تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› 2010-يىللىق قىزىق نۇقتىلار ›› 2012-يىلى،ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بېرەمدۇ؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 312
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    2012-يىلى،ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بېرەمدۇ؟

    2012-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بېرەمدۇ؟

     

     

    2012-يىلى، ئىككىنچى قېتىملىق جۇڭگو ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بېرەمدۇ؟

    ئاپتورلىرى:ئىسكەندەر راخمان

                    سۇھا راماچاندران

     

    يېقىنقى نەچچە ئايدا،  ھىندىستان جۇڭگو بىلەن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان چېگرا رايونىغا بىر قاتار مۇداپىئە قۇرۇلۇشلىرىنى ياسىشى جۇڭگونىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

    2009-يىلى6-ئايدا ھىندىستان ئارۇن ئاچال ئۆلكىسى(جۇڭگو تەرەپ زاڭنەن رايونى دەپ ئاتايدۇ)نىڭ باشلىقى،  سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى سىنگى گېنرال(J.J.Singh) ھىندىستاننىڭ ئارۇن ئاچال ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو بىلەن چېگىرلىنىدىغان جايغا25-30مىڭ كىشىلىك ئىككى پىيادىلەر دېۋىزىيىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ نەچچە كۈندىن كېيىن، 4دانەSU-30MKI ئۇرۇش ئايروپىلانى ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تېزپۇر(Tezpur) ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قوندى.ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى مەزكۇر رايونغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانSU-30MKI كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ سانىنى18دانىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

    ھىندىستاننىڭ بىر دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە،  يېقىندا ھىندىستاننىڭ ئارۇن ئاچال ئۆلكىسىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ھەركەتلىرىدە ھېچقانداق ئىستراتىگىيىلىك مەقسەت بولمىسىمۇ،  ئەمما ئېنىقكى جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە قارىتىلغان. بۇنىڭغا قارىتا سىنگى گېنرالمۇ ھىندىستاننىڭ «كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك خىرىسى»غا تاقابىل تۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

    سىزىقىنى بويلاپ ئېلىپ بارغان ھەركەتلىرىدە ھېچقانداق ئىستراتىگىيىلىك مەقسەت بولمىسىمۇ،  ئەمما ئېنىقكى جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە قارىتىلغان. بۇنىڭغا قارىتا سىنگى گېنرالمۇ ھىندىستاننىڭ"كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك خىرىسى"غا تاقابىل تۇرماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

    جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىدىكى بۇ بىر قاتار سۈركىلىشلەرنىڭ ئارقىسىدا يەنە تېخىمۇ چوڭ پىلان بارمۇ؟ھىندىستان تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرامدۇ؟جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىدا قىسمەن دائىرىدىكى بىر مەيدان چېگرا توقۇنۇشى پارتىلامدۇ؟

     

    جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە سوغۇقچىلىق چۈشتى

    2009-يىلى5-ئايدا،  ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭAn-32 ترانسىپورت ئايروپىلانى ئارۇناچالدىكى مېچۇكا(Mechuka) ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچقاندىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىن يەر يۈزى ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى يىراق تاغ قاپتىلىدا ئايروپىلان قالدۇقلىرىنى بايقىدى. ئايروپىلاندىكى13ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى. شۇ جايدا تۇرۇشلۇق بىر كەنتتىكى 2 ئادەم ئايروپىلاننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىلا پارتىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ھىندىستان شەرقىي ھاۋا ئارمىيە قوماندانى شىللوڭدا(Shillong)ھادىسىگە يولۇققان 7 نەپەر ھاۋا ئارمىيە خادىمى ۋە 6 نەپەر ھەربىينىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىش ئۈچۈن،  يېڭى دېھلى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانى جۇڭگو چېگرىسىدا ياكى چېگرىغا يېقىن جايدىن يولدىن ئادىشىپ قالغاندا«ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىلدى» دەپ خەۋەر بەردى.

    ئەمما ئاچقۇچلۇق مەسىلە«بۇ ئايروپىلاننىڭ جۇڭگو ئېتىپ چۈشىرىۋەتتىمۇ يوق؟» ئىدى. نۆۋەتتە،  ئاسام ئۆلكىسىمۇ بېنگالنىڭ شەرقىي رايونىدىكى ()دەپ ئاتىلىدىغان ھەر قايسى شىتاتلارغا ئوخشاش مۇستەقىللىققە ئېرىشىشنى خىيال قىلىۋاتىدۇ. ئايروپىلاننى مەزكۇر رايوندا ھەركەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق رادىكال ئۇنسۇرلار ئېتىپ چۈشۈرىۋېتەلەيدۇ. ھىندىستاندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ ناكسال گۇرۇھىدىكىلەر سېتىۋالغان ئىلغار قوراللارمۇ ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشىرىۋېتەلەيدۇ.

    ھىندىستان جۇڭگونى مېكماخۇن سىزىقى بويىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ تەھدىد دەپ قارايدۇ. پارتىلاپ كەتكەن ھىندىستان ئايروپىلانى كۈتۈلمىگەن ھادىسە بولۇش بولماسلىقىدىن قەنئىينەزەر،  ھىندىستان شىمالىي چېگرا رايونىغا بولغان دىققەت ئېتىبارىنى ھامان كۈچەيتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەقىقىي باش ئاغرىقى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال ئۆلكىسى بولۇپ،  جۇڭگو زاڭنەن دەپ ئاتايدۇ. بۇ جۇڭگو ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ زېمىن ماجراسى.

    ئارۇناچال(Arunachal Pradesh) نىڭ مەنىسى«سۈبھىدە يورىغان تاغلىق» ياكى«قۇياش نۇرى يورۇتقان زېمىن» بولۇپ،  ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان،  شىزاڭ(تىبەت)نىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا،  بېرمىنىڭ شىمالىدا. بۇ جايغا ئالاقىدار ماجرا1962-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا پەيدا بولغان.

     

     

           1962-يىلى، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا قىسقا مەزگىللىك چېگرا ئۇرۇشى پارتىلىدى، ئەڭ ئاخىرى ھىندىستاننىڭ مەغلوبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ ئۇرۇشتا جۇڭگو كەشمىرنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئاقسايچىننىڭ38مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر زېمىنىنى ئىگەللىۋالدى. نۆۋەتتە، بۇ رايون يەنىلا جۇڭگونىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرماقتا. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو يەنە كەشمىرنىڭ5180كىۋادىرات كىلومېتىرلىق زېمىنىنى ئىگەللىۋالدى، بۇ زېمىننى پاكىستان1963-يىلى ھىندىستانغا كېسىپ بەرگەن زېمىن ئىدى. جۇڭگو ئارمىيىسى ھەتتا ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا كىردى، ئامما يەنە چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. بىراق، جۇڭگو يەنىلا ئۇ يەردىكى90 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر رايونغا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بارلىقىنى داۋاملىق جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ.
    1972-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى، بۇ رايون مۇستەقىل سىياسىي ئورۇنغا ئىگە بولدى، ھىندىستانغا بىۋاستە قاراشلىق رايون دەپ جاكارلاپ، ھىندىستان بىۋاستە ئىدارە قىلىپ، ئارۇناچال ئۆلكىسى قىلىپ بېكىتتى. 1986-يىلى ئارۇناچال ئۆلكىسى نىزام لاھىيىسىنى پارلامېنت بېكىتىپ چىقىپ، 1987-يىلى2-ئايدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى، ئارۇناچال ھىندىستاننىڭ24-ئۆلكىسى بولدى. گەرچە ئارۇناچال ھىندىستاننىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ ئىدارە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بۇ ئۆلكىنىڭ كۆپ قىسىمى تىبەت ئاپتونوم رايونىغا تەۋە دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
    جۇڭگو ئارۇناچالنى بويلىغان چېگرا ماجراسىنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى، ئارۇناچالنىڭ يەنىلا تالاش-تارتىش بولىۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا بىلدۈردى. ھىندىستاننىڭ ئارۇناچالنى كونترول قىلىش غەرىزىدىكى ھەر قانداق بىر ھەركىتى جۇڭگونىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. مەسىلەن، 1986-يىلى ھىندىستان«ئارۇناچال مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق رايون»نى ھىندىستاننىڭ باشقا شىتاتلىرىغا ئوخشاش «فىدىراتسىيە» دەرىجىسىگە كۆتۈرگەندە، ئەڭ ئاخىرى جۇڭگو ھىندىستان بىلەن سامداروڭ(Sumdarong) دەرياسى جىلغىسىدا قاتتىق توقۇنۇشتى.

     گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ھىندىستان مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان بولسىمۇ(جۇڭگو نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى)، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ 4057 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا ماجراسى تېخى ھەل بولمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئارۇناچالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى كەينى-كەينىدىن جاكارلىدى. ھىندىستان دېپلوماتىيە خادىمى جۇڭگو ئارۇناچال مەسىلىسىدە قىلچىمۇ يول قويمايدۇ دېدى. 2006-يىلى11-ئايدا، جۇڭگونىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى سۇن يۈشى(孙玉玺) ھىندىستاننىڭ بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«پۈتكۈل ئارۇناچال جۇڭگونىڭ زېمىنى»دېدى. نەچچە ئايدىن كېيىن، جۇڭگو ئارۇناچال رايونىنى جۇڭگونىڭ زېمىنى دېگەننى باھانە قىلىپ، مەزكۇر رايوندىن كەلگەن پۇقرالارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى. ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئارۇناچال ئۆلكىسىنى زىيارەت قىلىشى جۇڭگو رەھبەرلىرىنى بىئارام قىلدى.
    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچالغا ئەسكەر كۆپەيتىش ھەركىتىگە قارىتا جۇڭگو تېزلىكتە ھەركەت قوللاندى. جۇڭگو «خەلق گېزىتى»نىڭ قارمىقىدىكى«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئېنگىلىزچە نۇسخىسى 2009-يىلى6-ئايدا قىسقا ئەمما سۆزلىرى قاتتىق بولغان باش ماقالە ئېلان قىلىپ، «ھىندىستاننىڭ ھەربىي ھەركىتى ئىنتايىن كالتە پەملىك» ھەمدە ھىندستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدى بىلەن«جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوشۇرۇن ئاقىۋەتكە بەرداشلىق بېرەلەمدۇ يوق»دېگەننى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك دەپ ئەسكەرتتى. بۇماقالىدە ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇش ياكى چېگرا ماجراسى مەسىلىسىدە جۇڭگونى ھىندىستان بىلەن مۇرەسسەلىشىشكە قىستاش ئىقتىدارىمىز بار دەپ ئويلايدۇ ، دەپ قارىغان. «ھىندىستانغا نىسبەتەن، جۇڭگو بولسا يوشۇرۇن تەھدىد ھەم ئېشىپ كېتىشنى ئويلايدىغان رىقابەتچىسى، ئەمەلىيەتتە، خەلقئارالىق تەسىر كۈچى، ئۇنۋېرسال دۆلەت كۈچى ھەمدە ئىقتىسادىي كۆلىمى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ھىندىستاننى جۇڭگو بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەمما ھىندىستان بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يەتمىدى»دېيىش ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ جۇڭگوغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئاسترىتتىن پەش قىلغان.
    گەرچە ھىندىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىدىكى تالاش-تارتىش بولىۋاتقان رايونغا ھەربىي تەدبىر قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان دېپلوماتىيە جەھەتتە ئېھتىياتچان بولدى. 2008-يىلى ھىندىستان باش مىنىستىرى مەنموخان سىنگى ئارۇناچالنى زىيارەت قىلغاندا داغدۇغا قىلمىدى؛ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى ئەسلى پىلان بويىچە ئۆتكۈزىلىدىغان سوخوئى(Sukhoi) ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئاسام ئۆلكىسىدە تۇرغۇزۇشنى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى دغدۇغا قىلماي ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالغان، مەقسىتى جۇڭگونىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويماسلىق ئىكەن.

    ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالى ۋە سىككىم:جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بېسىمىغا دۇچ كەلدى
    2009-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھىندىستانغا ئومۇمىي سوممىسى ئىككى مىليارد900مىليون ئامېرىكا دوللىرى(ئارۇناچالغا60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قەر بېرىش پىلانى تۈزگەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى، سەۋەبى ئارۇناچال «تالاش-تارتىش بولىۋاتقان زېمىن» بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تۇيۇقسىز ھىندىستانغا قەرز بېرىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو نەچچە ئاي ئىچىدە ئاسىيا ئېچىۋېتىش بانكىسىنىڭ ھىندىستانغا قەرز بېرىشىنى توساش غەرىزىدە بولغان، چۈنكى بۇ قەرزدە ئارۇناچالنىڭ بۇ بىر تەرەپ قىلىش تۈرىگە بېرىلىدىغان60مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرزمۇ بار ئىدى. 2009-يىلى7-ئايدا ھىندىستان دېپلوماتىيە ئىشلىرى مىنىستىرى كىرىشىنا بۇ مىش-مىش گەپلەرنى ئىسپاتلىدى ھەمدە «جۇڭگو ئاسىيا ئېچىۋېتىش بانكىسىنىڭ <ھىندىستان دۆلەتلىك شېرىكلىك ئىستراتىگىيىسى2009-2012> تەشەببۇسىغا ئىمزا قويمىدى، سەۋەبى بۇ تەشەببۇستىكى ھىندىستان دۆلەتلىك شېرىكلىك ئىستراتىگىيىسى ئارۇناچال رايونىنىڭ كەلكۈن سۈيى ۋە دەريا ئېقىمىنىڭ ئۇپرىتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشىنى تېخنىكا ۋە مەبلەغ بىلەن قوللاشقا چېتىلىدۇ، جۇڭگو بۇ رايونغا ئىگىلىك ھوقوقىمىز بار دەپ جاكارلىدى»دېدى. ئۇ يەنە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ«جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا ئېچىۋېتىش بانكىسىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئارۇناچالنىڭ ھىندىستاننىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە مەسىلىسىدە مەسلىھەتلىشىشنىڭ ئورنى يوق»دەپ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستان پارلامېنت ئەزاسى كىرېن كىجىجۇ(Kiren Kijiju) نىڭ دېيىشىچە، 2007-2008 يىلى جۇڭگونىڭ چېگرا ئەتراپىدىكى ھەركىتى بارغانسېرى كۆپەيگەن.
    2003-يىلى، ھىندىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋاجىپايېۋ بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ جۇڭگونىڭ تىبەت رايونىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق جۇڭگوغا پوزىتسىيىسىنى بىلدۈردى. بۇنىڭغا جاۋابەن ياكى بىر مەزگىل ئويلىنىش ئارقىلىق، جۇڭگو سىككىمغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىدىن ۋاز كەچتى. گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتتە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىپادىسىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بىر مەزگىلدىن بۇيان خەلقئارا جامائەتچىلىك جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ«ئۆز ئارا مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش»ى ھەقىقەتەن يۈز بەردى، خۇددى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەرىتىسىدە سىككىمنى ھىندىستاننىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسىتىشكە باشلىغاندەك دەپ قارىدى.
    نۆۋەتتە جۇڭگو بۇ بى رەسىمىي ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئىپادىلىدى، پات-پات قىسىم ئەۋەتىپ، ھىندىستاننىڭ سىككىمنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ئاز بىرقىسىم رايونلىرىنىڭ مۇھاپىزەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇردى ھەمدە مەزكۇر رايوندىكى ئەسلىدە بار بولغان چېگرا پاسىلىنى بۇزىۋېتىمىز دەپ تەھدىد سالدى. 2008-يىلى ھىندىستان چارلىغۇچى خادىملىرى جۇڭگونىڭ غەربتىن شەرققە سوزۇلغان بىر تاشيولنى يوشۇرۇن ياساۋاتقانلىقىنى بايقىدى، بۇ تاشيول دەل سىككىمنىڭ شىمالىدىكى رايوندىن ئۆتەتتى. ھىندىستان قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ قۇرۇلۇش بىر مەزگىل توختىتىلدى. نۆۋەتتە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىدا بۇ قوراللىق خادىملارنىڭ چېگرىدىن ھالقىپ ئۆتۈش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى ئىزچىل خالىمايۋاتىدۇ، بىراق ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونى بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش شەكلىدە بۇ ۋەقەنى«جۇڭگو ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپتۇ»دەپ تەسۋىرلىدى.
    سىككىم مەسىلىسى شۇنى بىلدۇرىدىكى، ھىندىستان تاكتىكىچىلىرى رەسىمىي ئىمزا قويىدىغان بىر جاكارلاش مۇراسىمىنىڭ كەمچىللىكىنى، جۇڭگونىڭ بى رەسىمىي«ۋەدە»سىنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەك.

    نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ چېگرا ھەركەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە قارىتا ھىندىستاننىڭ ئىنكاسى ئاساسلىقى دېپلوماتىيەدىكى ئېھتىياتچانلىق ۋە ھەربىي جەھەتتىە قاتتىق تۇرۇشتىن تەركىب تاپقان. ھىندىستان قوراللىق قىسىمىنىڭ جۇڭگونىڭ چېگرا ھەركىتىگە قارىتا چىقارغان ئىنكاسى ماھىيەت جەھەتتە تېز ۋە ئۈنۈملۈك بولدى. ئارۇناچال رايونىنىڭ ئوفىتسېرى سىنگى گېنرال 2009-يىلى6-ئايدا، ھىندىستاننىڭ مەزكۇر رايونىغا ئىككى دېۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ھەربىي دېۋىزىيەدە تەخمىنەن25مىڭدىن30مىڭغىچە ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ يەر يۈزى تەڭشەش ھاۋادىمۇ ماسلاشتۇرۇشقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھىندىستان ھەربىي تەرەپ مەزكۇر رايونغا18دانەSU-30MKI كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن تەركىب تاپقان بىرلەشمە ئارمىيەنى ئەۋەتىپ، ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاسام ئۆلكىسىنىڭ تېزپۇر ئايرودرومىغا ئورۇنلاشتۇردى. سىككىمدا ھىندىستاننىڭ شىمالىي چېگرا سىزىقى بويىدىكى ئىستىھكامنى كۈچەيتىش ۋە T-72 تانكىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، 27-تاغلىق دېۋىزىيىسىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە 3 دانە ئالدىن سىگنال بېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئايروپىلانىنى سەپلەپ، ھىندىستاننىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ۋەزىپىسى جۇڭگونىڭ چېگرىسىنىڭ ئىچكى جايلىرىدىكى قىسىملىرىنىڭ تەڭشىلىش ۋە قوراللىنىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاشتۇر.
    2009-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى، ئاسىيا ئاخبارات لىنىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ چېگرىدىكى ئەھۋالنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھىندىستان ئارمىيىسى جۇڭگو ھۇجۇم قوزغىغان ئەھۋالغا تەقلىد قىلىپ بىر مەيدان ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن.
    بىر مەيدان چەكلىك چېگرا تىركىشىشىمۇ؟
     
    جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسى ئەمەلىي كونترول سىزىقى رايونىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىشى بىر قىسىم رادىكال ھىندىستان تەھلىلچىلىرىنىڭ، مەسىلەن«ھىندىستان مۇھاپىزەت ئوبزورى»نىڭ مۇھەررىرى بارات ۋېرما(Bharat Verma)نىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان، 2012-يىلى ياكى2017-يىلى جۇڭگو ئېھتىمال ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن دېگەندەك پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
     جۇڭگونىڭ مۇنداق ھەربىي ھەركەت قوللىنىشىنىڭ نەچچە خىل مۇددىئاسى بولىشى مۇمكىن. جۇڭگو تەرەپ ئارۇناچال ئۆلكىسىنى ئىزچىل ھالدا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى ھەمدە زاڭنەن(藏南) دەپ ئاتاپ دۆلەت ئىچىدە نەشىر قىلىنغان جۇڭگو خەرىتىلىرىگە بۇ زىمىننى شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. جۇڭگوغا نىسبەتەن، بۇ رايوننىڭ غايەت زور ئىستراتىگىيىلىك قىممىتى ۋە سىمۋوللۇق ئەھمىيتى بار، بولۇپمۇ شىزاڭ(تىبەت)مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار دەپ جاكارلىغان زېمىننىڭ كۆلىمى90 مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ(تەيۋەندىن ئىككى ھەسسە چوڭ، كورىيە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ)، 327يىللىق تارىخى بار لاما دىنىنىڭ ئىبادەتخانىسى بولغان «داۋاڭ ئىبادەتخانىسى» مەزكۇر رايوندا(يەرلىكتىكىلەر GALDENNAMGYELLHATSE دەپ ئاتايدۇ)، بۇ ئىبادەتخانا لاسادىكى بۇدالا سارىيىدىن كېيىنكى لاما دىنىنىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىبادەتخانىسى، لاما دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسىز گۆھىرى ھەمدە تىبەتلەر گۆھەر يوشۇرۇنغان ئامبار دەپ قارايدۇ. 6 ئەۋلاد دالاي لاما بۇ يەردە دۇنياغا كەلگەن.
    2008-يىلى دالاي لاما ئۆز ۋارىسىنىڭ جۇڭگو كونتروللىقىدىكى تىبەت رايوننىڭ سىرتىدا بارلىققا كېلىش مۇمكىنچىلىكىنى جاكارلىدى. ئەگەر دىننىي داھىيسى ئالماشسا، جۇڭگو ئارمىيىسى ئارۇناچال رايونىغا كىچىك كۆلەمدىكى ھۇجۇم قوزغاپ، «داۋاڭ ئىبادەتخانىسى»نى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بۇ رايونغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايەن قىلىشى مۇمكىن. «داۋاڭ بۇتخانىسى» غا بولغان كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش «كېلەركى ئەۋلاد دالاي لامانىڭ ھىندىستان ئىگىدارلىقىدىكى زېمىنىدا گېگەن بولىشى»غا ئالدىن قول سېلىش بولۇپ، يەنە تىبەت مۇستەقىللىقچىلىرىغا ئېغىر مەنىۋى زەربە بېرىدۇ.
    ھىندىستان ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئارۇناچالنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۇھىملىقى بۇرايوننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك قىممىتىدە ئىكەن. جۇڭگو ئارۇناچالنى كونترول قىلسا، قوراللىق كۈچ ئارقىلىق پۈتكۈل يارلوڭزاڭبو دەريا ۋادىسىنى ھەمدە ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىدىكى باشقا جايلارنى كونترول قىلالايدۇ.
    تىبەت ئاپتونوم رايونى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئارۇناچال ئۆلكىسى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ئىنتايىن مول رايون. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر رايوننىڭ كان مەسۇلاتلىرى ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىمۇ ئىنتايىن مول، شۇڭا جۇڭگو بېرما بىلەن ئۆتۈشمە يول ياسىيالايدۇ. بېرما ئۆتكەن 20 يىلدا بۇ جايدىكى تەسىرىنى مۇقىم كېڭەيتتى. ئەگەر جۇڭگونىڭ قوراللىق قىسىملىرى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئىستراتىگىيە جەھەتتە يارلوڭزاڭبو ۋادىسىنى دائىرىسىگە ئالالايدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئاسام ئۆلكىسىدن كېسىپ ئۆتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مۇبادا ھىندىستان بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك توقۇنۇشسا، جۇڭگو ئارمىيىسى تېزلىكتە تار سىلىگۇرى كارىدورىغا ئاتلىنىپ، دېھلى بىلەن ھىندىستاننىڭ پۈتكۈل شەرقىي شىمال ئۆلكىلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلىيالايدۇ. جۇڭگو يەنە ئاجىز بۇتاننى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، «جۇڭگونىڭ ئەمەلىي كۈچ تەسىر دائىرىسى»گە كىرىشكە مەجبورلايدۇ، بۇ يايسىمان بەلباغ نېپالدىن بېنگالغا كېڭىيدۇ.
    «ھىندىستاننى نىشان قىلغان بىر مەيدان مۇۋاپىقىيەتلىك چاقماق تېزلىكىدىكى چېگرا ئۇرۇشى جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ھەيۋىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، بېيجىڭنىڭ بۇ ئەسىردە پۈتكۈل قۇرۇقلۇقتا زومىگەرلىك تىكلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەر ئارقىلىق، ھىندىستاننىڭ ئانالىزچىلىرى يۈرەكلىك تەسەۋۋۇرلىرىنى دارۋاڭ قىلدى. بۇ چاقماق تېزلىكىدىكى چېگرا ئۇرۇشى جۇڭگولۇقلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلىرىگە بولغان دىققىتىنى بۇرايدۇ.
    بىراق، بۇ قورقۇنۇچلۇق تەسەۋۋۇر ۋە يۈرەكلىك ئوي-خىياللارنى بىر ياققا قويۇپ تۇرغاندا، پات يېقىندا بۇ ئەھۋالنىڭ ئەمەلىي شارائىت ئاستىدا يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى قانچىلىك؟

    ھىندىستان ھەربىي تەرەپ يېقىندا«دەرىجىدىن تاشقىرى ماترىكىس» ناملىق ئۇرۇش قىلىش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى. مەزكۇر ئۇرۇش قىلىش لاھىيىسىدە 2017-يىلدىن ئىلگىرى جۇڭگونىڭ بىر مەيدان يۇقىرى تېخنىكىلىق چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇش قوزغىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ توقۇنۇشنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇنىڭدەك ئەڭ چاتاق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە نۇرغۇن توسالغۇلار بار.
    مۇنداق ھۇجۇم خاراكتېرىدىكى ھەربىي ھەركەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ھەمدە جۇڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ كۆپ يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق قۇرۇپ چىققان، گۈللەنگەن ئىقتىسادى ۋە مۇقىم خەلق تۇرمۇشى مۇھىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىستراتىگىيىلىك ئۇقۇمى نەنخەي دېڭىزى ئىگىلىك ھوقۇق ماجراسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ھىندىستان بىلەن بولغان چېگرا ماجراسىمۇ مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقى ئىككى مەسىلە بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا يادرولۇق مەسىلە ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ ئىچكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى بىر تەرەپ قىلمىسا ۋە بىر قىسىم بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بەرمىسە بولمايدۇ.
    ھىمالايا تاغ تىزمىسىدا گەرچە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى قورال كۈچى جەھەتتە زور ئەۋزەللىكى بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان يەنىلا ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدا(مەسىلەن شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە پاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان لاداخ رايونى) ۋە بەزى ئالاھىدە رايونلاردا جۇڭگو ئارمىيىسىگە قاتتىق قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بار. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى بىر قاتار ھەربىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرى كەڭلىك رايونلاردا بىر قىسىم ئايروپىلان ئۇچۇش يوللىرىنى ياسىدى ۋە يېڭىلىدى ھەمدە سەرخىل قوراللىق تاغلىق قىسىمنى ئورۇنلاشتۇردى، مەسىلەن «يىلپىز» رازۋېتكا ئەترىتى ھىندىستاننى نىسپىي پايدىلىق ئورۇنغا ئىگە قىلدى. يۇقىرىقى بارلىق ئامىللار جۇغلىنىپ جۇڭگو ھىندىستان چېگرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.
    كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە ئەڭ ئاخىرى جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيە مۇھىم نۇقتىسىدا جۇڭگو ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن. بۇ مۇھىم مەسىلە دەل دالاي لامانىڭ ۋارىس مەسىلىسى ۋە ئالتىنچى ئەۋلاد دالاي لاما ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى كەلگۈسى شىزاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىدۇر. ئەگەر جۇڭگو كونتروللىقىدىكى تىبەت رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېزلىكتە يامانلاشسا، جۇڭگو ھىندىستان چېگرىسىدا توقۇنۇش پارتىلاش مۇمكىنچىلىكى زور دەرىجىدە يۇقىرىلايدۇ.

    ھاۋاي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىدىكى موخان مالىك «ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگىنىدەك، ئىككىلا تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىدىغان ھەربىي توقۇنۇش پارتىلىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك، بىراق«ھىندىستاننىڭ تالاش-تارتىش بولىۋاتقان رايوندا تاشيول ياساش پىلانى ئېھتىمال جۇڭگونىڭ چېگرا چارلاش قىسىمى بىلەن جىددىي تىركىشىشى ۋە كىچىك كۆلەمدە توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى» دىن ئىبارەت بۇ ئەھۋالنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. چېگرا سۈركىلىشى جىددىي ھالەتكە كىرگەن چاغدا بىر مەيدان توقۇنۇشقا ئايلىنىشى مۇمكىن، توقۇنۇشتا جۇڭگو ئارمىيىسى ئارۇناچال رايونىغا چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قوزغاپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل ئارۇناچال رايونىنى بېسىۋېلىشى مۇمكىن.


    ئەڭ يامان ئەھۋالغا تەييارلىق كۆرۈش
    گەرچە«بىر مەيدان چېگرا توقۇنۇشى يېقىنلاپ كەلگەن»لىكىگە ئائىت پەرەزلەر ئاڭلىماققا كۆپتۈرىۋېتىلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ھىندىستان مۇنداق پەرەزلەرگە تەييارلىقسىز قالسا بولمايدۇ. گەرچە قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، ھىندىستان ھەربىي تەرەپ يېقىندا بىر قاتار تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىدا جۇڭگو ئەۋزەللىكنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۆتكەن نەچچە يىل ئىچىدە جۇڭگو تىبەت رايونىدا كۆپلىگەن ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى قۇردى، 2008-يىلى لاسا توپىلىڭىدا جۇڭگو بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇردى.
    نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ شىزاڭدا ئورۇنلاشتۇرغان قىسىملىرى ئاز دېگەندە ئىككى بېرگادا، بىر ماتورلاشقان دېۋىزىيە ۋە ئىككىنچى توپچىلار قىسىمىدىن تەركىب تاپقان. ئاساسىي ئەسلىھەلەر جەھەتتە، مەيلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بولسۇن ياكى يۇقرى ئېگىزلىكتە چىڭخەي-شىزاڭ تاشيولىنىڭ ئۇزارتىلىشى بولسۇن، ھەممىسى سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلماقتا.
    ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ دېيىشىچە، 2008-يىلى جۇڭگونىڭ ھىندىستان زېمىنىغا بېسىپ كىرىش قېتىم سانى ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن، كۆپ قىسىمى ئارۇناچال رايونى ئىچىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان رايونىدا يۈز بەرگەن.
    2008-يىلى، ھىندىستان جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىنىڭ غەربىي بۆلىكىدىكى كۈچلىرىنى ئاكىتىپ ياخشىلىدى، قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرگەن ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ لاداخ رايونىدىكى دۆلەتبەگ ئالدى ۋە فۇكچى(Fukche) ئايرودرومىنىڭ جۇڭگو كونتروللىقىدىكى ئاقسايچىن رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر ئوق يېتىم كېلىدۇ. يېڭى دېھلى مۇھاپىزەت ئانالىز تەتقىقات ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى فونچوك ستوبدان(PhunchokStobdan) ھىندىستاننىڭ بۇ ئايرودروملارنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرىشى بېيجىڭنىڭ خىرىسىغا ئىنكاس قايتۇرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى» لىنىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ھىندىستان«تاسادىپىي ۋەقەلەر»گە تەييارلىق قىلماقتا دېدى.
    ھىندىستاننىڭ شەرقىي رايونىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى بۇ تەييارلىق خىزمىتىنىڭ بىر قىسىمى. بۇنىڭدىن سىرت، ھىندىستان يەنە ئاسام ئۆلكىسىدىكى تېزپۇر، كابو، چابۇئا(Chabua) ھەمدە غەربىي بېنگال ئۆلكىسىگە جايلاشقان پاناگارىخ(Panagarh) بىلەن بىھار(Bihar) ئۆلكىسىدىكى پۇرنېئا(Purnea) قاتارلىق 5 ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يېڭىلاشنى پىلانلىدى.
    جۇڭگو چىڭخەي-شىزاڭ تاشيولىنىڭ گولمۇدتىن لاساغىچە بولغان بۆلىكىنى ناتۇلا(Natula) تاغ ئېغىزىدىكى سودا مەركىزى يادوڭغا ئۇزارتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ناتۇلا تاغ ئېغىزى غەربتە شىزاڭ بىلەن سىككىمنى تۇتاشتۇرىدۇ، يەنە ھىندىستان چېگرىسىدىكى مۇھىم سودا بازىرى نىيىڭ ھىرى(Nying khri)غا ئۇزارتىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ھىندىستان تەھلىلچىلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، نەچچە يىلدىن كېيىن جۇڭگو پويىز ئارقىلىق ئەسكىرىي كۈچىنى سىككىم بىلەن ئارۇناچالغا توشۇيالايدۇ دېدى. لېكىن ھىندىستاننىڭ بۇ رايوندىكى تاشيول، تۆمۈر يول قۇرۇلىشى ئىنتايىن كېچىكىپ كەتتى.
    سىككىمدا پەقەت بىر تاشيوللا پايتەخت گانگىتوك بىلەن ناتۇلا تاغ ئېغىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئاسانلا تاغ سېرىلىپ چۈشۈش يۈز بېرىدىغان كەڭلىكى پەقەت 5 مېتىر بولغان تاشيول بۇ جاي بىلەن ھىندىستاننىڭ باشقا جايلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ھىندىستاننىڭ 84 كىلومتېرىلىق ئوتتۇرىچە تاشيول زىچلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سىككىمدا ھەر 100كىۋادىرات كىلومېتىردا پەقەت28. 45كىلومېتىر تاشيول بار. سىككىمدا، چىپۇرا، ماغالايا، مىزورام ۋە ئارۇناچال قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە تېخى تۆمۈر يول يوق. گەرچە جۇڭگو ئارمىيىسى ماشىنىغا چىقىپ جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىغا بىۋاستە بارالايدىغان، كېيىن پويىزغا ئولتۇرۇپ بارالايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان ئەسكەرلىرى يەنە پىيادە1045 كىلومېتىر يول يۈرگەندە ئاندىن يېتىپ بارالايدۇ.

    ناھايىتى ئۇزۇندىن بۇيان، يېڭى دېھلىنىڭ چېگرا رايونلارغا بولغان سىياسىتىنىڭ «ھاياتىي كۈچى ناھايىتى كەمچىل»بولدى. بۇ ئېھتىمال ئىككى سەۋەبتىن، يەنى جۇڭگونىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەم ئەڭ چاتاق ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ چېگرىدىن ھالقىپ كىرىپ، ھىندىستاننىڭ ترانسىپورت ئاساسىي ئەسلىھەلىرىدىن پايدىنلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن. سەۋەبى قايسى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى پاسسىپ ھالەتتىن ئاخىرى ۋاز كېچىپ، ئاكىتىپ تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى باشلىغاندەك تۇرىدۇ. گەرچە ھىندىستان تەھلىلچىلىرى جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككىلا تەرەپ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇلار جۇڭگونىڭ ئارۇناچال ئۆلكىسىگە چەكلىك ھەربىي ھەركەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنىمۇ يوققا چىقارمايدۇ.
    نۆۋەتتە، ھىندىستان چېگرا رايونىدا تاشيول كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقتا2006-يىلى ھىندىستان ھۆكۈمىتى چېگرا رايوندا تاشيول ياساش ھەمدە باشقا بىر قىسىم ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلىشىنى تەستىقلىدى. يېقىندا ئۈچ مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ، چېگرا رايوندا تاشيول قۇرۇلىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
    خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئايردوروملارنى يېڭىلاش ۋە چېگرىدا تاشيول ياساش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئىلگىرى ھىندىستان ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى ھەمدە ھىندىستان ئارمىيىسى قارمىقىدىكى يول ياساش ئىدارىسى مەسئول بولغان ئىدى، ھازىر شەخسىي كارخانىلارغىمۇ ئېچىۋەتتى، مەقسىتى سەزگۈر چېگرا رايونىدا ھەرخىل ئەسلىھە قۇرۇلىشى تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى.
    خۇلاسە
    ھىندىستان چېگرا لىنىيىسىدىكى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان ئىستراتىگىيىلىك سەرمايە يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زور مىقداردا مەبلەغ سەرپ قىلىش كېرەك.
    ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى چېگرا لىنىيىدىكى بارلىق ئايرودروملارنى ئېچىۋەتتى ھەمدە يېڭىلىدى. ئاسسام ئۆلكىسىدىلا ئەمەس، يەنە بېنگال ئۆلكىسى، لاداخ ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بىھار ئۆلكىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارۇناچال ۋە سىككىمغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپەيتىپ ئەۋەتمەكچى بولغان نەچچە دېۋىزىيە پەقەت ھىندىستان قوراللىق قىسىملىرىنىڭ شەرقىي شىمالدىكى چېگرىغا زور تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنقى قىسىمى خالاس. كەلگۈسىدە بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى پاكىستان بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە زور دەرىجىدە باغلىق. ئەگەر ھىندىستان-پاكىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ھالەت سەل يۇمشىسا، ھىندىستان دىققىتىنى چېگرا مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا قارىتىدۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گەرچە بۇ قىيىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى ۋەزىپە بولسىمۇ ھىندىستان مەزكۇر رايوندىكى كۈچلەر مەۋجۇتلۇقىنى چوقۇم داۋاملىق كۈچەيتىشى، يەنە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 2012 , جۇڭگو , ھىندىستان
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-10-3 2:44:17
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 4 كۆزىتىش : 52805
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证