تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ھالاكەت گىردابىدا ( فانتازىيىلىك رومان ) ئاپتورى:،پەخىردىن موسا
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھالاكەت گىردابىدا ( فانتازىيىلىك رومان ) ئاپتورى:،پەخىردىن موسا



     

     

                                 ئىككىنچى باب

     

    ئىشىكباقار بىلەن سۆھبەت

     

    ئاچىتا، مەن سەن بىلەن مۆجىزىلىك ئۇچراشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپلا خاتىرە يېزىشقا باشلىدىم، شۇ تاپتىمۇ يېزىۋاتىمەن، ئەمما بۇ ناتۇنۇش دۇنيادىكى ناتۇنۇش ئۆيدە ئولتۇرۇپ سەن ئۈچۈن ئازابلانماقتىمەن، تەقدىرىمگە ئۆكۈنمەكتىمەن. ۋۇجۇدۇم، روھىم قۇپقۇرۇق. پەقەت سېنىڭ كۆز ئالدىمدىكى ھىجرانلىق ئوبرازىڭلا ماڭا ھەمراھ. ئەگەر سەن يېنىمغا مۆجىزىدەك قايتىپ كەلسەڭلا، مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇ زېرىكىشلىك ئۆيدە سېنى كۈتۈشكە، بارلىقىمنى ساڭا بېغىشلاشقا رازى ئىدىم...

      مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا، ئىشىكباقار-ئېگىز بويلۇق، يېشىل كۆزلۈك، ئۆڭى كۆكۈش كەلگەن تاشقى پلانېتا ئادىمى بىزنىڭ قەدىمكى پەتنوسلىرىمىزغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر كۈمۈش پەتنوستا ماڭا تاماق ئېلىپ كىردى. ئۇ تاماقنى ئالدىمدىكى قاشتېشىدىن ياسالغان شېرەگە قويۇپ، ماڭا تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ قالدى. ئۇ مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان، تاماق ئېلىپ كىرسە ياكى باشقا ئىش بىلەن كىرگەندە ماڭا ئارتۇق گەپ-سۆز قىلمايلا چىقىپ كىتەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭغا نېمە بولدىكىن، ماڭا قادىلىپلا قاراپ قالدى.

    —ماڭا نېمانچە قارايسەن؟—دېدىم ئۇنىڭ ئىپادىسىز يېشىل كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.

    —ھېس قىلىشىمچە، سەن بەك زېرىكىپ كەتتىڭغۇ دەيمەن،—

    دېدى ئۇ، —مەن بىلەن پاراڭلاشقۇڭ يوقمۇ؟

      مەن سەل ھەيران بولۇپ جاۋاب بەردىم:

    —بار.

      ئۇ ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.

    —سەن يەرشارىدا قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىسەن؟

    —يازغۇچىلىق قىلىمەن.

    —ياخشى، بەك ياخشى، بۇ ئۇلۇغ كەسپ. بىزدىمۇ ساڭا ئوخشاش يازغۇچىلار خېلى بار، بىز ئۇلارنى بەك قەدىرلەيمىز. ئۇلار بىزگە نىسبەتەن بىر بايلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ تارىخىمىزنى ھەم كەلگۈسىمىزنى يارىتىدۇ!

    —سىلەرنىڭ يازغۇچىلىرىڭلارمۇ بىر ياقتىن خىزمەت قىلىپ، بىر ياقتىن يازامدۇ؟

    —ئۇنداق ئەمەس. بىزدە بىرەر ئىقتىدارلىق يازغۇچى بايقالغان ھامان ئۇ بارلىق ياخشى تۇرمۇش، قۇلايلىق يېزىش شارائىتىغا ئىگە قىلىنىدۇ، مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىدۇ.

    —بۇ تەرىپى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. ئۆزۈڭ نېمە ئىش قىلىسەن؟

    —مەن مۇشۇ يەردىكى بىردىنبىر قۇغداش خادىمى.

    —ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلەمسەن؟

     —بىزدە ھەممىلا نەرسە ماشىنىلاشقان، يېتىشەلمەيدىغان ئىش يوق.

    —قارىغاندا، سىلەردىكى تەرەققىيات بىزنىڭكىدىن يەنىلا نەچچە يۈز يىل ئالدىدا ئوخشىمامدۇ؟

    —شۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭ يەرشارىنىڭ ئەھۋالىدىن دېگەندەك خەۋىرىم يوق. خالىساڭ، تەرەققىيات ئەھۋالىڭلاردىن ئاز-تولا سۆزلەپ بەرمەمسەن؟

    —بولىدۇ، نېمىنى ئاڭلىغۇڭ بار؟

    —ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي،—دېدى ئو ئورۇندۇقنى ئالدىغىراق سۈرۈپ.

    —بىز ئىنسانلار،—دەپ ئالدىرىماي سۆز باشلىدىم مەن بىرئاز ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن،—ھازىر ھاۋارايىدىن ناھايىتى توغرا مەلومات بېرەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتۇق. ئېلېكترونلۇق زاپچاسلاردىن پايدىلىنىپ سۈنئىي يۈرەكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتۇق. ئاي شارىدا مەڭگۈ تۇرۇشلۇق تەتقىقات بازىسى قۇرۇپ چىقىپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ، تەبىئەت ھادىسلىرىنى بىرقەدەر كونترول قىلالايدىغان بولدۇق. ئىنسانلارنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى مارسقا چىقىش ئازۇسى ئەمەلگە ئاشتى. بىز ئىنسانلار يەنە ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئاتوم قۇۋۋىتىنى خالىغان ئىشلارغا ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇق. كۆپ خىل بىلىملەرنى ئىگىلىگەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ چىقتۇق. سۈنئىي بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ياسالغان يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئاقسىلنى ئوزۇقلۇقىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتىمۇ ئاپتوماتلىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردۇق.

    —يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش جەھەتتىچۇ؟—دەپ سورىدى ئۇ باياتىنقى سۆزلىرىمگە قىلچە ھەيران قالمىغان ھالدا.

    —خىمىيىۋى ماددىلارنى ياساشتا زەربە دۇلقۇنىدىن پايدىلىنىشنى يولغا قويدۇق. ئېنېرگىيە جەھەتتە، قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيىسى، يېقىلغۇ باتارېيىسى، ئىشلىتىدىغان بولدۇق. كومپيۇتېر ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئوقۇتۇش، كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش، ماقالىلەرنى تەكشۈرۈش ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى كومپيۇتېرلار بارلىققا كەلدى ھەمدە ئادەم بىلەن ماشىنا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. يەنە، پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى، ئېلېكتىرلەشكەن ماشىنىلار ۋە ئاپتوماتىك باشقۇرۇلىدىغان يەر ئاستى پويىزلار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. ھازىر يەرشارىدىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى شەھەرلەشكەن دەۋرگە قەدەم قويدى. يېزا ئاھالىلىرى شەھەرلەرگە توپلىنىپ، شەھەرلەرنىڭ سانائەت نوپۇسى كۆپەيدى. شەھەرلەرمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سانائەت شەھىرى،سودا شەھىرى، ساياھەت شەھىرى، بېلىقچىلىق، قۇشۇمچە كەسپ شەھىرى دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈندى.

    —يەنىچۇ؟—بۇ تاشقى پلانېتا ئادىمى سۆزلىرىمگە بىلىنەر- بىلىنمەس باش لېڭشىتىپ قويۇپ، قىلچە ئىپادىسىز ھالدا سورىدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم:

    —بىز ئىنسانلار يەنە، ئۆيدە تۇرۇپ خۇسۇسىي كومپيۇتېر ۋە ئىنتېر تورى ئارقىلىق، ئېكرادىن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر جاينىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتتۇق. ھازىر بىزدە راك كېسىلى كونترول قىلىندى. ئاپتوموبىللىرىمىز توكنى ياكى سۇدىن ئايرىۋىلىنغان ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىشقا باشلىدى. ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەرنى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىۋاتىمىز. بىز ھازىر سىلەرگە ئوخشاش تاشقى پلانېتلىقلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈستىدە يەنىمۇ جىددىي ئىزدىنىۋاتىمىز. بۇ مەقسەتلىرىمىز ئەمەلگە ئاشسا، كەلگۈسىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولغان بولاتتى.

      مەن سۆزۈم تۈگىدى دېگەندەك قىلىپ گەۋدەمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە تاشلاپ ئۇنىڭغا قارىدىم. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلگەن بولۇپ، بىر پەس جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلۇغ-كىچىك تېنىۋىلىپ دېدى:

    —يەرشارىدىكى ئىنسانلار راستتىنلا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىپسىلەر. لېكىن، سىلەر ئاشۇ تەرەققىيات، نەتىجىلىرىڭلارغا غەرق بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە، كىلىمات، ئادەم ۋە تەبىئەت مۇناسىۋىتىگە، يەرشارىنىڭ ئومۇمىي مۇھىت مەسلىسىگە دىققەت قىلدىڭلارمۇ؟ بۇ ھەقتە ئويلاندىڭلارمۇ؟

    —بۇ جەھەتلەرگە بۇرۇنلا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ ئىزدىنىۋاتىمىز،—دېدىم مەن.

    —ھازىر يەرشارىدا،—دېدى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئالدىرىماي سۆزلەپ،—مۇھىت ئېڭى تۇرغۇزۇلغان بولسىمۇ، تېخنىكا، ئېنېرگىيە دېگەنلەرنى زىيادە تەكىتلەش ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە، باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتى تىزگىنسىز قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بەرداشلىق بېرىشى چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭچە، بۇنداق ھالەتتىن قۇتۇلۇشۇڭلارنىڭ بىردىنبىر چارىسى-تېخنىكىغا چۇقۇنۇش ئىدىيىسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش. بۇ ئىنسانلارنى تېخنىكىدىن باشقا،يەنە شەيئىلەرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەيئىلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيىلىك ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭمۇ بەرداشلىق بېرىش چېكىنىڭ بارلىقى، سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئىنسانلارنىڭ چەكسىز كەتكەن ئېھتىياجىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەر ساھە، ھەر كەسپنى تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ماسلاشتۇرۇشۇڭلار تولىمۇ زۆرۈردەك قىلىدۇ. سىلەرنىڭ يەرشارىدا سۇ كۆپ، مانا بۇ يەرشارىنىڭ باشقا پلانېتلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە تېمپېراتۇرا ئالاھىدىلىكى. ئەمما، ھازىر يەرشارىدا سەن ئېيتقاندەك شەھەرلىشىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى، ھەتتا مەلۇم چەككىمۇ يەتتى. نوپۇس زىيادە كۆپىيىپ كەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى يەرشارىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كەتتى،بۇنىڭ بىلەن مۇھىت، ئېنېرگىيە كىرىزىسى يۈز بەردى. نەق گەپنى قىلغاندا، جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ياشىيالايدىغان بىرلا يەرشارى بار. يەرشارى كىلىماتى شىددەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا زور كرىزىسقا ئۇچراۋەرسە، يەرشارىدا كۈندىن-كۈنگە ئازىيىپ كېتىۋاتقان ئورمانلار ئىنسانىيەت چىقارغان كاربون()ئوكسىدىنى سۈمۈرۈشكە يېتىشەلمەي، ھاۋا بارغانسېرى ئسسىپ، ئېغىر بۇلغىنىشى مۇمكىن. يەرشارىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلىرىدىكى مۇزلار ئاستا-ئاستا ئېرىپ، دېڭىز يۈزى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىشى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن رايونلار سۇ ئاستىدا قىلىشى مۇمكىن. ھەتتا، ئىسسىق بەلباغ بورىنى ۋە دېڭىز شاۋقۇنى ھادىسىسى دائىملا يۈز بېرىشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن، چۈنكى ئۇ چاغدا كىلىمات ۋە مۇھىت ئادەتتىن تاشقىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

    —بۇنىڭدىن بۇرۇن، يەرشارى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدا بىرقانچە قېتىملىق دېڭىز يۈزى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، بەزى رايونلار سەن دېگەندەك سۇ ئاستىدىمۇ قالدى. لېكىن، مېنىڭچە، يەرشارىدىن باشقا، ئاي شارىدىمۇ ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتى ھازىرلىنىپ قالدى. يەرشارىدىكى بىر قىسىم ئالىملار ئاي شارىدا سۇ بارلىقىنى بايقىدى. دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئايدىكى سۇنىڭ ئومۇمىي زاپىسى 11مىليون توننىدىن 330مىليون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئايشارىدا ئىككى مىڭ ئادەمنىڭ نەچچە يۈز يىل ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئىنسانلار ئايدا مەخسۇس تەتقىقات بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، شۇ نەرسە ئېنىقلاندىكى، ئاي شارىدا دەسلەپكى مۆلچەردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ سۇ بارلىقى ئىسپاتلاندى،—دېدىم مەن سەل كۆرەڭلىك ئارىلاش ئىشەنچ بىلەن.

    —ئاران ئىككى مىڭ ئادەم دېگىن، ئەگەر يەرشارىدا ياشاش شارائىتى راستتىنلا ناچارلىشىپ كەتكەندە، قالغان ئادەملەر نەدە ياشايدۇ؟

    —بىز يەنە باشقا پلانېتلاردىن ياشاش شارائىتى ئىزدەيمىز-دە.

    —كۈلكىلىك گەپ، بىمەنە گەپ! —دېدى ئۇ،—ئىنسانلار يەرشارىدىلا ياشاشقا يارىتىلغان، مېنىڭچە بۇ تەبىئىي قانۇنىيەت. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ يەرشارىڭلارنى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن قوغداپ قالالىساڭلارلا ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك ھەم خاتىرجەم ياشاپ قالالايسىلەر.

    —ھەي، سەن سۆزۈڭنىڭ بېشىدا يەرشارىنىڭ ئەھۋالىدىن دېگەندەك خەۋىرىم يوق دېمىگەنمىدىڭ؟—دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭ باياتىن ئېيتقان سۆزلىرىگە سەل ھەيران بولۇپ.

    —بىزدە يەرشارى ئىلمىدەپ مەخسۇس بىر پەن بار. مەن شۇ پەنگە ئائىت ماتېرىياللارنى ئاز-تولا كۆرۈپ تۇرىمەن، شۇنداقلا سىلەرنىڭ يەرشارىڭلارغا بەكلا قىزىقىمەن.

    مەن بۇ ئادەتتىكى ئىشىكباقارنىڭ بىلىم جەھەتتە مەندىن خېلىلا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.

    —سەن ھېلىراقتا،—دەپ گەپ ئالدى ئۇ يەنە،—لازېر نۇرىنى تىلغا ئالدىڭ، سىلاردە لازېر نۇرىنىڭ پەيدا بولغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ ئۇ قانداق پەيدا بولغان؟

      مەن ئانچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا جاۋاب بەردىم:

    —لازېر تېخنىكىسى يەرشارىدا ئەمەلىي قولىنىلىۋاتقان ئەمەلىي تېخنىكا. لازېر ئاپپاراتى 20-ئەسىردە ئاتوم ئېنېرگىيىسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، ھېسابلاش ماشىنىسى قاتارلىقلار بىلەن تەڭ نام چىقارغان تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لازېرغا ئېرىشىش ئۈچۈن يەرشارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى كەڭ كۆلەمدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئالىملىرىH.C.توۋنىس بىلەنL.A.شاۋلوۋ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. 1958-يىلى، ئۇلار فىزىكا ئوبزورىژۇرنىلىدا ئىنفىرا قىزىل نۇر ۋە ئوپتىكىلىق قوزغاتقۇچدېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، لازېر ئاپپاراتىنى ياساپ چىقىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى ۋە ئاساسلىق شەرتىنى، يەنى يورۇقلۇق مەنبەسىدە يۇقىرى ئېنېرگىيە دەرىجىسىدە تۇرغان يورۇقلۇق چىقىرىدىغان ئاتوملارنىڭ سانى تۈۋەن ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى زەررىچىلەر سانىنىڭ ئەكسىگە ئالمىشىشى ...ھەققىدىكى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1960-يىلىغا كەلگەندە ئىنسانلار ئاخىرى تېخنىكا جەھەتتە زەررىچىلەر سانىنىڭ تەقسىملىنىشىنىڭ ئەكسىچەبولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ، لازىر ئاپپاراتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. يەنى، بىز دەۋاتقان بۇ تۇنجى لازېر ئاپپاراتىنى ئامېرىكا فېئوس تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدىكى T .مىلمان دېگەن كىشى ياساپ چىقتى.

    —لازىر نۇرى تېخنىكىسى ئىنتايىن ئىلغار تېخنىكا. بۇنىڭ سىلەردە پەيدا بولغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولماپتۇ...

    مەن شۇئان ئۇنىڭ گىپىنى ئارىلىدىم:

    —قارىغاندا، سىلەردە بۇ تېخنىكىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئۇزۇن بولغان ئوخشىمامدۇ؟

    —نەچچە ئون مىڭ يىل دېگىنە!

    بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ قىياپىتىدە كۆرەڭلىك ئالامىتىنى سەزمىگىنىمگە ئەجەبلەندىم ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز ئىنسانلاردىكى ئورتاق بىر پىسخىكا-كۆرەڭلىك بولسا كېرەك، دېگەننىمۇ ئويلاپ قالدىم.

    —سىلەردە بۇ لازېر تېخنىكىسىنى نېمىلەرگە ئىشلىتىسىلەر؟—دەپ سورىدى ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ، ئۇ ئادەمگە تىكىلگەندە كۆزى ئازراقمۇ چىمچىقلاپ قويمايتتى.

    —ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىق، بىئولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گېئولوگىيە، سانائەت، داۋالاش، سەنئەت قاتارلىقلاردا ئومۇميۈزلۈك لازېر تېخنىكىسىنى، يەنە كېلىپ كەسپلەشكەن لازېر يۇقىرى تېخنىكىسىنى قوللىنىمىز.

     —ئۇنىڭدىن باشقا تەرەپلەردىچۇ؟

    —بىزنىڭ يەرشارىدا رىۋايەت قىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرى 3-ئەسىردە ئارخىمېد دېگەن بىر كىشى ئەسكەرلەرگە قايتۇرغۇچ ئەينەك تۇتقۇزۇپ، قۇياش نۇرىنى تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن ئۇرۇش كېمىلىرىگە يىغىپ چۈشۈرۈپ، ۋىژىلدىتىپ ئوت ئالدۇرۇۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەر مەغلۇب بولۇپ قىچىپ كەتكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، 18-ئەسىردە فرانسىيىلىكلەر بىر يورۇقلۇق مىلتىقى ياسىغان، بۇ 168پارچە قايتۇرغۇچ ئەينەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەللىك مېتىر يىراقلىقتىكى قارىغايغا بېرىپ تەگسە ئۇنى كۆيدۈرۋىتەلەيدىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قەدىمكى زاماندانۇيۋانىڭ سىرلىق ئەينىكىدېيىلىدىغان بىر خىل يورۇقلۇق قۇرالى بار بولۇپ، ئۇ تەڭداشسىز كۈچلۈك ئىكەن، ئۇنى قۇياش نۇرىغا توغرىلاپ نەگە چۈشۈرسە، ئاشۇ خاي ئوت ئېلىپ كېتىپ، ئۆچۈرۈش تەسكە توختايدىكەن. بىز ئىنسانلار ھازىر ھەرخىل تىپتىكى لازېر قۇراللىرىنى كەشپ قىلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە لازېر ئارقىلىق يول باشلايدىغان بومبا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قارىغا ئېلىش قۇرالى...دېگەندەك ئەڭ ئىلغار، ئەپسۇسكى ئادەمنى قورقۇنچقا، ۋەھىمىگە سالىدىغان قۇراللارنى كەشپ قىلدۇق، ھەتتا لازېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا بىۋاستە زەربە بېرەلەيدىغان يەنە بىرقانچە خىل لازېر قۇرالىنىمۇ ياساپ چىقتۇق.

    —بۇ گەپلىرىڭ راست بولسا تەرەققىياتىڭلار ھەقىقەتەن تېز ئىكەن. لېكىن، بۇ قۇراللار يەرشارىغا ۋە يەرغارىدىكى ئىنسانىيەتكە زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەسمۇ؟—دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.

    —دېگىنىڭ توغرا، ئەمما بىزدىكى رىقابەت دۇنياسى ئىنسانلارنى تەبىئىي ھالدا شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، چۈنكىئادەم-قۇرال ئىشلىتىشنى بىلىدىغان ھايۋاندۇر، —دېدىم مەن كەسكىن قىلىپ. ئۇ گەپ-سۆز قىلماي بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس چايقاپ قويدى.

      بىلەمسەن ئاچىتا، مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن، ئاشۇ تاشقى پلانېتلىق بىر ئىشىكباقارنىڭ ئاغزىدىن بۇ قۇراللار ئىنسانىيەتكە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇدېگەن گەپنى ئاڭلىغىنىمدا، خۇددى يېقىن  بىر قېرىندىشىمنىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. مەندە بىردىنلا ئۇنىڭغا نىسبەتەن دوستانە ھېسسىيات پەيدا بولدى-دە، ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىنى سىقتىم ۋە:

    —بىز دوست بولۇپ قالايلى،—دېدىم.

      ئۇ كۆزلىرىمگە ئۈنسىز ھالدا ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ كەتتى. ئاندىن كۈچلۈك قوللىرى بىلەن قولۇمنى چىڭ سىقىپ يەڭگىل باش لېڭشىتىپ قويدى. بېغىشىدىكى تۈگمىچىلىك يېشىل رەڭلىك سائىتىگە قاراپ قويدى-دە، مەن بىكارلىغان تاماق قاچىسى بىلەن پەتنۇسنى ئېلىپ جىمجىتلا چىقىپ كەتتى.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھالاكەت گىردابىدا ( فانتازىيىلىك رومان ) , ئاپتورى:پەخىردىن موسا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-11-11 18:36:30
    تەھرىر : libasim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 168
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证