تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› جاي ناملىرى ›› توخار مەدەنىيەت مەركىزى_كۈسەن
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    1326291572@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    توخار مەدەنىيەت مەركىزى_كۈسەن

    توخار مەدەنىيەت مەركىزى_كۈسەن

     

          يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيىسىدىكى بىر مۇستەقىل مەدەنىيەت مەركىزى بولغان كۈسەننىڭ ئوينىغان رولى جەنۇبىي لىنىيىدىكى ئۇدۇن بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، ھالبۇكى 5-ئەسىردىن باشلاپ ئۇدۇن جۇڭگوغا تۇتىشىدىغان يولدىكى«ئۆلۈك يەر»ئورنىدا تۇرغان بولسا، كۈسەن موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرگىچە ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىي تۇرمۇشنىڭ جانلانغان ئۆتىڭى بولغان. كۈسەن مەدەنىيەت رايونى ئاللىبۇرۇن شەھەر مەدەنىيەت رايونىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتراپ رايونلاردىكى بىر قىسىم بۇددىزىم ئىلمى مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن :كۈسەننىڭ جەنۇبىدىكى قۇمتۇرا،غەربىدىكى دۇلدۇل ئاقار ۋە قىزىل،ھەمدە شىمالىدىكى سۇ بېشى، سىم-سىم ۋە جىلىش قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.  
      بۇ جايلار تەخمىنەن1500-2000يىل ئىلگىرىلا غار ئىبادەتخانىلىرى ۋە راھىب ئېتىكاپخانىلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىق سەۋەبلىك «مىڭئۆي» دەپ ئاتالغان.بولۇپمۇ قىزىل مىڭئۆينىڭ سەنئەت ۋە تېما جەھەتتىكى تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا،مەزمۇنى ئىنتايىن مول بولۇپ،گېرمانىيەنىڭ تۇرپان ئېكسپېدىتسىيە ئۆمىكى قۇتقۇزۇپ قالغان مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن كۆپ قىسمى مۇشۇ ئورۇنلاردىن چىققان. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە بېرلىندىكى ھىندىستان سەنئىتى موزېيىدا ساقلانماقتا.كۈسەندىكى نەپس رەسىملەرنى گريۇنۋېدېل نۇرغۇن تېز سىزما سىزىش ئارقىلىق خاتىرىلىۋالغان، بۇ تېز سىزمىلار تەتقىقات خىزمىتىدە ناھايىتى يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە. بۇ رەسىملەردىن باشقا ئەھمىيىتى چوڭ بولغان ماتېرىياللار بولسا كۈسەن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن بايقالغان سانسىكىرت ۋە توخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردۇر، بولۇپمۇ سانسىكىرتچە ھۆججەتلەر ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە.چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى ئاللىقاچان يوقۇلۇپ كەتكەن سانسكىرت يېزىقىدىكى نومدۇر.
         گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى گريۇنۋېدېل ۋە لېكوكلاردىن باشقا، فرانسىيەلىك تارىخشۇناس-ئارخېئولوگ پېللىيۇتمۇ كۇچادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەمدە كۆپ مىقداردىكى توخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ھۆججەتلەر تەتقىقات ۋە تەھلىل يۈرگۈزۈلمىگەن، بۇ ھۆججەتلەر بۈگۈنكى كۈندە پارىژدا ساقلانماقتا. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان ، جۇڭگو پەن-تەتقىقات خىزمىتىمۇ ئارخېئولوگىيە جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللىقاچان ياپونىيەدە ئېلان قىلىندى.
        كۈسەندىن تېپىلغان توخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر ئىچىدە ئاساسلىقى سانسكىرت يېزىغىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بىراق يەنە يەرلىك ناخشا -قوشاقلار،پېرىخونلارنىڭ سۆزلىرى ۋە مىلادىيە6~8-ئەسىرلەرگە تەۋە سودىغا ئائىت ھۆججەتلەرمۇ بار.
         بۇددا ئەسەرلىرى ئىچىدە بولسا ساكيامۇنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى توغرسىدا ھېكايىلەر،دىراممىلار ۋە قەدىمى ۋەقەلەرگە ئائىتلىرى خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ.بۇ ئەسەرلەر قىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسىملىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان ئاشۇ ھېكايىلەرنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئاساسلىقى نوم ۋە بۇددانىڭ دەسلەپكى تۇرمۇشى توغرسىدىكى ھېكايىلەردە كۆپلىگەن سەنئەتكارلارنى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان.
        كۈسەننىڭ تارىخىنى شۇ جاينىڭ ئارخېئولوگىيەلىك بايقالمىلىرى ۋە جۇڭگونىڭ تارىخى ماتېرىياللىرىدىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.ئەگەر بۇ شەھەر دۆلىتىنىڭ نۇرغۇن ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەقدىرىنى ئىزاھلىمىغان ھالەتتىمۇ ، لېكىن پىرىنسىپ جەھەتتىن مۇنداق دېيەلەيمىز: بۇ دۆلەت بوستانلىقتىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا ، تارىم ئويمانلىقىدىكى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان كۈچ سېلىشتۇرمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان. كۆچمەن چارۋىچى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىشلارغىمۇ كۇچادىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە پادىشاھلىق ئارىلىشالىغان ۋە نىسپىي مۇستەقىللىقنى ساقلاپ تۇرالىغان.
       مىلادىيەدىن بۇرۇنلا، كۈسەن ھونلارنىڭ كونتىروللىقىدا ئىدى.ھونلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىن باشلاپلا ، چەتئەل پادىشاھلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە قايتا-قايتا ئۇرۇنغان. تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ كىچىك دۆلەت بىلەن قۇدرەتلىك جۇڭگو خانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇرۇنلا مەدەنىيەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئىدى. روشەنكى، بۇددا دىنى بۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى ئاساسىي ئامىل. ھىندىستاننىڭ بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغۇچى نۇرغۇن تەرجىمانلار كۆپ خىل تىل ئىشلىتىدىغان كۇچادا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولۇپ،ئۇلار كېيىن جۇڭگوغا بېرىپ ئىشلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى كومرراجىۋا بولۇپ، ئۇ مىلادى383-يىلى جۇڭگوغا مەجبۇرى يالاپ ئېلىپ كېتىلگەن.
       جۇڭگونىڭ ئوردا سارايلىرىدا ئالاھىدە چېلىنىدىغان كۇچا نەغمىلىرى بۇ بوستانلىقتىكى بۇددا دىنى تەزىيە مۇراسىملىرىدىمۇ رول ئوينىغان.قىزىل مىڭئۆيدىكى كۆپلىگەن نەغمىگە ئائىت تام رەسىملىرى بۇ ئەھۋاللارنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. شىمالى چى پادىشالىقى دەۋرىدە (مىلادىيە550~577-يىللار)،كۈسەن نەغمىلىرى پادىشاھنىڭ ھىممىتىگە ئېرىشكەن. كېيىن سۈي-تاڭ دەۋرىگە كەلگەندە (ئايرىم-ئايرىم ھالدا581~618-يىللار ۋە618~907-يىللار)،كۈسەننىڭ نۇرغۇنلىغان سازەندىلىرى جۇڭگو ئوردىلىرىدا خىزمەت قىلغان.
        تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ،كۈسەن بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى مۇناسىۋەت كۈچەيگەن. مىلادى640-يىللىرى ئەتراپىدا ،جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان.شۇنىڭ بىلەن ،كۈسەن يەنە بىر قېتىم ھەربىي-سىياسىي مەركەزگە ئايلانغان، لېكىن، ئىچكى سىياسى تۈزۈلمىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىغان. 640-يىلىدىن باشلانغان يېڭى ئۆزگىرىش سەنئەت تەرەققىياتىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپ جۇڭگوچە شەكىل رەسىملەردە بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك گەۋدىلىنىشكە باشلاپ ، ھىندىستان ۋە ئىران تەركىبلىرى ئازىيىپ كەتكەن.
        كۈسەننىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى توخارلار دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئاھالىلەردىن باشقا ،يەنە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىگە تەۋە بولغان توخار چەۋەندازلار قاتلىمىمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى پادىشاھ ئىدى.ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن راھىب-راھىبەلەر بولۇپ،ئۇلار جەمئيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن كەلگەنىدى. ئىبادەتخانىلار ئادەتتىكى تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا ،ئاقسۆڭەك ياشلارنىڭ ھەممىسى بىر مەزگىللىك دىنى تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ،دىندىن تاشقىرى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولاتتى.كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن ئىنتايىن جانلىق بولغان چەۋەنداز ۋە راھىبلارنىڭ تەسۋىرىنى كۆرەلەيمىز.ئۇلارنىڭ بوي-بەستى ئىگىز ۋە يوغان،بىر قىسمىنىڭ چاچلىرى قىزىل،كۆزلىرى كۆك ئىدى.ئۇلار ئېرقى جەھەتتىن ئاق تەنلىك ئېرقىغا تەۋە، بۇ نۇقتا ئۇلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئەسەبىيلەرچە ئېتىقات قىلغىنىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ دىندىن تاشقىرى مەدەنىيىتى بولسا قۇيۇق ئېران خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىدى. بىر پارچە ئابىدىدە ھەتتا سۈرىيەدىن كەلگەن بىر رەسسامنىڭ بىر پارچە بۇددا دىنى رەسىمىنى سىزغانلىغى تىلغا ئېلىنغان.  ئۇدۇننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشلا ، كۈسەن پادىشاھىمۇ راھىبلار دىنىي گۇرۇھىغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇلارنى قوغدىغان.بىر پارچە سانسكىرتچە ھۆججەتتىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، پادىشاھ بىلەن خانىش ئۆز قوللىرى بىلەن تاماق ئېتىپ دىنىي گۇرۇھتىكى راھىبلارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان.
        كۈسەن مىڭئۆي تام رەسىملىرى ھىندىستان ۋە ئىراننىڭ تەسىرىنى ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خېلى بۇرۇنلا جۇڭگو ئىزنالىرى ئىپادىلەنگەن.مەسىلەن: مىلادىدىن بۇرۇن 65-يىلىدا كۇچا پادىشاھى جۇڭگوغا مېھمانغا بارغان،ھەمدە قىسمەن جۇڭگوچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان،ھەتتا جۇڭگوچە شەكىلدىكى مۇنارلارنى سېلىش توغرسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. كۈسەندە مىلادىيە158-يىللىرىدىكى خەنزۇچە ئويما پۈتۈك تېپىلغان،ئۇنىڭغا مۇنۇلار پۈتۈلگەن:جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تارقاتقۇچىلىرى كۈسەنگە كەلگەنلىرىنىڭ ئىچىدە ،بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىي كۆچمەنلەردىن باشقا ،يەنە قول سانائەت ھۈنەرۋەنلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىمۇ بار ئىدى. جۇڭگو سانغۇنى لى گۇاڭلىدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى ، ئۇ مىلادىيە 384-يىلى كۈسەن پادىشاھىنىڭ قورغىنىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغاندا ، پادىشاھ ئوردىسى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
        كۈسەن پادىشاھىغا ياردەملىشىدىغان بىر ئەمەلدار ئاپپاراتى بار ئىدى، بۇنىڭغا ھەربى قوشۇن ئاساسلىق رول ئوينىغان. مەسىلەن،پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا بىر قۇرۇقلۇق قوشۇن سەركەردىسى بولۇپ،بۇ سەركەردە باش ۋەزىرنىڭ رولىنى ئوينايتتى. كىشىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى، پۈتكۈل ئەمەلدارلار ئورگىنىدا دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارى مۇھىم ئورۇندا تۇرغان،بۇنىڭدىن بۇ بوستانلىق دۆلىتىنىڭ دائىم دېگۈدەك قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەھتىدىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
        تېرىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئاساسى بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا قول-ھۈنەرۋەنچىلىكمۇ بار، بۇ ئاساسەن قورال-ياراغ ياساش تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.كۇچا ئەتراپىدىن تۆمۈر،مىس كانلىرى ۋە تۆمۈردىن ياسالغان سايمان-ئەسۋاپلار بايقالدى. ۋاھالەنكى ،سودا بىلەن تاموژنا ئالدى بىلەن تېنچلىق دەۋردىكى كۈسەنگە بايلىق ئېلىپ كەلگەن.ئۇلار چېگرىدىن ئۆتكەن كارۋانلاردىن ناھايىتى پايدىلىق بولغان چېگرا بېجى ئالغان.چېگرا بېجىغا ماددى بۇيۇملار،مەسىلەن ،خام يىپەك ياكى پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى بەرسىمۇ،تەڭگە پۇللارنى تاپشۇرسىمۇ بولىدىكەن.
       كۈسەننىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى جۇڭگونىڭ جىن سۇلالىسىنىڭ(265~420-يىللار)تارىخى ھۆججەتلىرىدىن بىلەلەيمىزكى،دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كۇچالىقلار بىر جايدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، مۇقىم ئۆيلەردە ئولتۇرىدىكەن.ئۇلارنىڭ توي-تۆكۈنلىرى قىسمەن جەھەتتىن جۇڭگولۇقلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن،بىراق دەپنە ئۆلۈم-يېتىم ئۇزىتىش ئادىتى جۇڭگوغا ئوخشىمايدىكەن،جەسەت كۆيدۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن،يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتىلىدىكەن،بۇددا دىنى ئالاھىدىلىگىگە ئىگە بولغان تەسىرلىك ھازا تەسۋىرلىرى ساقلىنىپ قالغان.
        بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلغان كۇچادىمۇ خۇراسان ۋە سوغدىيانەدە ئۇچراتقىنىدەك جەسەت كۈلى قۇتىلىرىنى بايقىدۇق،شۇڭا شەرقى ئىراننىڭ تەسىرى بۇ جايدىمۇ رول ئوينىغان بولۇشى مۈمكىن. يېڭى يىل ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا ،يەتتە كۈنگىچە ھايۋانلارنى سوقۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.ھايۋانلارنىڭ سوقۇشۇش نەتىجىسىدىن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىلدىكى تەقدىرىنى ھېساپلاپ چىقىدىكەن.يېڭى يىل ئۆتكۈزگەندە ئوينىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئويۇنلارنىڭ بىرى ئىلاھقا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئىپادىلەنگەن بىرخىل ئويۇن بولۇپ،بۇنىڭدا ئارتىسلار ۋەھشىي ھايۋانلارنىڭ نىقابىنى كىيىپ ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئوينايدىكەن.
        كۈسەنلىكلەر بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىش بىلەن بىرگە تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن ، ئوچۇق-يورۇق خەلق ئىكەن.گەرچە راھىب-راھىبەلەر ئۆز ئېتىكاپخانىلىرىدا كۆڭۈل قويۇپ نوم ئۆگەنسىمۇ،لېكىن نەغمە بۇددا پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان.بۇ ئەمىلىيەتتىن بىز بۇددا دىنى تەرغىپ قىلغان كىشىلىك تۇرمۇش ئازاپ-ئوقۇبەتلىك بولسىمۇ ،لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ئاكتىپ بولغان باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.بىز يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك راھىبلار بىلەن ئاقسۆڭەك ئاياللار ئوتتۇرىسىدا نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز.گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەت بىر خىل رەسىم ئادىتى بولمىسىمۇ،ئۇلۇغ تەرجىمان،كۈسەن دۆلەت دىنىنىڭ «دۆلەت ئۇستازى»كومراجىۋا پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان بىر ئايال بىلەن توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولغان.كۈسەنلىكلەر خالىغانچە ھوزۇر ھالاۋەت سۈرگەن.ئۇلارنىڭ ھوزۇر-ھالاۋەت سۈرۈش ئۇسۇلىمۇ جوڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ئەمەس دەپ قارالغان. مىلادىيە 4-ئەسىردىكى كوڭزىچى تارىخشۇناسنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،بۇ بوستانلىقتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن كەيپ-ساپالىق بولۇپ،ھوزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن.ئۇ مۇنداق يازغان:«ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى بور مىڭ كوزىدىن ئاشىدىكەن،ئون يىل ئىچسىمۇ تۈگىمەيدىكەن.ئەسكەرلەر بورچىلارنىڭ ئۆيىگە قاترايدىكەن».بىز بۇنىڭدىن جوڭگو سانغۇنى لى گۇاڭنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز بور ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
       بۇنداق ئىشلار بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇددىزىم يەنىلا كۈسەننىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئۆز تامغىسىنى باسقان.بۇ تەرىپىنى ئىسپاتلايدىغان كۆپلىگەن مىڭئۆي ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى گۈزەل ،كۆركەم،ھەيۋەتلىك بۇتلار بىلەن تام رەسىملىرى،شۇنداقلا يەنە كۈسەن بوستانلىقىدىن تېپىلغان سانسىكرىت يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر بىلەن تۇخار يېزىقىدىكى ھۆججەتلەردۇر.
    بۇددا دىنى قاچان كۈسەنگە تارقالغان دىگەن مەسىلە ئۈستىدىكى قاراشلارمۇ بىردەك ئەمەس.بەزى دەلىل-ئىسپاتلار ۋاقىتنىڭ خېلى بالدۇر ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىسىمۇ،لېكىن ئەمىلىيەتتىن قارىغاندا،بۇ بوستانلىقنى مىلادىيەدىن كېيىنكى دەسلەپكى بىرقانچە ئەسىردە ھىندى تەلىماتى بىلەن تونۇشقان دەپ قاراشقا بولىدۇ.مەيلى ھىنايانا بۇددا دىنى بولسۇن ياكى ماھايانا بۇددا دىنى بولسۇن،تەخمىنەن مىلادىيە 3-ئەسىردە كۈسەندە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.مىلادىيە 266-يىلى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان بىر ئەسەردە كۈسەننى ئوچۇق ھالدا بۇددا دىنى دۆلىتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.مىلادىيە3~4-ئەسىرلەردە ،زور بىر تۈركۈم كۈسەنلىك راھىب تەرجىمانلار جۇڭگوغا بېرىپ ھىندى بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان.ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرلىرى كومراجىۋادۇر.ئۇ قەشقەر ۋە يەركەنلەردە ھىنايانا ۋە ماھايانا مەزھىپىنى ھەمدە ھىندىستاننىڭ دىندىن تاشقىرى پەنلىرىنى ئۈگەنگەن.ئۇ كۈسەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،ئاساسەن«ماھايانا مەزھىپى»نى تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.مىلادىيە403-يىلى ئۇ جۇڭگو پايتەختى چاڭئەنگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە ئۇ يەردە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.مىلادىيە 403-يىلى ئالەمدىن ئۆتكىچە ،ئۇ ئاساسەن ماھايانا بۇددا دىنىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.گەرچە ئۇ ئۆز تەرجىمىلىرىنى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ نۇرغۇن تەرجىمىلىرى نوملارنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكەن.
        بەزى كۈسەن راھىبلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىن ئاشۇ دەۋرلەردە ،ئۇلارنىڭ جۇڭگودا سېھرىگەرلىك نەزىرىيىسىنى تارقاتقاندا،ئالدىن بىشارەت بەرگۈچى ۋە ئىلاھ-ئەرۋاھلارنى چاقىرغۇچى پىرلار بولىۋالغانلىغىنى بىلىۋالالايمىز.كۇچادىن تېپىلغان ۋەسەقىلەر سانسىكىرت تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان سېھىرگەرلىك توغۇرسىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ بارلىققا كەلگەن ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىيە 500~1000-يىللار ئارىلىقىدا بولغان.بىراق،كۈسەن سەنئىتىدە يوشۇرۇن تەركىپ كونكىرت ئىپادىلەنمىگەن.ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئېتىكاپقا ئولتۇرىدىغان بۇددا دىنى بولۇپ،ئۇ جوڭگودا «راھىب»دىگەن نام بىلەن(سانسكىرت تىلىدىكىdhyanaدىگەن نامدىن كەلگەن )،كېيىن ياپونىيەدە «zen»دىگەن نام بىلەن كەڭ تارقالغان،كۈسەن بۇددا مۇرىتلىرى ئىچىدىمۇ مۇرىتلىرى بولغان.
        كۈسەننىڭ دىنىي مەركەزلىرىدە يەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بىخارا (ئىبادەتخانا)لار بىلەن تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ،ئالدىنقىسىنىڭ بىرەرىمۇ بىزگىچە يېتىپ كىلەلمىگەن.بىراق جۇڭگونىڭ مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلىرىدىن بىز نۇرغۇن بۇددا مۇنارىلىرى بار ئىبادەتخانىلارنىڭ بولغانلىقىنى،بۇ ئىبادەتخانىلاردا بۇددا-دىنى قائىدە-يوسۇنلىرىنىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بايقالغان كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەردىن ئىبادەتخانىلارنىڭ قائىدىلىرىنىڭ مۇھىملىغىنى كۆرىۋالالايمىز.
       قىزىل ۋە قۇمتۇرادىكى تام رەسىملىرى سۇ بوياقتا سىزىلغان بولۇپ،زاماسكا بېرىلگەن تامغا سىزىلغان.ئىسلام دىنىغا كۆچۈشنىڭ ئالدىدىكى كۇچا بۇددىزىم سەنئىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ھېچقانداق نەرسە ساقلىنىپ قالمىغان.شۇڭا ئۇنى باشلىنىشتىلا بىر ئىزدا توختاپ قالغان ياكى ئاجىزلىشىپ كەتكەن دەپ قاراشقا بولمايدۇ. كۈسەننىڭ ئەتراپىدىكى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان ئارخېئولوگىيەلىك نۇقتا قىزىل بىلەن قۇمتۇرادىكى مىڭئۆيلەردۇر.بۇ يەرلەردە قىيا تاشلارغا كۆپلىگەن تۇرمۇش غارلىرى ۋە ئىبادەت قىلىدىغانلار ئويۇلغان،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى نەچچە ئون يىللار ئىلگىرىلا بايقالغان ۋە تەتقىق قىلىنغان.بۇ غارلاردا مۇكەممەل بولغان تام رەسىملىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبى ھىندىستان،ئىران دەۋرلىرىدىن باشلىنىپ ئىسلامىيەتكىچە داۋاملاشقان.بۇ تاش ئىبادەتخانىلىرى،بۇت سارىيى ئالدى ھوجرا ۋە كىرىش ئېغىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،بۇ نەرسىلەر بىزنى تۆۋەندىكى پاكىتلارغا سەل قارىماسلىققا ئۈندەيدۇ.كۇچادا يەنە نۇرغۇنلىغان يەر ئۈستىگە سېلىنغان ھەيۋەتلىك بۇددىزىم ئىمارەتلىرى بولغان،لېكىن بۇ ئىمارەتلەر بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالالمىغان.مەسىلەن كۈسەننىڭ غەربىدىكى سۇبېشىدا لايدا سوقۇلغان بۇ ئىمارەتلەرنىڭ خارابىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.كۇچانىڭ يەرلىك موزېيى ۋە بېرلىن ھىندىستان سەنئەت موزېيىنى كۆرگەن كىشىدە كۈسەندىكى تام رەسىملىرى بىلەن دىندىن تاشقىرى بىناكارلىق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
          گېرمانىيەلىك ئالىم كلىمكېيتنىڭ «قەدىمىي يىپەك يولى مەدەنىيىتى»ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .

      مەنبە: مىسرانىم تورى
     


     

    مۇندەرىجە


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كۈسەن , جۇڭگو , ئۇدۇن , مىڭئۆي
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-30 13:38:13
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 544
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证