بىر كەلسەڭ
مۇھەممەتجان راشىدىن
تۈندە يالغۇز قالارمىدىم بىر كەلسەڭ،
تۈندە تەنھا ماڭارمىدىم بىر كەلسەڭ،
ئۆتكەنلەرگە يېتىملاردەك تەلمۈرۈپ،
يىغلامسىراپ قارامىدىم بىر كەلسەڭ.
ئۆزۈڭ بولدۇڭ ماڭا ئاي، يىل ساناتقان،
خۇدا بىزنى جۈپ بولسۇن دەپ ياراتقان.
ئۇچۇر بەرمەي يوللىرىڭغا قاراتقان،
سېنى نامەرد سانارمىدىم بىر كەلسەڭ.
پۇتلىرىمغا تىكەن كىردى ئالمامسەن،
ئەڭ بولمىسا بىر پارچە خەت يازمامسەن.
بىر كەلمىسەڭ ئۇۋالىمغا كەلمەمسەن.
ساڭا خەتلەر سالارمىدىم بىر كەلسەڭ.