟ دېمەك،  یۇقارىقىلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى،  مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى قارىشىمىزدىكىدەك بىرەر،  ئالىمغا،  كارخانىچىغا خاس ئىشلا ئەمەس. ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ھایاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش. ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەت ھەرگىزمۇ سىرتتىكى سىز ئېرىشكەن ماددى بۇیۇملار،  قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئەمەس، بەلكى كىشىنىڭ روھىي قاتلىمىدىكى ھەقىقى توقلۇق، كۆڭۈل خاتىرجەملىك،  ئۈمىد-ئىشەنچكە تولغان بەختلىك ھایات. مۇبادا روھى قاتلىمىدىكى مەجروھلۇق،  نامراتلىق،  مەغلۇبىيەتچىلىك تۈگىتىلمىسە،  بەرىبىر ئۇ مىڭ تىرىشىپ ئالىم بولغان ۋە یاكى بىر ئاماللار بىلەن جىق پۇل تاپقان بولسىمۇ،  بەرىبىر ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەنلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا توزۇپ كىتىدۇ. كۈلگە ئایلىنىدۇ. خەلقنىڭ،  باشقىلارنىڭ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەقىقى چىن كۆڭلىدىكى ھۆرمىتىگە، دوستلۇقىغا، مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەیدۇ. سالامەتلىكىدىن،  ىزغىنلىقتىن،  خۇشاللىقتىن، گۈزەللىكتىن مەھرۇم قالىدۇ. خوش،  مەن یۇقىرىدا ئەنئەنىۋى مۇۋاپپىقىيەت قارىشى بىلەن ھازىرقى مۇۋاپپىقىيەت قارىشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى ھەمدە مېنىڭ نەزىرىمدىكى ھەقىقى مۇۋاپپىقىيەتكە بولغان قاراشلارنى سۆزلەپ ئۆتتۈم. سىزنىڭ ھایاتىڭىزنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىڭىزمۇ ۋە یاكى مەغلۇبىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىڭىزمۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق. سىز بەرىبىر ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللایسىز. لېكىن بۇ يەردە سىزنى ئىنتایىن قىزغىن تەبرىكلەیمەن. چۈنكى،  سىز بۇ قېتىملىق لېكسىیىنى تولۇق ئاڭلاش پۇرسىتىنى تاللاپ،  ھایاتىڭىزنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باستىڭىز. بۇ ئىنتایىن بىر ئۇلۇغ ئىش. چۈنكى ھایاتنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمى گەرچە كىچىك ئىشتەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ،  لېكىن بۇ كىچىك قەدەمدىن كېیىنچە ئۇزۇن ھەم ئۇلۇغ مەنزىللەر پۈتۈپ چىقىدۇ. ئاشۇ ئۇزۇن مەنزىللەر كېیىنچە ئۆزىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى ھەیرەتتە قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئایلىنىدۇ ئەمەسمۇ. لېكىن سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك،  ەممەقەدەم ئاشۇ مۇۋاپپىقىيەتكە بېسىلغان تۇنجى ئاددى ھەم ئۇلۇغ قەدەمدىن باشلانغان. شۇڭلاشقا سىز ھازىرتۆنۈگۈنكىدىن ئالغا باستىڭىز، پەرقلەندىڭىز، بۈگۈننى،  بولۇپمۇ ھازىرنى ئىنتایىن ئەھمىيەتلىك،  خاسىيەتلىكئۆتكۈزدىڭىز. دېمەك، مەن سىزدىن پەخىرلىنىشكە تامامەن ھەقلىق. شۇنداقلا سىزمۇ ئۆز-ئۆزىڭىزنىڭ بۈگۈنكىمۇۋاپپىقىیىتىدىن تامامەن مەمنۇنلىنىشقا ھەقلىق. ئىشىنىمەنكى بۇندىن كېیىنكى سىستېمىلىق لېكسىیىلەر، سىزنىڭ بۇندىن كېیىنكى ئۆمۈرلۈك مۇۋاپپىقىيەتلىك ھایاتىڭىزغا ئۆمۈرلۈك مایاتنىك،  ھەم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ بولالایدۇ.

     خوش،  ئەمدى سىزدىن سورایدىغىنىم:

     بىرىنجى،  سىز بۇ لېكسىيە ئارقىلىق نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ قانداق ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈردىڭىز؟ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش یاكى مەغلۇب بولۇش (بار بىلەن یوقنىڭ ئارىسىدىكى ئادەم بولۇش) نىڭ قایسىسىنى تاللایسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟

    ئىككىنجى، سىز مۇۋاپپىقىيەتنىڭ تۇرمۇشتىكى قایسى خىل ئەمەلىي ئىپادىلىرىنى ھېس قىلدىڭىز؟ سىز بۇندىن كېیىن باشقىلار ئارقىلىق خۇشال بولامسىز یاكى ئۆزىڭىز باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان خۇشاللىق مەنبەئى بولامسىز؟

    ئۈچىنجى،  سىز كەیپىیاتنى ئۆزىڭىزگە ئەگەشتۈرەمسىز یاكى ئۆزىڭىز كەیپىیاتقا ئەگىشەمسىز؟

    قوشۇمچە،  یۇقارىقىلارنى كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە ھەم كىچىك یانچۇق دەپتىرىڭىزگە تەپسىلى یېزىڭ. جاۋابىڭىز قانچە تەپسىلى بولسا، كاللىڭىزدىكى چۈشەنچە شۇنچە ئایدىڭ بولىدۇ. جاۋابنى سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىلىشىڭىزگە ئاساسەن یېزىڭ. ھەرگىزمۇ لېكسىيە مەزمۇندىن تېپىپ چۈشەندۈرمەڭ. چۈنكى سىز ھایاتىمنى ئۆزگەرتىمەن دەیدىكەنسىز،  ھەربىر سۇئاللارغا سەمىمىیلىك بىلەن ئىنتایىن تەپسىلى ئۆز چۈشەنچىڭىزنى یېزىڭ

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھایاتىڭىزدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان17 لېكسىيە تاھىرجان ئوبۇلقاسىم , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-11-14 0:55:58
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 524
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证