تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› ئىراننى جازالاشتىكى جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقلىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ahatalim
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    ahatalim@126.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئىراننى جازالاشتىكى جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقلىرى

    ئىراننى جازالاشتىكى جۇڭگونىڭ قىيىنچىلىقلىرى

     

    يېقىندا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە،  فرانسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئىراننى جازالاش قارار لاھىيىسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا ب د ت خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئالتە دۆلەت نامىدا مەزكۇر قارار لاھىيىسىنى تارقاتتى، ھازىرقى بار بولغان ئىراننى جازالاش ئاساسىدا جازالاش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، جازالاش مەزمۇنلىرى ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىپ بېرىشنى چەكلەش، ئىران پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىنىڭ پائالىيىتىنى كۆزۈتۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    مۇنچىلىك جازالاش دەرىجىسىدىكى ئېنىرگىيە، سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە ئىران بىلەن زور مەنپەئەتى بولغان جۇڭگونىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن مۇھىم. 2009-يىلى جۇڭگو ياۋروپانىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالدى، ئىران جۇڭگو شېركەتلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش ۋە تۈرلەر بازىرى بولۇپ قالدى. ئىران خەلقئارا نېففىت تەشكىلاتىدىكى ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت، دۇنيادىكى تۆتىنچى چوڭ نېفىت ئېكىسپورت دۆلىتى، جۇڭگو نېفىت ئىمپورتىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ مەنبەسى، جۇڭگونىڭ%11نېففىت ئىمپورتى ئىراندىن كېلىدىغان بولۇپ، 23مىليون140مىڭ توننىغا يېتىدۇ.

    شۇڭا، 2010-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى ئىران ھازىرقى ئامبىرىدىكى قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننى%20كە كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. غەرب ئىرانغا تېخىمۇ كۈچلۈك جازالاش يۈرگۈزىدىغانلىقىنى دارۋاڭ قىلىۋاتقاندا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈشنى ئىزچىل خالىماي كەلدى. جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە ئۆزىنىڭ غايەت زور سودا ۋە ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە قارىماي ئىراننى جازالاشنى قوللاشنى قارار قىلىدۇ؟ بۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ھەمدە جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك مەسئولىيىتى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

    ئېنىرگىيە كېرەكمۇ، ياكى دۇنيامۇ

    جۇڭگو ئىقتىسانىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئېنىرگىيە قىس بولۇش زىددىيىتى كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ چىقتى. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2000-يىلدىن2009-يىلغىچە جۇڭگونىڭ نېففىت ئىستىمالى241مىليون توننىدىن388مىليون توننىغا ئۆرلەپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى%6. 78بولغان، خام نېففىت ئىمپورت مىقدارى59مىليون690مىڭ توننىدىن199مىليون توننىغا ئۆرلەپ، ئىمپورت نېفىفتقا تايىنىش دەرىجىسى%24. 8تىن%51. 2 كە ئۆرلەپ، خام نېففىت ئىمپورتىغا تايىنىش دەرىجىسى تۇنجى قېتىم%50لىك ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى جۇڭگونىڭ نېففىت ئىمپورتىغا تايىنىش دەرىجىسى%65كە يېتىدىكەن، 2020-يىلىغا بارغاندا%70 تىن يۇقىرى بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

    بۇ، ئىراننىڭ مول، ئەرزان نېفىت-گاز بايلىقىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئىران بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى ساقلاش جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ خەتىرىنى پەسەيتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىران ئىمزالىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك چوڭ تىپتىكى ئېنىرگىيە ھەمكارلىق تۈرى يۈزدىن ئاشىدۇ. ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى جۇڭگوئىران ياداۋاران(Yadavaran) نېفىفتلىكى تۈرى ۋە نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرىدۇر. ياداۋاران نېفىتلىكى ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا جايلاشقان، ئېنىقلانغان خام نېففىت بازىسى18مىليارد تۇڭ بولۇپ، دۇنيادا ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىغان ئەڭ چوڭ نېفىتلىكنىڭ بىرى.

    2010-يىلى3-ئايدا، جۇڭگو نېفىت شېركىتى فرانسىيەشېركىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، 4مىليارد700مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئىران دېڭىز ئۈستى جەنۇبىي پارس(South Pars ) تەبىئىي گازلىقىنىڭ11-باسقۇچلۇق توختامىنى قولغا ئالدى. جەنۇبىي پارس گازلىقىنىڭ تەخمىنەن459 تىرىلئون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار بولۇپ، دۇنيادىكى تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ%8 ۋە ئىران تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ %47نى ئىگەللەيدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا، بەزىلەر ھەتتا ئىرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈش ئېنىقلا جۇڭگوغا جازا يۈرگۈزۈش بولۇپ، جۇڭگونىڭ سودا ۋە ئىستراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ دەپ قارىدى.

    باشقا نۇقتىدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى بارلىق ئىستراتىگىيىلىك مۇھىم يوللار، نېفىت ترانسىپورتى ھاياتلىق لىنىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەمىسىنى دېگۈدەك ئامېرىكا ئارمىيىسى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى كونترول قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىش ئارقىلىق نېفىت ئىمپورتى بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالىشى مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئىراقتىكى نېففىت توختامى ۋە ئافغانىستاندىكى مىس كېنىنى ئېچىشتىكى مەنپەئەتىگىمۇ ۋاشىڭتوننىڭ ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس. نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ خام نېففىت ئىمپورتى مەنبەسى زىيادە مەركەزلىشىش كەمچىلىكىدىن خالاس بولغىنى يوق، %50تىن يۇقىرى نېففىت ئىمپورتى ئوتتۇرا شەرققە تايىنىدۇ ھەمدە كۆپ قىسىمى سىياسىي ۋەزىيىتى تۇراقسىز دۆلەت ۋە رايونلار.

    ئىران نىجاد ھاكىيىمىتى بۇلتۇر ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئۆكتىچى سابىق باش مىنىستىر مۇساۋېينىڭ رەھبەرلىكىدىكى«يېشىل ئىنقىلاب»نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق مەغلۇپ بولىشى ئىران ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. جۇڭگو ئەگەر ئىرانغا زىيادە يان باسسا، غەربپەرەس كۈچلەر تەختكە چىقسا ھامان ئىشلار يامىنىغا ئۆرىلىدۇ، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ. ئىنتايىن ئاز كىشىلەر بىلىدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا ئىران بازارلىرىغا تولۇپ كەتكەن جۇڭگونىڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلىرى ئىراننىڭ ئۆز سانائىتىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كىرزىسكە دۇچار قىلدى، ئىراندا پىكىر بايان قىلىش كونترول قىلىنغاچقا، دۆلەت ئىچىدىكى ئامما ۋاقىتلىق بىلمەيدۇ خالاس.

    نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ جازالاشقا قوشۇلىشى ھازىرقى جۇڭگو ئىران مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىشى ناتايىن. جۇڭگونىڭ%11ئىمپورت نېفىتى ئىراندىن كەلگەن، ئەمما جۇڭگو بازىرى ئىران نېفىت ئېكىسپورتىنىڭ%40نى ئىگەللىدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسى ئالدىدا،  ئىقتىسادى تېزلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان، تەسىرى زور دەرىجىدە ئاشقان جۇڭگو ئىراننىڭ نېففىت بازىرىنى ئېچىشتىكى ئەڭ ياخشى نىشان ۋە ئەڭ بىخەتەر ئېكىسپورت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىرانغا موھتاج بولۇپلا قالماي، ئىران جۇڭگوغا تېخىمۇ موھتاج.

    بۇ قېتىمقى تىركىشىشتە، جۇڭگو ۋە روسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان جازالاش قارار لاھىيىسى ئامېرىكا ئىلگىرى تۈزگەن جازالاش لاھىيىسىگە قارىغاندا كۆپ سىپايىلەشتى. «قورال كۈچى ئىشلىتىشنى ياكى قورال كۈچى ئارقىلىق تەھدىد سېلىشنى قوللىمايمىز» ھەمدە «خەلقئارالىق ئىقتىساد سودا ھوقۇقى ۋە مەجبورىيىتىنى قوغداش»دېگەن مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى، ئىران مەركىزىي بانكىسى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىدى، ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي تۈۋرىكى_ئېنىرگىيە سانائىتى تىلغا ئېلىنمىدى، ئوچۇق دېڭىزدا ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىلا ئاندىن پاراخوتقا چىقىپ تەكشۈرەشكە بولىدىغان بولدى.

    ب د ت نىڭ2006-يىلى12-ئايدىكى1737-نومۇرلۇق قارارى، 2007-يىلى3-ئايدىكى1947-نومۇرلۇق قارارى، 2008-يىلى3-ئايدىكى1803نومۇرلۇق قارارى قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق جازالاش قارارىدا جۇڭگو، روسىيە قوللاش بېلىتى تاشلىدى، ئەمما ھەممىسى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمىدى.

    مەسئولىيەت:«شەخسىي مەنپەئەت» ياكى «چوڭ دۆلەتلىك سالاپەت»

    جۇڭگو ب د ت دا رەت قىلىش ھوقۇقى بار خەۋسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت. ئىراننى جازالاش ، مەسىلىسىدە جۇڭگو ئەلۋەتتە پەقەت«شەخسىي مەنپەئەت»نى قوغلاشسا بولمايدۇ ، بۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق ئوبرازىغا ئالاقىدار بولۇپلا قالماي، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سوغاق ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇقىم خەلقئارالىق بىخەتەرلىك تەرتىپى ئورنىتىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك.

    ئىران مەسلىسىدە جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە پىرىنسىپى بولىشى كېرەك، جۇڭگو ھازىر قارىغۇلارچە ئىراننى ئاقلىسا بولمايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مەيدانىدىن ۋاز كەچسە بولمايدۇ. شۇڭا، خەلقئارا يادرو كېڭىيىپ كەتمەسلىك سېستىمىسىنى قەتئىي قوغداش، ئىراننى جازالاشنى كۈچەيتىشنى قوللاش بىلەن بىرگە، دېپلوماتىيە ياراشتۇرۇش ئىشىكى تېخى ئېتىۋېتىلگىنى يوق. جۇڭگو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار ھەركەتلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا ياردىمى بولىشىنى، سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىشىنى، رايون تىنىچلىقى ۋە مۇقىملقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى ھەم نورمال نورمال سودا ۋە خەلقئارالىق ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىنى تەكىتلىشى كېرەك. دېپلوماتىيە تىرىشچانلىقى ۋە جازالاش تەڭ ئېلىپ بېرىلىدىغان«قوش رېلىسلىق ئىستراتىگىيە»نى جۇڭگونىڭ ئاقىلانە تاللىشى دېيىشكە بولىدۇ.

    تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئىران يادرو مەسىلىسى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا پرىزدېنتى ئوباما تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىران بىلەن سۆزلىشىشكە ئۇرۇندى. ئوباما:«ئەگەر ئىران مۇشتىنى تۈگۈۋالمىسا، بىز قول بېرىمىز»دېگەن ئىدى، ئەمما بىر يىلدىن بۇيان بىھۇدە ئاۋارە بولدى. نەتىجىدە، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئوبامانىڭ ئىران سىياسىتى مەغلۇپ بولدى دەپ تەنقىد قىلىدىغان نۇقتا بولۇپ قالدى. ئامېرىكا«بوستون يەر شارى گېزىتى» ماقالە يېزىپ:«ئىران مۇشتىنى تۈگمىگەن بىلەن كاچىتىمىزغا سالدى»دېدى. بۇ، ئامېرىكىنى ئىرانغا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈش ئىرادىسىگە كەلتۈردى.

    2010-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى، ئوباما چاقىرغان يەر شارى يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭتوندا ئېچىلدى، بۇ قېتىمقى يىغىنى سابىق پىرىزدېنت روزۋىلېت1945-يىلى سان ففرانسىسكودا ئاچقان ب د ت قۇرۇش يىغىندىن بۇيانقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىلىق دۇنيا رەھبەرلىرى يىغىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يادرو بىخەتەرلىكى ئوباما ھۆكۈمىتى دېپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم قارالمىسى، ئوبامانىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى«يادروسىز دۇنيا» بەرپا قىلىش ئارزۇسى بار ئىدى ھەمدە بۇ سەۋەبلىك نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

    ئەمەلىيەتتە، ئىراننى جازالاش قارار لاھىيىسىدە بىردەكلىككە كېلىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئىران جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن قول سېلىپ، بىرازىلىيە، تۈركىيە بىلەن يادرو يېقىلغۇسى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تۈزدى، كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىران1200كىلوگىرام ساپلىقى%3. 5 بولغان قويۇق ئۇراننى تۈركىيە يۆتكەپ، ئالماشتۇرۇش شەرتى قىلىدۇ. ئىران بىر يىل ئىچىدە روسىيە ۋە فرانسىيەدە ئايرىلغان قويۇقلىقى%20بولغان 120كىلوگىرام قويۇق ئۇرانغا ئىگە بولۇپ تىببىي تەتقىقات ۋە يادرو ئېلىكتىر يېقىلغۇسى قىلىشقا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ئىران داۋاملىق ئۇران قويۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرىۋاتىدۇ ھەمدە يادرو قورالى ياساش سەۋىيىسىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ دەپ تەكىتلىدى. مۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، ئىراننى جازالاشقا ئىزچىل قوشۇلماي كېلىۋاتقان روسىيەمۇ تېزراق جازالاشقا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەردى.

    جۇڭگو ئەگەر بۇ ئىشتا ئامېرىكا بىلەن تىركەشسە، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە باشقىچە«بۇرۇلۇش نۇقتىسى»مۇقەررەر كۆرىلىدۇ. بۇ جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىككە كەلگەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 21-ئەسىردە ئاكىتىپ ھەمكارلاشقان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى قۇرۇش ھەمدە ھەقىقىي ھەركەت قوللىنىپ ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن قۇرۇش دېگەن مۇھىم ئورتاق تونۇشىغا زىت كېلىدۇ، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىنىڭ ماھىيىتى بولسا جۇڭگو ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب يېتەكچىلىك قىلغان ھازىرقى خەلقئارالىق تەرتىپ بىلەن قارشىلىشتۇر. مۇنداق ئاقىۋەتكە ئېھتىمال جۇڭگو بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.

    تېخىمۇ ھالقىلىق بولغىنى، 5-ئاينىڭ24كۈنىدىن25-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتىگىيە ۋە ئىقتىساد سۆزلىششىدە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا«جۇڭگو-ئامېرىكا ئېنىرگىيە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى بىرلەشمە باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېستىمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئورتاق مەنپەئەتى ۋە مەسئولىيىتى بارلىقىنى ھەم ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇڭا، ئىراننى جازالاشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدن سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەگەر جۇڭگو ئىراننى جازالاشنى قوللىسا جۇڭگونىڭ نېففىت ئىمپورتىدا ئۇچرىغان زىيىنىنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىغا كاپالەت بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ.

    كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت موشۇنداق بىخەتەرلىكلا داۋاملىشالايدىغان بىخەتەرلىك بولىشى، موشۇنداق ھەمكارلىقلا ئاندىن خەۋپ-خەتىرى ئەڭ كىچىك ھەمكارلىق بولىشى مۇمكىن، موشۇنداق مەنپەئەتلا جۇڭگو ئېھتىياجلىق بولغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان يادرولۇق مەنپەئەت بولىشى مۇمكىن. بۇمۇ4-ئايدىن بۇيان ئىران يادرو مەسىلىسىدە9نۆۋەتلىك ئەلچىلەر دەرىجىسىدىكى سۆھبەتلىشىش، جۇڭگو ئامېرىكا ئىككى تەرەپ20نەچچە نۆۋەت زىچ سۆھبەتلىشىشىنىڭ كونكرت، ھەقىقىي ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نەتىجىسى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىران , جوڭگو
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-3 3:53:29
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 13445
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证