ئاي شولىسى چۈشتى يوللارغا
ئاي شولىسى چۈشتى يوللارغا،
تارام – تارام.
مەن يوللاردايۇردۇم خىرامان،
ئاشىق بۇلبۇل قانمايدۇ سايراپ ،
باغرى قان.
يايرىم ئۇيقۇ ئىچىرە ياتارمۇ،
شىرىن چۈشلەرگە ئوۋلىنىپ.
مەن كېلىمەن يوللاردا غەمسىنىپ،
شۇل گۇلۇمنى سېغىنىپ.
يايرىم ئۇيقۇ ئىچىرە ياتارمۇ،
تىۋىشىمنى ئاڭلىسا ناگاھ،
چۆچۈپ –چۆچۈپ ئويغىنارمۇ؟
ئاشىق بۇلبۇل سايراپ قانمايدۇ ،
مۇشتۇمدەك ئۇل يۈرەككە
دەرتلەر قانداق پاتقاندۇ؟
ئاي شولىسى چۈشتى يوللارغا،
يارنىڭ ئوتى بەك يامان.
مەن مەنزىلگە يەتكۇچە،
ئھ خۇدا،ئاشىقىڭنى قىل ئامان.
ئاي شولىسى چۈشتى يوللارغا،
شامال قانات بولدى ئاشىققا،
ئويغىتىڭلار يارنى ئۇيقىدىن،
چىققسۇن جۇلالىنىپ پىنھانغا.
2010.11.7
يايرىم ئۇيقۇ ئىچىرە ياتارمۇ،
شىرىن چۈشلەرگە ئوۋلىنىپ.
مەن كېلىمەن يوللاردا غەمسىنىپ،
شۇل گۇلۇمنى سېغىنىپ.
يايرىم ئۇيقۇ ئىچىرە ياتارمۇ،
تىۋىشىمنى ئاڭلىسا ناگاھ،
چۆچۈپ –چۆچۈپ ئويغىنارمۇ؟
ئاشىق بۇلبۇل سايراپ قانمايدۇ ،
مۇشتۇمدەك ئۇل يۈرەككە
دەرتلەر قانداق پاتقاندۇ؟
ئاي شولىسى چۈشتى يوللارغا،
يارنىڭ ئوتى بەك يامان.
مەن مەنزىلگە يەتكۇچە،
ئھ خۇدا،ئاشىقىڭنى قىل ئامان.
ئاي شولىسى چۈشتى يوللارغا،
شامال قانات بولدى ئاشىققا،
ئويغىتىڭلار يارنى ئۇيقىدىن،
چىققسۇن جۇلالىنىپ پىنھانغا.
2010.11.7