تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 268
    kasandira766@sina.com

    يازما سانى : 195
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-9-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    فىليەتۇنلار

    كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىلگىرلەش

    گۇن مىن

      بىزنىڭ ئاخبارات  ئەركىنلىگىمىز بار، بىراق ھەقىقى خەۋەرلەرنى ئەينەن ئېلان قىلالمايمىز .
         بىزنىڭ نازارەتچىلىك ئورگىنىمىز ۋە  تۈزۈمىمىز بار، لېكىن پارىخورلار  يەنىلا تۇيدۇرماستىن چىرىكلىشىۋاتىدۇ .
        بىزنىڭ مۇكەممەلبولغان ئاساسى قانۇنىمىز بولسىمۇ، لېكىن «ئادەم ئارقىلىق باشقۇرۇش» ھېلىھەم داۋاملاشماقتا . . . .

     

     

    گەپ ئاڭلاش تەربىيسى

    تاڭ شەنپۇ

     

        ئانا بۆشۈكتىكى بالىسىغا: «ئاناڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا» دەپ ئۆگىتىدۇ؛ چوڭلاريەسلى باللىرىغا: «تەربىيىچىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاڭ» دەپ ئۆگىتىدۇ ؛
       شۇنداق قىلىپ، بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن «ئۇ مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ»؛ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن «باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ»؛ باشلىق بولغاندىن كىيىن «يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ».
        جۇڭگودا باشقىلارنىڭگىپىنى ئاڭلاش «تەربىيسى» چوڭقۇر يىلتىز تارتقاچقا،  كىشىلەرمۇ مۇستەققىل پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم بولغان. بۇ بەلكىم مىللەتنىڭ  پاجىئەسىدۇر.

     

     

    ئېتىراپ قىلىش كېرەك

    لاڭ خۇيفا

     

    ئالىملارغا قارىغاندا سەنئەت ساھەسىدە نام چىقىرش ئاسان بوپ كەتتى، ھوقۇق سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرۇۋاتىدۇ . خۇشامەتچىلىك ئاممىغا كۈيۈنۈشنى بېسىپ چۈشتى. پۇل - مال بېرىلىش دوستلۇقنى بېسىپ چۈشتى. ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم بېرىش تاشلىنىپ قالدى. ئىقتىدارغا قارىغاندا گۈزەللىكنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولدى. مۇناسىۋەت  ئورنىتىش ئەمەلىي خىزمەتتىن ئەلا بولدى. يالغان گەپ راست گەپكە قارىغاندا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان بولدى.

     

     

     

    چۈشەنمەسلىك

    لىيۇ خېمىن

     

          مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قۇيۇلغان تۇرۇقلۇق  يەنە نېمىشكە ئوقۇشسىز قالغان بالىلار بار؟ بۇنى مەن چۈشىنەلمىدىم.
         ئىدارىدىن سايلام نامزاتىنى ئېلان قىلدى. بىراق بىز تېخى بېلەت تاشلىماستىن، يېڭى باشلىق سايلىنىپ چىقتى! بۇنى چۈشىنەلمىدىم.
         بىزدەك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكۇم پۈتتۈرگەنلەردىن تەشكىل تاپقان تېخنىكىلىق  ئورۇنغا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى ئاشپەز بولغان بىرسى باشلىق بوپكەلدى. بۇنى مەن چۈشىنەلمىدىم.
         مەلۇم سانائەت ئالاھىدە رايونىدا يېرىم  يىل ئىچىدە يېرىمدىن كۆپرەك زاۋۇت تاقىلىپ قالدى، نۇرغۇنلىغان ئىشچى ئىشسىز قالدى، ئەمما يىل ئاخىرىدىكى خۇلاسىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن بۇلتۇرقىدىن 3.6 % ئاشتى دىيىلگەن. بىراق ئىشسىزلارنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلى ئالمىغىنى ئېنىق. بۇنى مەن چۈشىنەلمىدىم.

     

     

    باش  مۇھەرىرنىڭ ئۆلچىمى

    خۇاڭ شەن

     

    مەلۇم  گېزىتنىڭ باش مۇھەررىنىڭ ماقالە بېكىتىشتىكى ئۆلچىمى «مەڭگۈ مەدھىيىلەش».

    تەھرىر مۇخبىر سوراپتۇ:
       - ئەگەر ئوت ئاپىتى يۈز بەرسىچۇ؟
       - ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىدىكى قەھرىمانلارنى مەدھىيلەيمىز.
       -  خىيانەتچى ئەمەلدارلار قاپقانغا دەسسىسچۇ؟
       - ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنى مەدھىيىلەيمىز.
       - ئىشچى _  خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن قالسىچۇ؟
       -  دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى مەدھىيىلەيمىز.

     

                   شەمشەر بلوگىدىن ئېلىندى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : فىليەتۇن , ئانا
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-7 13:59:10
    تەھرىر : qarluq
    باھا : 0 كۆزىتىش : 131
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证