تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    YultuzAy
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13389
    yultuzay@msn.com

    يازما سانى : 293
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-2-24 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئۇخلاشتىن ئىلگىرى

    ئۇخلاشتىن ئىلگىرى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك 10 ئىش:

    1 ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا ئاسانلا نەپەس قىيىنلىشىپ،  بۇرۇن قۇرۇپ ،خورەك تارتىپ راھەتلىنىپ ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.  ناۋادا قولنى كۆكرەككە قويۇپ ئۇخلاپ قالسا ا ئۆپكە بىلەن يۈرەكنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي ئادەمنى  قارا بېسىپ ياخشى راھەت ئۇخلىغىلى بولمايدۇ . ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ھالىتى؛ ئوڭ ياننى بېسىپ تىزنى سەل ئېگىپ ياتقاندا مۇسكۇللار بوشاپ راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
    2ئۇخلاشتىن ئىلگىرى باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى ئويلىماسلىق،  كۆڭۈلسىز قورقۇنۇچلۇق خەۋەر كىنولارنى كۆرمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئۇيقىسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەتىدىكى خىزمەت ۋە باشقا پالىيەتلىرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ رەسىملىك زورنال كۆرۈپ،  يېنىك يېقىملىق مۇزىكا تىڭشاپ ئۇخلىغاندا، پۈتۈن بەدەندىكى مۇسكۇللار بوشاپ،  راھەت خاتىرجەم  ئۇخلىغىلى ھەم ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    3ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بەك تويۇنۇپ يېمەسلىك كېرەك. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تاماقنى بەك كوپ يېگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ يۇكى ئارتىپ،  ھەزىم قىلىش قىيىنلىشىپ   ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا ئادەم ئۇيقۇ ھالىتىدە قان ئايلىنىش ئاستىلاپ ماددا ئالماشتۇرۇش تەسىرگە ئۇچرىغاچقا،  مايلىق` قۇۋۋەتلىك تاماقلار ئاسانلا ئارتىرىيە قېتىش، يۇقىرى قان بېسىم،  تاجسىمان ئارتىريىلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
    4 ئۇخلاشتىن ئىلگىرى باشقىلار بىلەن بەك ئۈزۈن پاراڭلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پاراڭلاشقاندا تەپەككۇرى جانلىنىپ چوڭ مېڭىنىڭ تىنىچلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .  بۇخىل ئادەت داۋاملاشسا، ئادەت خاراكتېرلىك ئۇيقىسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ.
    5 چىراق ياندۇرۇپ ئۇخلىماسلىق . چىراق ياندۇرۇپ  ئۇخلىغاندا  ئۇزۇندا ئۇخلاپ ، ئاسان ئويغۇنۇپ كېتىدۇ ھەم چۈشنى كوپ كۆرۈپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
    6بېشىنى پۈركەپ ئۇخلاش. بۇ ناھايىتى زىيانلىق ئۇخلاش ھالىتى بۇلۇپ، ئاسانلا كاربۇن چالا ئوكسىددىن زەھەرلىنىپ قالىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن نەپەس  قىيىنلىشىش ھەتتا نەپەس توختاپ قېلىشتەك يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ .
    7 ئۇلاشتىن ئىلگىرى شامالدۇرغۇچنى  ياكى دېرىزىنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاش، سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بۇلۇپ، نېرۋا ۋە قان تومۇرلار سىپازمىلىنىپ نېرۋا قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى  پەيدا قىلىدۇ.
    8 ئېغىزىنى ئېچىپ ئۇخلاش : بۇنداق ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئېغىزى قۇرۇپ ،ئاسان ئويغۇنۇپ كېتىدۇ.ئېغىزنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا  ھاۋادىكى مىكروپلارنىڭ كۆپلەپ سۇمۇرلىشىدىن كاناي ۋە كېكىردەك يۇقۇملىنىپ قالىدۇ.
    9 ئۇلاشتىن ئىلگىرى ئۇسسۇزلۇقنى كوپ ئىچمەسلىك ھەم كىچىك تاھارەتنى قىسىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا ئۇخلاشقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق.
    10 ئۇيقىنى زىيادە كۆپ ئۇخلاش،  ئوخشاشلا سالامەتلىككە زىيانلىق. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ياشلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى 7 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

     

       ئوكيان تورىدىن يۇلتۇزئاي يازمىسى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇخلاش ھالىتى , سالامەتلىك , دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار.
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-11-2 17:16:34
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1049
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证