تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› دۆلەت ۋە رايونلار ›› جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    1326291572@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى

    جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى=Republic of South Africa

     زىمىنى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يەر مەيدانى  1مىليون 219مىڭ 100 كۋادىرات كىلومېتىر ،
    ئاھالىسى:  2010-يىلى 10ئايدىكى ئاھالىسى  50 مىليون .
    ئاھالە تەركىۋى: نېگىرلار  79%نى، ئاق تەنلىكلەر  9%نى، رەڭلىك ئىرقلار  9%نى، ئاسىيالىقلار  2.5%نى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىسىنىڭ 23.8%ى زۇلۇ تىلىدا، 17.6% ى ئىسىخوسا تىلىدا ، 13.3% ى ئافرىكان تىلىدا(جەنۇبى ئافرىقا گوللاند تىلى)، 9.4%ى سېپېدى تىلىدا ، 8.2%ى ئەنگىلىز تىلىدا ،8.2%ى سۋانا تىلىدا، 7.9%ى سوتو تىلىدا ، 4.4%ى سونگا تىلىدا سۆزلىشىدۇ. يۇقارقىلار بىلەن بىللە يەنە كىچىكرەك مىللەتلەردىن ئىسنېدېبلې، شىۋېندې، سىۋاتى قاتارلىق ئاھالىسى مىليۇندىن ئاشىدىغان 11 مىللەتنىڭ تىلى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ باراۋەر دۆلەت تىلى ھىساپلىنىدۇ.
    دىنى: جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئاھالىنىڭ 79%ى خىرىستان دىنىنىڭ ھەر قايسى مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ،  15% دىنغا ئىشەنمەيدۇ، ئاھالىنىڭ 4%ى ئىپىدائىي دىنلارغا،  2%ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
    پايتەختى : جەنۇبى ئافرىقا دۇنيادىكى ئۈچ پايتەختى  بار بىردىنبىرى دۆلەت بولۇپ،  سىياسى پايتەختى پرېتورىيە،، ئەدلىيە پايتەختى بلومفونتاين، قانۇن چىقىرىش پايتەختى كىپتاۋىن.

    جۇغراپىيىسى: جەنۇبى ئافرىقا ئافرىقا قىتئەسىىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغا ئۆتۈش ئېغىزى، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى ئەڭ دەسلەپكى قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئاسىيادىن ياۋروپا، غەربى ئافرىقىدىن شەرقىي ئافرىقىغا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيالارغا قاتنايدىغان چوڭ تىپلىق پاراخوتلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك جەنۇبى ئافرىقىدا توختاپ ئۆتىدۇ.  جەنۇبى ئافرىقا يەر شەكلى جەھەتتىن ئېگىزلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقى شىمالى قىسمىغا نامبىيە قۇملۇقى جايلاشقان بولۇپ، يىللىق ھۆل يېغىن مىقدارى 150مىللىلېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. كىپتاۋىن ۋە ناتال ئەتراپلىرى ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا تەۋە، ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىگىزلىكلەر سۇپتىروپىك يايالاق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ بۇ ئافرىقا بويىچە ھاۋاسى ئەڭ مۆتىدىل، كىلىماتى مۇۋاپىق رايون ھېسابلىنىدۇ.


      ئىقتىسادى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ شەرقى ھىندى ئوكيان بىلەن، غەربى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ ، جەنۇب تەرىپى ئانتاركتىداغا قارىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، سۇۋەيش قانىلى قېزىلىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق تۈركىيەنىڭ قولىدا بولغاچقا  ياۋروپالىقلار مۇشۇ يول ئارقىلىقلا ئاسىيا، ئوكىئانىيە ۋە شەرقى ئافرىقىغا كېلەلەيتتى. ھازىرمۇ 200مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئوكيان پاراخوتلىرى ۋە چوڭ تىپلىق ماي پاراخوتلىرى جەنۇبى ئافرىقىدىن ئەگىپ ئۆتىدۇ.   سىتراتىگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇشتىن  1866  - يىلى بۇ زېمىندا ئالتۇن بىلەن ئالماس، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاق ئالتۇن، خىروم ۋە تۆمۈر كان بايقالغاندىن كېيىن جەنۇبى ئافرىقا ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ جەلپكار رايونغا ئايلانغان. ھازىر  جەنۇبى ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئافرىقا قىتئەسىگە نىسبەتەن مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى ئەڭ يۇقىرى، دىموكراتىك تۈزۈلمىسى ئەڭ مۇكەممەل، شۇنداقلا ئۇل مۇئەسسە ئەسلىھەلىرى ئەڭ ياخشى ترانسپورت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئوتتۇرىھال كىرىملىك دۆلەت. تارىخى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن جەنۇبى ئافرىقىنىڭ مىللەتلەر ئارىسىدىكى باي-نامراتلىق پەرقى بىر قەدەر زور. جەنۇبى ئافرىقىنىڭ 2009-يىللىق ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 505مىلىيارد، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 10مىڭ300دوللار بولغان. 2009-يىلىدىكى ئىقتىسادى ئېشىشى 3% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
     ئاھالىنىڭ 9% يېزا ئىگىلىك بىلەن، 26% كان ۋە سانائەت بىلەن،65% مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك كىرىمى دۆلەت كىرىمىنىڭ 3%نى، كانچىلىق ۋە سانائەت 31%نى، مۇلازىمەت 66%نى ئىگەللەيدۇ. تاشقى سودىسىدا جۇڭگو ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ياپونىيەلەر ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.
    2010-يىلى 10ئايدا  جەنۇبى ئافرىقىدا مۇقىم تېلفون 4مىلىيۇن425مىڭ800، كۆچمە تېلېفون 13545مىلىيۇن مىڭ، ئىنېرنېت ئابونتى 4مىلىيۇن 187مىڭ بولغان.
    تور نامى ئاياقلاشمىسى: جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى.za بولۇپ ئىلگىرىكى دۆلەت نامى ئازانىيەنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىككى ھەرپىدىن تۈزۈلگەن.


      پۇل بىرلىكى: جەنۇبى ئافرىقىنىڭ پۇل بىرلىكى راند قىسقارتىلمىسى (ZAR)  بولۇپ 2005يىلى 6.35راند=بىر دوللار، 2008-يىلى 8راند بىر دوللار، 2009-يىلى 8.54 راند = بىر دوللار بولغان .

     دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تولۇق نامى «جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى» بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان، شەرق، غەرب ۋە جەنۇبى ھىندى ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيانلىرىغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. يەرلىكلەر ئازانىيە (zania) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، ئەرەبچىدىن كەلگەن. ئەرەب تىلىدا zanj (يەنى زەنگى) سۆزى قارا تەنلىك ئافرىقىلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «ئازانىيە» نىڭ مەنىسى «قارا تەنلىكلەرنىڭ ماكانى» بولىدۇ. بۇ نام ئەسلى شەرقىي ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئاراللارغا قارىتىلغان، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي مەجلىسى دۆلەت نامى قىلىپ ئىشلەتكەن.

        قىسقىچە تارىخى: ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى ئاياغ بېسىشتىن ئىلگىرى، جەنۇبىي ئافرىقىدا بوشمانلار، خودنىتولار ۋە بانتولار قەبىلە شەكلىدە كىچىك قەبىلە ھۆكۈمرانلىقلىرىنى قۇرۇپ ياشاپ كەلگەن.  15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پورتۇگالىيىلىكلەر ھىندىستانغا بېرىپ بايلىق ئىزدەش سەپىرىدە كېمىدە تاسادىپىي ھالدا ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىغا كېلىپ قېلىپ، بۇ گۆھەر ماكاننى بايقىغان.  1652 - يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى ئۇنىڭ دېڭىز بويى ئەتراپلىرىغا بېسىپ كىرىپ، «كېپتائۇن مۇستەملىكىسى» نى قۇرغان. ئەينى چاغدا جەنۇبى ئافرىقا بىلەن ياۋروپا ئارىلىقى ناھايىتى يىراق بولغاچقا كۆچمەن گوللاندىيەلىكلەر بۇ يەردە يېرىم مۇستەقىل ھاكىمىيەت بولغان پىرىتورىيە ۋە ئورانجىدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرغان.  1795 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر كېپتائۇندا قۇرۇقلۇققا چىققان، شۇندىن باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقا گوللاندىيىلىكلەر بىلەن ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تالىشىشىدا قالغان مۇستەملىكىگە ئايلىنىپ، ھەمىشە ئۇرۇش بولۇپ، يەرلىك نېگىرلار ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىنغان.  1866 - يىلى جەنۇبى ئافرىقىدا ئالماس بايقالغان، ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە ئالتۇن تېپىلغان، شۇندىن ئېتبارەن غەرب مۇستەملىكچىلىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا ھەرىگە ئوخشاش يۇپۇرۇلۇپ كۆچۈپ كەلگەن،  1899 - يىلىدىن  1902 - يىلىغىچە ئەنگلىيىلىكلەر بىلەن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان بورلار ئوتتۇرىسىدا جەنۇبىي ئافرىقىنى تالىشىپ، ئەنگلىيە -- بور ئۇرۇشى پارتىلىغان، ئەڭ ئاخىرى ئەنگلىيىلىكلەر غەلىبە قىلغان.  1910 - يىلى  5 - ئاينىڭ  30 - كۈنى ئەنگلىيە شۇ جايدىكى تۆت شتات (كېپتائۇن، ناتال، ترانسىۋار ۋە ئوررانج) نى بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيىسىنى قۇرۇپ، ئەنگلىيىنىڭ «ئاپتونوم تەۋەلىكى» قىلغان. 1961 - يىلى  5 - ئاينىڭ  31 - كۈنى، جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئەمما ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى داۋاملىق يۈرگۈزۈلگەن. خەلقئارا جەمئىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى قارشىلىق ۋە بېسىم نەتىجىسىدە  1990 - يىلى  2 - ئايدا ھۆكۈمەت جەنۇبىي ئافرىقا مىللىي مەجلىسى رەھبىرى، ئاتاقلىق خەلق ھوقۇقى پائالىيەتچىسى نېلسون ماندىلانى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان،  1994 - يىلى  4 - ئاينىڭ  26 - كۈنىدىكى ئومۇمىي سايلامدا «مىللىي مەجلىس» غەلىبە قىلغان ھەمدە  300 يىللىق ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى بىكار قىلىنغان.

     دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:   ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي چىتىگە جايلاشقان جەنۇبىي ئافرىقا، تارىختىن بۇيان نىگېرلارنىڭ ماكانى ئىدى. 1994  - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا ئاز سانلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان . يېڭى دۆلەت بايرىقى قارا، سېرىق ، يېشىل، ئاق، قىزىل ۋە كۆك قاتارلىق پان ئافرىقا رېڭى تۈرلۈك گېئومېتىرىيىلىك شەكىل ئارقىلق ۋۇجۇدقا كەلگەن. بايراق سېپى تەرەپكە گورىزونتال ھالەتتە يېشىل رەڭدىكى «Y » شەكىللىك نۇسخا بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا تارتىلغان. يېشىل  بىر قارا ئۈچبۇلۇڭ سىزىلغان. رەڭنىڭ ئۈستى قىسمى بىلەن ئاستى قىسىمى سىممېترىيە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىزىل تراپتىسىيە بىلەن كۆك تراپېتىسىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قارا رەڭ بىلەن يېشىل رەڭنى سېرىق رەڭلىك تار بەلدەملەر ئايرىپ تۇرغان، بۇ ئۆزگىچە يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھەر خىل ئىرىق، ھەر خىل تەنلىك خەلقنىڭ بۇرۇنقىغا خاتىمە بېرىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى جەنۇبىي ئافرىقىنى ئورتاق قۇرۇشتەك مىللىي يارشىش، ئىتتىپاقلىشىشى ۋە بىرلىشىش روھىنى ئىپادىلىگەن.

       دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى: تارىخنىڭ كېلەچەككە ئىلھام بېرىشى ئۈچۈن، جەنۇبىي ئافرىقا ئىلگىرىكى « جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتىسىيىسى » نىڭ قالقانسىمان دۆلەت گېربىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلغان. قالقان ئوتتۇرىسىدىن تۆت بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، سول تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى ئاق كۆڭلەك كىيگەن « ئۈمىد ئىلاھى» ئۈمىد تۇمشۇقى ئۆلكىسىنى بىلدۈرگەن؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئۈستىدىكى بېغىررەڭ ئىككى ئافرىقا بۆكىنى ناتال ئۆلكىسىنى كۆرسەتكەن؛ سول تەرەپنىڭ ئاستىدىكى ماندارىن دەرىخى ئورېنج ئەركىن شىتاتىنىڭ سىمۋولدۇر؛ ئوڭ تەرەپنىڭ ئاستىدىكى يېشىل زېمىندا مېڭۋاتقان چېدىرلىق ھارۋا ترانسۋاالنىڭ بەلگىسىدۇر، قالقاننىڭ چوققىسىدىكى گوللاندىيە پارلامېنىتىنىڭ بەلگىسىدۇر؛ ئاستىدىكى يېشىل تاغنىڭ ئۈستىگە بىر ئاق لېنتا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۈستىگە لاتىنچە جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنىڭ دەستۇرى: « ئىتتىپاقلىق - كۈچ » دېگەن سۆز يېزىلغان.

    [siddiq تەستىقلىدى . 2010-11-1 8:10:36]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئافرىقا , جەنۇبى ئافرىقا , ئازانىيە , زۇلۇ , ئىسىخوسا , ئافرىكان , بور , سېپېدى , ئەنگىلىز , سۋانا , سوتو , سونگا , ئىسنېدېبلې , شىۋېندې , سىۋاتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-26 10:43:24
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 591
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证