تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› ئورگان ›› 20 دۆلەت گۇرۇھى=G-20
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    1326291572@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    20 دۆلەت گۇرۇھى=G-20

       20 دۆلەت گۇرۇھى  1999–يىلى 25–سېنتەبىر ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، دۇنيادا مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى ئالدىنقى 19 ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىدىن ئىباردەت 20 ئەزادىن تەركىپ تاپقان. ﺋﯘ 2008‏ - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﭘﯘﻝ - ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻛﺮﯨﺰﯨﺴﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ، شۇنىڭدىن كېيىن سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئورنىنى ئالغان  ﺋﯩﺪﻯ. 

      20 دۆلەت گۇرۇھى نىڭ ھازىرقى ئەزالىرى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، كانادا، رۇسىيە، شۇنداقلا جۇڭگو، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ھېندونېزىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، كورېيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        1997–يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ پارتلىشى خەلقئارا جەمئىيەتكە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن باشقا، يەنە تەسىر كۈچىگە ئىگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى زۆرۈرلۈكىنى تونۇتتى. 1999–يىلى سېنتەبىردە، غەربتىكى يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى ۋاشىنگتوندا بايانات ئېلان قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭىشىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

        1999–يىل 16–دېكابىر، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى بېرلىندا 20 دۆلەت گۇرۇھىنى قۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى رامكىسىدىكى بىرەسمىي سۆھبەتنىڭ بىر خىل يېڭى مېخانىزمى، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ھەم دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىل ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئىزدىنىشتىن ئىبارەت.

        20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ۋەكىلچانلىقى كۈچلۈك. ئۇنىڭ تەشكىللىنىشىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، زېمىن كۆلىمى دۇنيا يەر كۆلىمىنىڭ %60 ىنى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90 ىنى، سودا سوممىسى دۇنيا سودا سوممىسىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدۇ.

        20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قارالمىلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مەسئۇل تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقئارالىق تەسىرى زور. يىغىننىڭ مۇھاكىمە مېخانىزمى كەسىپلەشكەن، كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، كېڭىشىپ بىر قارارغا كېلىش پىرىنسىپى بويىچە مەشغۇلات قىلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھى بىرەسمىي مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى شەكلى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىدۇ، دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلمايدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ رەئىس بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بۇ گۇرۇھنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.

        2008 – يىلى 15–نويابىر، پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوندا 1–قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئاچتى. 2009–يىلى ئاپرېل ۋە سېنتەبىردە لوندۇن ۋە پىتسبورگتا 2–ۋە 3–قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئاچتى. 2010–يىلى ئىيۇندا تورونتودا 4–قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئاچتى.


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى , G-20
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-11-5 10:41:00
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 492
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证