تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› بولسۇن(مۇھەممەتجان راشىدىن)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    libasim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 7
    badal@163.com
    295467579
    يازما سانى : 177
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-10-2 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    بولسۇن(مۇھەممەتجان راشىدىن)

    بولسۇن

    مۇھەممەتجان راشىدىن

     

     

    گۈل بولساڭ گۈلگە  خاس پۇرىقىڭ بولسۇن.
    ئۈنەرگە كەينىڭدە ئۇرىقىڭ بولسۇن.
    ئۈلگەڭدۇر ھىممەتلىك ھەسەل ھەرىسى
    كۆل بولساڭ  ئۈزەرگە بېلىقىڭ بولسۇن .

     ئاسماندا ئاي بولغىن كۈن بولالمىساڭ .
    ئىسسىقىڭ بولمىسا يۇرىقىڭ بولسۇن.
     ئاسماندا ئاي بولساڭ ئۇنۇتما يەرنى .
    باي بولساڭ يادىڭدا چورىقىڭ بولسۇن.

    ئادەمگە تەس كۈن يوق تىلەپ يېمەكتىن،
    شۇندىنمۇ چىرايلىق تىلىكىڭ بولسۇن.
    ئىلاھىم بار بولغىن باي بولمىساڭمۇ
    بۇغدىيىڭ بولمىسا تېرىقىڭ بولسۇن.

    ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەندۇر ،
    شۇ سەۋەپ كەينىڭدە قۇلىقىڭ بولسۇن.
    دوستۇڭغا بېرەرگە يۈرىكىڭ تەييار
    قۇلۇڭدا ھەر دائىم بۇيىقىڭ بولسۇن .

    بارچىدىن ئۇزاقتۇر ئەتەڭنىڭ يولى.
    مىنەرگە ئۈمىدلەر ئۇلىقىڭ بولسۇن.
    قەدىرسىز قالغاننىڭ كۈنى قىيامەت
    سۇ بولساڭ ئاقارغا ئېرىقىڭ بولسۇن

    تىلىڭنىڭ تىزگىنى بىشىڭنىڭ بەختى
    قازىنىڭ بولغاندا تۇۋىقىڭ بولسۇن
    باتۇرغا بارچىدىن سەگەكلىك قىممەت
    كۈندۈزمۇ ياقارغا چىرىقىڭ بولسۇن.

    نۇمۇسقۇ ئىنساندىن قورقۇشتىن ئۆلۈش
    ھوشۇڭدىن كەتسەڭمۇ  تىنىقىڭ بولسۇن
    ئۆمۈرلۈك ئۆرۈلمەس مۇنار بولساڭمۇ
    يىنىڭدا ھامان بىر يۆلىكىڭ بولسۇن .



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مۇھەممەتجان راشىدىن ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-4 14:05:59
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 226
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证