تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰ(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 378
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰ(ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ)

    ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰ

    ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ

     


    ﺋﯚﮔﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ

    ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ

    ﺋﻮﻳﻨﺎﺭ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺗﺎﺭﺍﭖ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ.

    ﺳﻪﮬﻪﺭ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ

    ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ ﺋﻪﺯﻩﻡ

    ﺋﺸﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ.

     

    ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﮬﯚﻝ ﺋﻪﻱ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻼﺭ

    ﭘﺎﻙ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ

    ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﻗﺎﻳﻐﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ

    ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ.

     

    ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﯓ ﻧﯘﺭﻯ ﺳﯩﻤﺎﻥ

    ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻣﮕﻪﻥ ﺗﻮﭘﺎ-ﭼﺎﯓ.

    ﺑﺎﻏﺮﯨﻢ ﺋﯧﺰﯨﻚ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ

    ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ

    ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯘ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕ ﺋﺎﮬﺎﯓ.

     

    ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ

    ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﺯﯗﭖ ﺑﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻚ

    ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻱ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯧﻤﯩﭗ،

    ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻣﯧﮭﺮﺍﭘﺘﺎ

    ﻳﺎﯕﺮﺍﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ.

    ﻏﯩﭽﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺩﺍﯞﺯﯨﻼﺭ ﺷﯘﺋﺎﻥ

    ﺟﯩﻤﯩﺮﻻﻳﺘﺘﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ

    ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﯞﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﭘﻪﺭﯞﺍﺯﻯ.

     

    ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ

    ﺟﯩﻨﺎﺯﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ

    ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﯕﮕﺎﻟﻼﭖ

    ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﺯﺭﺍﺋﯩﻞ ﺋﯚﺯﻯ.

     

    ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﺌﻪﺩﯗﺭﻛﻰ ﺋﯘ ﺗﺎﻣﺴﯩﺰ

    ﺷﯘ ﻗﻪﻟﺌﻪﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ

    ﺧﯘﺩﺍ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ.

     

     

    ئادىل تۇنىيازنىڭ:«ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﯩﺘﻰ» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىندى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﯩﻨﻰ , ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-7 4:35:47
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 546
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证