تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    1326291572@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى

    جىبۇتى =Republic of Djibouti


       جىبۇتىنىڭ يەر مەيدانى 21 مىڭ 873 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ.
     ئاھالىسى:  880 مىڭدىن ئاشىدۇ (2010). ئاھالىنىڭ60%نى سومالى،  35%نى ئافار لار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلاردىن قالسا ئەرەبلەر، فىرانسۇزلار، ھىندىلار، ھەبەشلەر ياشايدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى ھېسابلىنىدۇ.
    تىلى : ئەرەب تىلى ۋە فرانسۇز تىلى )دۆلەت تىلى( يەرلىك خەلق سومالى ۋە ئافار تىلىنى قوللىنىدۇ.
    دىنى ئېتىقادى: جىبۇ ئاھالىسىنىڭ 94% ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. قالدى 6% ئاھالە خىرىستان دىنى كاتولىك مەزھىبىدە. جىبۇتى دۇنيا ئىسلام ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ ئەزاسى.
    پايتەختى : جىبۇتى شەھرى ئاھالىسى 510مىڭ.
     جۇغراپىيىسى: جىبۇتى ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كىچىك بىر دۆلەت بولسىمۇ ، قىزىل دېڭىزنىڭ كىرىش ئېغىزى، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ئارىلىقىدىكى ئەڭ قىسقا، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئوتتۇرا شەرقتىن ياۋروپا، شىمالىي ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي ئافرىقىغا، جەنۇبىي، شەرقىي ئاسىيالارغا قاتنايدىغان پاراخوتلارنىڭ كۆپىنچىسى جىبۇتىدا توختاپ ماي قاچىلايدۇ، ئېپوپىيىنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان، ئېمپورت قىلىدىغان ماللىرىنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى ئەددىس - ئەبېبە جىبۇتى تۆمۈريولى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئېپوپىيە ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جىبۇتى يەر شەكلى جەھەتتىن ئېگىزلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، دۆلەتنىڭ يەر ۋەزىيىتى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ پەسلەپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ئاسسا كۆلى جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ سۇ يۈزى ئەتراپىدىكى دېڭىزلار سۇ يۈزىدىن 150 مېتر پەس تۇرىدۇ. (بەزى ماتېرىياللاردا 173 مېتر پەس تۇرىدۇ دەپمۇ يازىدۇ)، بۇ ئافرىقا بويىچە يەر ۋەزىيىتى ئەڭ پەس جاي ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۆلەتنىڭ 90% تىنى قۇملۇقلار قاپلاپ تۇرىدۇ. قالغان 9% نى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، 1% نى ئورمانلار ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ دېڭىز قىرغاق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 370 كىلومېتر كېلىدۇ.

    ئىقتىسادى:جىبۇتى ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىك بىلەن ئالماشتۇرۇش سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىق قىلىدىغان تېرىلغۇ يېرى ئاز، پەقەت دۆلەتنىڭ پايتەختى جىبۇتى شەھىرى ئەتراپىدىلا ئاشلىق زىرائەتلىرى بىلەن كۆكتات ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. جىبۇتىنىڭ چارۋا مەيدانلىرى 200 مىڭ گېكتارغا يېتىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسلىق قوي، ئۆچكە، كالا تۆگە قاتارلىقلار بېقىلىدۇ . سانائىتىدە تۇز ئېلىش سانائىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، زامانىۋى سانائەتلەرنىڭ كۆپى پايتەختكە مەركەزلەشكەن. بۇ جايدا پاراخوت رېمونت قىلىش زاۋۇتى، تۆمۈريول زاۋۇتى، نېفىت ئايرىش، تېرە - خۇرۇم، ئېلېكتر ئىستانىسى، يېمەك - ئىچمەك، ماشىنىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. 2009-يىلى جىبۇتىنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 1مىلىيارد 820مىلىيۇن دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 2700دوللار توغرا كەلگەن. يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادى ئېشىشى 5% ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.
       2010-يىلى 10ئايدا جىبۇتى دا مۇقىم تېلفون 16مىڭ800، كۆچمە تېلېفون 135مىڭ، ئىنېرنېت ئابونتى 15700بولغان.
    تور نامى ئاياقلاشمىسى: جىبۇتىنىڭ  تور نامى ئاياقلاشمىسى.dj بولۇپ دۆلەت نامىنىڭ ئەنگىلىزچىسىنىڭ دەسلەپكى ئىككى ھەرپىدىن تۈزۈلگەن.

    تارىخى: جىبۇتى سومالى ۋە ئافرلارنىڭ تارىختىن بېرى ئولتۇراقلاشقان زىمىنى بولۇپ دۇنيادىكى تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن رايونلارنىڭ بىرى. جىبۇتىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللاردىلا قۇلدارلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر قۇرۇلغان بولۇپ قەدىمقى قۇشتى مىللەتلىرىنىڭ بۆشۈكلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادىدىن كېيىن نىسبەتەن مۇستەقىل كىچىك خانلىقلارغا تەۋە بولغان، مىلادى 7-ئەسىردە تۇنجى تۈركۈم مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە پاناھلانغىلى كەلگەن ۋە بىر قىسىم خەلق مۇسۇلمان بولغان. 12-ئەسىردە جەنۇبى سومالى ئىتال خانلىقىغا ، شىمالى قىسمى ئافارلار قۇرغان ئاقسۇم خانلىقىغا تەۋە بولغان.  بولغان مىلادى 15-ئەسىردىن كېيىن جىبۇتىنىڭ بىر قسىمى سومالىلار قۇرغان ئادال خانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولغان.
         1859 - يىلى فرانسىيىلىكلەر ئۇ چاغدا تېخى ئاھالە ناھىيىتى شالاڭ بولغان جىبۇتىغا بېسىپ كىرىشكە باشلىغان. 1888 - يىلى ئىتالىيە، ئەنگىلىيەلەر شەرقى ئافرىقا قولتۇقىنى بۆلۈشكەندىن كېيىن جىبۇتى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1946 - يىلى فرانسىيىنىڭ سىرتقى ئۆلكىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1967 - يىلى ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، 1977 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت نامىنى «جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتكەن. 1979 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. جىبۇتى فرانسىيىنىڭ 115 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇ جايدا فرانسىيىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق 4000 دىن ئوشۇق ھەربىي قوشۇنى بار. فرانسىيە مۇشۇ قوشۇنغا تايىنىپ شۇ ئەتراپ بىلەن ھىندى ئوكياننى قوغدىماقتا.

     دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى : جىبۇتى  بولۇپ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، قىزىل دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىچنى، «جىبۇتى» سۆزى ئالفا (Arfa) تىلىدا «قايناپ - تاشقان پار قازىنى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ جايلاشقان ئويمانلىقنىڭ شەكلى قازان شەكلىدە بولغاچقا، ئۇنىڭدىن «كۆيۈۋاتقان دېڭىز بويى دۆلىتى» دېگەن كۆچمە مەنە چىقىرىلغان. چۈنكى جىبۇتىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 28، ئەڭ يۇقىرى تىمپۇراتۇرىسى 49 بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان؛ ئىككىنچى، «جىبۇتى» سۆزى ئالفا تىلىدا «مىنىڭ قازىنىم» دېگەن مەنىدە. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم غەرب مۇستەملىكچىلىرى بۇ جايغا كېلىپ، بىر ياشانغان كىشىدىن بۇ يەرنىڭ نامىنى ئۇقۇشۇپتۇ، ئۇ بوۋاي ئۇ چاغدا قازاندا تاماق ئىتىۋاتقان بولۇپ، ئۆزىدىن تاماق ئىتىۋاتقان قانداق نەرسە دەپ سورىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ، «بۇت (قازان)» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، ياۋرۇپالىقلار ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىيالماي، سۇئالنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپتۇ، بوۋاي تىرىككىنىدىن «جىبۇتى» («مىنىڭ قازىنىم») دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ.كېيىن جىبۇتى نامى تارقىلىپ قېلىپ، دۆلەت نامىغا ئايلىنىپتۇ. جىبۇتى مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «فرانسىيىگە قاراشلىق سومالى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئافرىقىلىقلار ئۇنى «سومالى دېڭىز قىرغىقى» دەپ ئاتىغان. 1859 - يىلىدىن باشلاپ فرانسۇزلار تاجاۋۇز قىلىپ،  1887 - يىلى فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان.  1967 - يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ نامىنى «فرانسىيىگە قاراشلىق ئافار ۋە ئىسا يېرى» دەپ ئۆزگەرتكەن، چۈنكى ئۇ ئافار ۋە ئىسا ئىككى چوڭ مىللەتتىن تۈزۈلگەن.  1977 - يىلى  6  - ئاينىڭ 27 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، «جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرغان.

     

     دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:   - 1850يىلى،فرانسىيە ئافرىقا قىزىل دېڭىزنىڭ چېتىگە جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى كىچىك ئەل - ھازىرقى جىبۇتىنى بېسىۋالغان ھەم بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1946 - يىلى فرانسىيەبۇ جاينى يەنە ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى زېمىنى دەپ بەلگىۋالغان ھەمدە  1967 - يىلى ئۇنى « فرانسىيىگە تەۋە ئافر ۋە ئسا زېمىنى » دەپ ئۆزگەرتكەن . ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جىبۇتى بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق،  1977 - يىلى ئىيۇندا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دۆلەت بايرىقىنى تۈزۈپ چىققان. دۆلەت بايرىقى سول تەرەپتىكى ئاق ئۈچبۇلۇڭ بىلەن ئوڭ تەرە پتىكى يېشىل ۋە كۆك ئىككى توغرا بەلدەمدىن تەركىب تاپقان. ئاق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىتتىپاقلىق ۋە ئىنقىلابقا سىمۋول قىلىنغان بىر بەش بۇرجەكلىك قىزىل يۇلتۇز ئورنىتىلغان. ئاق رەڭ خەلقنىڭ تىنچلق ۋە بارەۋەرلىككە تەشنا بولغان قەلبىنى ئىپادىلىگەن، كۆك رەڭ ئاسمان ۋە ئوكيانغا سىمۋول قىلنغان ،يېشىل رەڭ چەكسىز بايلققا ئىگە جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان كەڭ زېمىننى بىلدۈرگەن؛ كۆك رەڭ دەل سومالىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگىدىن ئېلىنغان بولۇپ سومالىلارنى، يېشىل رەڭ ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان ئافارلارنى بىلدۈرگەن.

     دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى: جىبۇتىنىڭ دۆلەت گېربى يېشىل زەيتۇن شېخى بىلەن ئورالغان كۆرۈنۈش بولۇپ، خەلقىنڭ دۆلەتنىڭ مەڭگۈا تىنىچلىقىغا تەشنا بولغان گۈزەل - ئارمىنىنى ئىپادىلىگەن؛ دۆلەت گېربىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قارا قالقاندىن تېشىپ ئۆتكەن ئۇچى قىزىل بەشيۇلتۇزلۇزغا قارىتىلغان بىر نەيزە، نەيزىنڭ ئىككى يېنىدا قىلىچىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان بىر جۈپ قارا قول سىزىلغان بولۇپ، جىبۇتى خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش يولىدا قورال ئىشلىتىشتىن ، قان تۆكۈلۈپ قۇربان بېرىشتىن يانمايدىغان ئىرادىسى نامايان قىلىنغان.

    [siddiq تەستىقلىدى . 2010-11-1 8:13:06]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جىبۇتى , ئافرىقا , شەرقى ئافرىقا , شەرقى ئافرىقا قولتۇقى , سومالى , ئافار , ئەرەب ئەللىرى ئىتىپاقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-25 19:57:44
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 554
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证