تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-ئوبزور ›› نېمە ئۈچۈن بىر ئاز ئەدەبىي بىلىم ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    نېمە ئۈچۈن بىر ئاز ئەدەبىي بىلىم ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟

    نېمە ئۈچۈن بىر ئاز ئەدەبىي بىلىم ئۆگىنىش كېرەك.

    نېمە ئۈچۈن بىر ئاز ئەدەبىي بىلىم ئۆگىنىش كېرەك؟ بۇنى چۈشىنىش ئانچە قېيىن ئەمەس.
    بىز ئەزەىلدىنلا ھېكايە ۋە خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاشنى ۋە ئېيتىشنى، ھەرخىل تىياتىرلارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمىز. ھېكايە، ناخشا، سەھنە كىتابى قاتارلىقلار ئەدەبىياتنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرلىرى بولۇپ، ھېكايە، ناخشىلارنى ئاڭلاش ۋە ئېيتىشنىڭ ئۆزىنىمۇ ئەدەبىيات ئۆگىنىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرى دېيىشكە بولىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ھېكايە، ناخشىلارنى ئاڭلايمىز ۋە تىياتىرلارنى كۆرىمىز؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، بىز ئۇلارنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگىنىمىزدە، ئالدى بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ.  چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە خۇشال قىلىدۇ. ئىنقىلابىي ھېكايە، ناخشا ھەم تىياتىرلار بىزنىڭ ئېڭىمىزغا تەسىر قىلىپ، ئىنقىلابىي ئاڭ پىكىرىمىزنى ئۆستىرىدۇ. مەنىۋىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر ئەمگەكتىن قايتقاندىن كېيىن، بىر جايغا يىغىلىپ ئۆز ئارىسىدىكى بىر كىشىنىڭ ئىشتىياق بىلەن ئېيتىۋاتقان ھېكايە ياكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار قەدىمقى قەسىرىمانلار توغرىسىدىكى داستان، رىۋايەتلەرنى ياكى دەۋرىمىزنىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلىرى توغرىسىدكى ھېكايىلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆز زېھنىنىڭ ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ بارغانچە كېڭىيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھېكايە ئېيتىش ۋە ئاڭلاشنىڭ مانا شۇ پايدىسى ئاز -تولا بولسىمۇ ئەدبىي بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ لازىملىقىنى كۆرسەتمەمدۇ؟
    بىر  شەخىسنىڭ تەجرىبىسى ۋە بىلىمى ھامان چەكلىك بولىدۇ. يېزىنى بىلگىنىمىز بىلەن شەھەرنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، زاۋۇت، كان-كارخانىلارنى بىلگىنىمىز بىلەن قىسىم پولىكلارنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن، بىلمىگەنلەرنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتى بولماي قالغان ئەھۋاللاردا، قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا دائىر تۇرمۇش بىلىملىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى بىيىتقىلى بولىدۇ؟ بىزنىڭچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى چارىلىرىنىڭ بىرى. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تۇرمۇش توغرىسىدا بىزگە بېرىدىغان بىلىمى ۋەياكى تەجرىبىسىمۇ ۋاسىتىلىك تەسىرات ياكى تەسەۋۋۇردىكى ئوبرازلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار بىزگە ئەمەلىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك ئەينەن، چوڭقۇر تەسىرات بېرەلمەيدۇ. لېكىن ياخشى يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەر يەنىلا بىزنى بىر قەدەر ئەتىراپلىق ۋە كونكرىت تۇرمۇش بىلىمى ۋە تەجرىبىسىگە ئىگە قىلالايدۇ. ھەتتا ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرىشىمىزگە بولمايدىغان قەدىمقى ۋە چەتئەلنىڭ ھايات مەنزىرلىرىنىمۇ ھەقىقىي، مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق چۈشىنەلەيمىز ۋە ئۇنىڭدىن تەسىرلىنەلەيمىز. كونا جەمئىيەتتىكى ئادەم ئادەمنى ئېزىدىغان ۋە ئېكسىپىلاتاتسىيە قىلىدىغان نامۇۋاپىق ئەھۋالنى كونكرىت چۈشىنىپ، ئېزىلگۈچى ۋە ئېكسىپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچى خەلقلەرنىڭ قايغۇ-ئەلەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قەلبىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بۈگۈنكى يېڭى جەمئىيىتىمىزنى تېخىمۇ سۆيۈپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئاكتىپچانلىقىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆستۈرىمىز.
    ئەدەبىيات-- بىر خىل تۇرمۇش دەرىسلىكى، ئەمىلىي تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز دەيدىكەنمىز، ئەلۋەتتە، بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ دەرىسلىكىنى ئۆگىنىشمىز كېرەك.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەدەبىي , بىلىم , ئۆگىنىش , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-7 14:20:43
    تەھرىر : hotanboy
    باھا : 0 كۆزىتىش : 667
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证