تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ahatalim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ahatalim@126.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش

    ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش

    ئايقۇت

    ئاخىرقى يوپۇرماق دەپ ئويلىدىم سېنى،

    تۆكۈلگەن ۋاختىڭدا يەرگە جىممىدە.

    باغرىمنى كەچكۈزدەك يايدىم بەكمۇ كەڭ.

    جاراھەت لىق لىكىن ئۇنىڭ تېنىدە.

     

    غىڭشىدىم ئۆزۈمچە‹‹ ۋاپاسىز يار››غا،

    پەرلىدىم ئازاپلىق كۈنلەرنى بەلكىم.

    ئاپتاپقا تاشلىدىم بۇ ھارغىن تەننى،

    ياشىدىڭ ئاھىمدا يەنە سەن لىكىن.

     

    يوللاردىن تاراسلاپ ئۆتتۈم نەچچە رەت،

    سەھەردەك سۈپ-سۈزۈك خىياللار بىلەن.

    ياندىكى بىنادىن ياڭراۋاتقان كۈي،

    يۈرەككە تىگەتتى تولىمۇ لىۋەن.

     

    سىمىلداپ-سىمىلداپ تۆكۈلەر يامغۇر،

    ھۆل قىلىپ يوللارنىڭ سۇمبۇل چېچىنى.

    قولۇمدا قول ياغلىق يۈردۈم ئايلىنىپ،

    سۈرتۈش ئۈچۈن كىمنىڭدۇر تۆككەن يېشىنى.

     

    كۆيدۈرۈپ تاشلىدىم شئېىرلىرىمنى،

    ئويلىدۇم ئىھتىمال يېزىشنى قايتا.

    ھاياتنى قايتىدىن مۈمكىنمۇ ياشاش؟!

    ئۆتكەن كۈنلىرىڭىدىن ئۆكۈنگەن چاغدا؟..




    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-10 15:38:41
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 436
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证