تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 290
    kasandira766@sina.com

    يازما سانى : 195
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-9-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى

     

    ئابلىز ئورخۇن

       مەلۇمكى تىل بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگە . كۆپۈنچە مىللەتلەر تىللىرى ئۆز  ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن دىئالېكت ۋە شېۋىلەرگە ئايرىلسىمۇ يەنىلا بىر يېتەكچى ئەدەبىي تىل ئارقىلىق بىر ئېتنىك نام ئاستىغا ئۇيۇشۇپ تۇرىدۇ. كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ كېلىشىدىن تارتىپ قېلىپلاشقان ھەمدە مەدەنىيەتلىك تۈرك خەلقلىرىگە ئورتاق ئەدەبىي تىل رولىنى ئويناپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىل - مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈركىي تىل ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 1924- يىلىغىچە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىرلىك جەرياننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر، ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

       مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر نامىنىڭ تارىختا مىللەت نامى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىكى كۈچلۈك قەبىلىۋى سىياسى كۈچىنىڭ نامى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئىھتىياجى ۋە يېقىنقى زامان غەرب ئىلمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قايتا تونۇش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىدە يېڭى مائارىپ، يېڭىچە جۇغراپىيۋى نام ۋە ئېتنىك ناملارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى؛ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرى باشلاپ بەرگەن يېزىق ئىسلاھاتى ۋە يېڭى ئەدەبىي تىل يارىتىش ۋە مىللىي مەتبۇئاتنى بەرپا قىلىش تەسىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ.

       سابىق سوۋىت ئىتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ بىر پۈتۈن سىياسى گەۋدىگە، يەنى ئۇيغۇر نامىغا ئۇيۇشۇش جەريانىنى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تولۇق تاماملاندى① دەپ قارايدۇ. لېكىن، بۇ قاراش مەلۇم رايون چەكلىمىلىكىگە ئىگە ئىدى. چۈنكى، قارا قىتانلارنىڭ قاراخانىيلار خانلىقىنى ۋەيران قىلىشى ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشى بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلانغان قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى توساق ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېتىقاد بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قىتانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى ئەسلىدىكى قاراخانىيلار زېمىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى .

        -11 ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا كاشغەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قەبىلە ۋە مىللەت تەركىبى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىدى. بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» («قىسقارتىپ دىۋان» دېيىلىدى) تە شۇ چاغدىكى ئاساسلىق غول تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ 20 ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىش تەرتىپىنى يازمىچە ۋە خەرىتە ئارقىلىق كۆرستىدۇ. تۈركلۈك چەك - چېگىرسى ئېنىق ئايرىلغان بۇ 20 قەبىلنىڭ پەقەت يەتتىسىنىلا ھازىرقى شىنجاڭ دائىرسىدە (توخسى، ياغما، چىگىللەر ئىلى دەرياسى بويىدا، چارۇقلار مارالبېشى ئەتراپىدا، ئۇيغۇرلار كۇچانىڭ شەرقىدىكى بەش شەھەردە، ئارامۇت ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايدا) ② كۆرسىتىدۇ. مەھمۇد كاشغەرى رۇم (ئاناتوليە) دىن تاكى جۇڭگۇ چېگرسىغىچە بولغان بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىللەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىسىمۇ، لېكىن مەھمۇد كاشغەرىنىڭ 11-ئەسىردىكى مىللەت قارىشىدا تۈرك دىگەن چوڭ ئىېنتىك نام ئاستىدا يەنە ئۈچ چوڭ سياسىي كۈچ ( تۈرك، ئوغۇز، ئۇيغۇر ) بار ئىدى.

       بۇلارنىڭ بىرىنچىسى تۈرك. مەھمۇد كاشغەرى بەزى سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلىغاندا، مەسىلەن، «ئارزۇق - باشقا ، بۆلەك، ئوغۇزچە، تۈركلەر بۇنى ئازىن دەيدۇ»③ دېيىش ئارقىلىق تۈركىنى ئوغۇزلارغا قارشى قويىدۇ. «دىۋان» دا مۇنداق مىساللار خېلى  بار. يەنە بىر جايدا «شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما،  قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم» دەيدۇ. بۇ يەردە مەھمۇد كاشغەرى «تۈرك» نى بىر مۇنچە قەبىللەر قاتارىدا سانايدۇ. بىراق، «دىۋان» دا «تۈرك» سۆزىنى ئىزاھلىغاندا ئۇنىڭ بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىلىرىدە كېلىدىغانلىقى، بىرلىك بولغاندا پەقەت نوھنىڭ «تۈرك»   ئاتلىق ئوغلىنىلا كۆرستىدىغانلىقى، كۆپلۈك بولۇپ كەلگەندە نوھ  ئەۋلاتلىرىنى كۆرستىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەھمۇد كاشغەرنىڭ نەزەرىدىكى تۈركلەر زادى كىم؟ مەھمۇد كاشغەرى «تۈرك» دېگەندە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا بالدۇر كۆچكەن، خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقنى كۆرستىۋاتامدۇ؟ بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .

       ئىككىنچى چوڭ سىياسىي كۈچ ئوغۇزلار. مەھمۇد كاشغەرى دىۋاننى يېزىش سەۋەبى ئۈستىدە توختالغاندا «كىشىلەرنىڭ ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم» دەيدۇ. «پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىرى زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە <تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ> دېگەن ئىكەن» دەيدۇ. يەنە ئوغۇز سۆزىگە تەبىر بەرگەندە «تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى، ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر، ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى قىنىق، زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر…. »دەيدۇ.

    ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قارلۇقلار «دىۋەن» دا ئايرىم قەبىلىلەر سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركمەنلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. ئالايلۇق: «ئابا-ئاپا، ئانا، ئوغۇزچە. قارلۇق تۈركمەنلىرى بۇ سۆزنى قاتتىق (پ) بىلەن تەلەپپۇز قىلىدۇ»⑧.

    «قارلۇق - ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ  بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر، ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ»

    تۈركمەن سۆزىگە كەلگەندە «تۈركمەن - بۇلار ئوغۇزلاردۇر …. تۈركمەنلەر ئەسلىدە 24 قەبىلىدۇر…» دەپ، ئوغۇز بىلەن تۈركمەننىڭ ئارىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويىدۇ.

      ئۈچىنچى چوڭ سىياسىي كۈچ ئۇيغۇرلار. مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇر نامىغا كەلگەندە بارلىق تۈرك قەبىلىلىرىگە قارىغاندا ئالاھىدىرەك تەبىر بېرىدۇ، يەنى باشقا قەبىلىلەرگە ئوخشاش ئاددىيلا «قەبىلە» دەپ تۇنۇشتۇرماي بەلكى «بىر ئەلنىڭ نامى» دەپ ئىزاھلايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى «ئەل» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا «دۆلەت، مىللەت» دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، قوچو ۋە بەشبالىغ قاتارلىق بەش شەھەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد ئايرىمىچلىقى تۈپەيلىدىن قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەنگەندىن سىرت، قەبىلىۋى تەشكىلاتىمۇ پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. مەھمۇد كاشغەرى ئۇيغۇرلاردىكى بىۋاسىتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىچكى توققۇز قەبىلىنى سانىمىغان تەقدىردىمۇ  تاشقى توققۇز قەبىلە ئىتىپاقىنى تىلغا ئالغان بولاتتى. «دىۋان» دا پەقەت ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان باسمىل، ياغما قاتارلىق بىر نەچچە قەبىلىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئورنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا كۆرستىلگەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، مەھمۇد كاشغەر «دىۋان» نى يېزىشتا مۇسۇلمان بولغان تۈركلەرنى ئاساس قىلغانلىقى، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى،   ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - ئايماقلىرى، تاغ - دەريا،  يۇرتلىرىنى يېزىشتىن پايدا يوق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.  

        11- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوغۇز تۈركلىرى (تۈركمەن، قارلۇق) نى ئاساس قىلغان قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىل  قىلغان «ئۇيغۇر ئېلى» دىن ئىبارەت ئىككى  ھاكىمىيەت مەۋجۇد ئىدى. قاراخانىيلار خانلىقى ئۆز ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى بارلىق مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئورتاق تۈركلەر ئارسىدا ئومۇملاشقان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىل ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېتىقاد ئايرىمچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنى قاتتىق يەكلەپ كەلگەن، ھەتتا مۇسۇلمان تۈرك ئارسىدا «ئادەم تاتلاشسا (ئۇيغۇرلاشسا)، قىلىچ داتلاشسا بۇزۇلۇر» دېگەن ماقالە تارقالغان. بىراق، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى قەبىلە ئوغۇز قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى ئەزەلدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتمىگەن ئادەتتىكى بىر كىچىك قەبىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر سىياسىي، قەبىلىۋى كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالمىدى. شۇڭا كېيىنكى مەزگىللەردە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بارلىق تۈركىي قەبىلە - ئۇرۇقلار ئەتراپىدىكى ئەرەب، پارسلار ۋە بۇددىست ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن تۈرك نامىدا ئاتىلىپ كەلدى. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئەدەبىي تىل كۆكتۈركلەردىن كېيىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى داۋاملاشتۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرغان تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەرەب، پارس، سوغداقلار نەزەرىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تۈركىي تىل دەپلا ئاتىلاتتى. مۇشۇ ئەدەبىي تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان تۈرك زىيالىلىرىمۇ بۇ تىلنى بەزىدە خاقانىيە تۈركچىسى، كاشغەر تۈركچىسى دەپ ئاتىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇميۈزلۈك تۈرك تىلى دەپ ئاتىدى. بۇددىزىم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسىرىنىڭ تىلىنى تۈركچە دەپ ئاتىغاندىن سىرت، بەزىدە ئۇيغۇرچە تۈركچىسى دەپمۇ ئاتىدى. شۇ سەۋەبلىك پەقەت ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلىپ تۈركىي خەلقلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرغان ئۇيغۇر يېزىقىنى مەھمۇد كاشغەرى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ تۈرك يېزىقى دەپلا ئاتىغان. دېمەك، شەھەرلەشكەن،  مەدەنىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۇيغۇر تىل - يېزىق ئاستىدا قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىل ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بولسىمۇ، بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالماي تۈرك تىلى دەپ ئاتالدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇددىزىم مۇھىتىدا تۇرۇپ قېلىشى سەۋەپ بولغانىدى.

        14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسلىدىكى قاراخانىيلار زېمىنىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەزەرىدە «بۇددىست، كاپىر» مەنىسىدە چۈشىنىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر نامى قوچو ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن قالدى. بىراق، ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك مەدەنىيتى، ھاكىمىيەت، يېزىق، پۈتۈك ئىشلىرى بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن قوچو ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسدا، تۆمۈرىيە ئوردىسىدا ئۇيغۇر نامىنى داۋاملىق ئىشىلتىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىپىدە تۇرۇۋاتقان مۇڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنىلىكىنى ھاكىمىيەت ئارقىلىق قوغدىغانىدى. مۇڭغۇللارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىر تۈمەن كىشىلىك قوشۇنى تۇرشاۋۇل قوشۇن بولۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانىدى، بۇ قوشۇنغا قوچو بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلغانىدى. نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىلار چاغاتاي خانلىقى، ئىلخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا جەلپ قىلىنغانىدى. قوچو ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسىمى خارەزىم، ھىرات قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. كېيىنىكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى جانلىنىشقا باشلىغان. تۇرپاندىن بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇھەممەد شەيبانىخاننىڭ قوشۇنى تەركىبىدە تۈركىستان شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. 1312- يىللىرى ئەتراپىدا ئۆزبىك خاننىڭ تاغىسى توقتاغا خان ئۆلگەندە ئۇيغۇرلاردىن بولغان باجىر توقبۇغا دېگەن كىشى تەختنى تارتىۋالغان. «كېلىن بايالىن قاتارلىقلارنى ئۆزبېك خان ئەلەيھىررەھىمەنى ئالدۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار يېتىپ كەلگىچە توقتاغا خان ۋاپات بولدى. باجىر توقبۇغا دېگەن ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى، قەۋمى، قەبىلىسى كۈچلۈك ئەل ئىدى ھەمدە خاننىڭ ئاتالىقى ئىدى. كۆڭلى قارا كىشى ئىكەن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن خان بولدى …. »

       17-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق تارىخچى، خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادىرخان )1605-1664) «شەجەرەئى تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنى خانلىق تەخىتكە يۆلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر نايمانلىرى ئىكەنلىكىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ ھەمدە خۇارسان،  سەمەرقەنت، خارەزىم تەرەپلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقنى كۆپ ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئاتىسى ئەرەب مۇھەممەدخاننىڭ قېشىدا «ئۇيغۇرلاردىن قۇربان ھاجى دىگەن كىشى بولۇپ، خاننىڭ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بېگى يوق ئىدى…»، «قەدىمىي خەلق بۇ زاماننىڭ خەلقىدىن ياخشى ئىدى»، «ئۇيغۇر خەلىقىدىن قۇربان ھاجى دىگەننىڭ ئوغلى قۇلمۇھەممەد مېنىڭ ئاتالىقىم ئىدى» دەيدۇ. ئوبۇلغازى باھادىرخان باشقا قېرىنداشلىرىدىن ھوقۇق تالىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى تەرپىدىن قىرغىن قىلىنغان. خارەزىم، خىۋە، ئۆرگەنچ تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئايرىم بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خارەزىم ۋىلايتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىسىدا كۆچۈرۈلۈشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىدى.

       بىراق، تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدا 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ئورنىغا مۇتلەق خاتىمە بېرىلگەنىدى. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىلا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغانىدى. ئەلشىر نەۋائى تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ پىشۋاسى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتقىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستازى دەپ تەرىپلەيدۇ.

        1545-1546-يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان «تارىخي رەشىدى» دە ئەلشىر نەۋائىنىڭ نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر ياخشىلىرىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. 15-ئەسىردە يېزىلغان «تارىخىي خانى» ناملىق ئەسەر ئاپتورىنىڭمۇ ئۇيغۇر باخشىلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار. نەۋائىينىڭ «ۋەخفىنامە» ناملىق ئەسىرىدە تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى بارلاس، ئارلات، تارخان، قىيات، قوڭرات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئارقىغا تىزىلغان. نەۋائى تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدا پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارادىن قالسىلا 2- نومۇرلۇق شەخس بولسىمۇ، لېكىن ئۆز مۆھۈرىنى يۇقىرىقى قەبىلىلەر مۆھۈرىنىڭ ئاستىغا بېسىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئار- نومۇسقا چىدىمىغان نەۋائى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە بۇ ۋەقەنى مۆھۈرنى سۇندۇرۇش ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن.

       شىنجاڭدا بولسا قوچو ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چاغاتاي ئەۋلادلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇيغۇرلار نامى شىنجاڭدا مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخي رەشىدى»  سىدە 16- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «سېرىق ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىلغا ئېلىندى. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تاكى 1514-يىلى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئىككى ئەسىر ئۇرۇش مالىمانچلىقى ئىچىدە ئۆتتى. ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ نەسەبى بىۋاسىتە چىڭگىزخانغا باغلىنىش يولى بىلەن پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئېسىل نەسەبلىك ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلىدىغان بولدى. شۇنىسى قىزىقكى، مۇڭغۇللار بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان ئېتنىك ئۆزگىرىش مەدەنىيەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. چىڭگىزخان نەسلىدىن بولغان بارلىق مۇڭغۇل پادىشاھلىرىنىڭ نەسەبى ئالدى بىلەن چىڭگىزخانغا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوغۇزخانغا،  نوھ ئوغلى تۈرككە تۇتاشتۇرۇلىدىغان بولدى.

        16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەختۇم ئەزەم  ئەۋلادلىرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىغا كېلىپ تەسىر دائىرە تالىششى بىلەن يەرلىك خەلقىنڭ مىللىي ئېڭىدا يەنە بىر زور بۇرۇلۇش  بولدى. ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ دىننىي ۋە سىياسى سەھنىسىگە ئاتالمىش سەئىد ئەۋلادلىرى چىقتى، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ دىننىي قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆز نەسەبىنى بىۋاسىتە ئەرەبلەردىن، تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالاردىن ئىزدەش ۋە ئۆز نەسەبىنى زورلاپ ئەرەپ، پارسلارغا باغلاش خاھشى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. 1864-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ سەئىدىيە ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى  تەسىرىگە زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نامىنى ئاللىقاچان ئۇنۇتقانىدى.

       غەربىي رايوننىڭ چىڭ سۇلالىسى تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ئەرەب، پارسلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئازايدى. شۇ سەۋەبلىك مەدرىسلەردە ئەرەب، پارس تىللىرنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشى ۋە بۇ تىللاردا بىۋاسىتە ئەسەر يارىتىش مودىسىمۇ پەسكويغا چۈشتى. شۇڭا، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەرەب، پارس تىللىرىنى بىلىدىغان زىيالىلار ئازىيىپ، تۈركىي تىلغا بولغان ئېھتىياج ھەدەپ كۈچەيدى، شىنجاڭدا تۈركىي تىلنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى 18-19-ئەسىرلەردە بارلىققا كەلدى. نۇرغۇن تارىخىي، ئەدەبىي، دىننىي ئەسەرلەر تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، تۈركىي تىلدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يارىتىلدى، بۇ دەۋردە تۈركىي تىلدا يارىتىلغان ئەسەرلەر ھەر قانداق دەۋردىكىدىن كۆپ بولدى، بۇنىڭغا يۈزلەپ مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئاڭ ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىمۇ مەلۇم بۇرۇلۇش بولدى. ئەنئەنىۋى تېمىلاردىن رىئال تېمىلارغا مۇراجئەت قىلىنغان بىلال نازىم، سىيىت مۇھەممەد قاشى، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدىبلەر، ئۆز تارىخىغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىغان موللا مۇسا سايرامى، مۇھەممەت سادىق قەشقەرى قاتارلىق تارىخچىلار يېتىشىپ چىقتى. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رېئال ئېھتىياج تۈپەيلى ئويغانغان ئىستىخىيىلىك بۇرۇلۇش ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سەل كېيىن كىرگەن تاتار جەدىتىچىلىرىنىڭ تەسىرىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزلەشتۈرىۋالدى.

       ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قازىنىشى بىلەن تۈركىستان مۇختارىيىدە مىللىي چېگىرىلار ئايرىلىپ تۈركىي خەلقلەرگە، جۈملىدىن 1924-يىلى ئۆزبىك نامىنىڭ، 1936-يىلى قىرغىز نامىنىڭ بېرىلىشى بىلەن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ۋە سىياسى بىرلىك تۈپتىن بۇزۇلدى. 1921-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرى مەشھۇر سىياسىئون، جامائەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتەشەھەرلىك، خوتەنلىك، تۇرپانلىق دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ نامنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە ئەينى چاغدىكى جىددى سىياسىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتقانىدى، يەنى يەتتىسۇ ۋە ئىككى دەريا ئارلىقىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا تارنچى، قەشقەرلىك، ئالتەشەھەرلىك دىگەندەك ئېغىر بۆلۈنمىچلىك مەۋجۇد بولغانلىقى ئۈچۈن، چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلشقا مۇمكىن بولماي قالغانىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇيغۇر نامى ئۇنتۇلۇپ شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىن بۇ نامنى قانداقسىگە قايتا تۇنۇپ قالدى؟

        ئىمپېراتور پېتىرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن كېيىن رۇسىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنلىرىغا، ئوتتۇرا ئاسيادىكى بۇخارا، خىلۋە، قوقان خانلىقلىرىغا ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلشقا باشلىدى. كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئىمپېرىيە پەنلەر ئاكادېمىيسى قارمىقىدا جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنى قۇردى. مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى كېڭىيىش نىشان قىلىنغان رايونلارغا ئىلمىي تەكشۈرۈشكە بېرىپ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ماتىېرىياللار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نۇرغۇن ئارخىئولوگىيە، ئېتنوگرافىيە، مىللەتشۇناسلىق ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. شۇڭا، پۈتۈنلەي ھەربىي ئاخبارات ئىگىلەش مەقسىتىدە كەلگەن چوقان ۋەلىخانوفىنڭ ئېلى ۋە ئالتەشەھەر تەرەپتىن توپلىغان ماتېرىياللىرىنىڭ ھايال ئۆتمەيلا ئوتتۇرا ئاسيانى چۈشىنىش ئىستىكىدە كۆز تىكىپ تۇرغان ئېنگىلىز،گىرمانلار تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنىشى ۋە غەربتە قاتتىق زىلزىلە قوزغىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى. چوقان ۋەلىخانوف ئىلى ۋە ئالتەشەھەرلىك ئاھالىسىنى بىرەر ئىنتىك نام بىلەن ئاتىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ياشىغان جايلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. خەنزۇ مەنبەلىرىگە پۇختا ئاكىنىف بىچۇرىننىڭ «قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە دائىر ماتېرىياللار» ناملىق تۆت توملۇق تەرجىمە ئەسىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك قاتلىمىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ، دۇنخۇاڭ، مۇڭغۇلىيەلەردىن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاش، يازما ماتېرىياللارنىڭ تېپىلىشى ۋە مالوف، رادلوف، بارتولد، تىخونوف قاتارلىق تۈركولوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئابدۇللا روزىباقىيېفنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەنىدى. يۇقارقى كىشىلەرنىڭ تۈركولوگيە ساھەسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ھازىرقى كۈندە پۈتۈنلەي ئىلمىي ئەمگەك سانالسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھمىيىتى چار رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيانى بويسۇندۇرۇشىغا ئاساس سالغانلىقدا ئىدى.

        ئۇيغۇر نامى گەرچە 1921-يىلى تاشكەنتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نامنى بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش قىيىنغا چۈشتى. چۈنكى، شۇنىڭغىچە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت جەھەتتە تۈركىي تىل دېگەن ئورتاق ئەدەبىي تىل بىلەن باغلىنىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا ئېنىق مىللەت ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى مەرىپەتچى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف (ئۇيغۇر بالىسى) ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر نامىنى ئىشلەتكەن (1911- يىلى) كىشى بولسىمۇ، لېكىن 1914-يىلى ئالتەشەھەر ئاھالىسنىڭ مىللىي ئېڭىنى تەكشۈرۈپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن، ئەكىسچە ئۇلاردىن «مىللىتىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالغا «مۇسۇلمان ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتى، چەنتۇ» دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشكەن .

       ئەمەلىيەتتە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن تۇنجى كىشىمۇ نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت بولغان. چۈنكى، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئورېنبوگدا 1908-يىلىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىغان يېرىم ئايلىق ژۇرنال «شۇرا» دا 1909-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلشقا باشلىغان. ئۇ 1911-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» دەپ تەخەللۇس قويغان بولسىمۇ، «شۇرا» غا يازغان ماقالىلىرى ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىلى ۋە يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بولغاچقا، ئۇلارنى ئالتەشەھەرلىك ئۇيغۇرلىرىدىن پەرقلەندۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە تارانچى دەپ ئاتىغان. ھەتتا قۇمۇل، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىمۇ تارانچى دەپ ھېسابلىغان(21).   

        نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوبۇل قىلىشى تاسادىبىي ئىش ئەمەس. چۈنكى، تاتارلاردا 1905- يىلىدىكى رۇسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن يېڭى تەرەققىيات پۇرستىگە ئېرشكەن جەدىتچىلىك ھەركىتىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن 1918-يىلىنڭ ئاخىرىغا قەدەر 63خىل گېزىت، 34خىل ژۇرنال نەشىر قىلىنغانىدى(22). مانا بۇ گېزىت، ژۇرناللار رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى، بولۇپمۇ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك پائالىيەت سورۇنى ئىدى. مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ نەشىرىياتچىلىق ئىشىلىرىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. گېزىت ژۇرناللاردا دىننىي، ئىجتىمائىي ماقالىلەر بېسىلغاندىن سىرت، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىگە دائىر تۈرلۈك ماقالىلەر بېسىلىپ چىقتى. زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق داڭلىق تۈركولوگلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخي  ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى نەزەر خوجا، لاتىپ ئەنسەرى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتتى. دېمەك، تاتار مەتبۇئاتى نەزەر خوجىغا ئوخشاش زېھنى ئويغاق نۇرغۇن زىيالىلارنىڭ يېڭى زامان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەكتىپىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ   «شۇرا»، «ۋاقىت»، «تىل يارتىش» لاردا ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتىدىن خەۋەرلەرنى بەردى. «شۇرا» نىڭ 1910-يىلىدىكى بىر ساندا ئۇيغۇر بالىسىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر كونا ئەسىرى، ئۇلۇغ ئەسەر (قۇتادغۇبىلىك) نى (شۇرا) سەھىپىلىرىدە چىقىرىپ تۈرك قېرىنداشلىرىنى خۇشال قىلىشقا بولماسمۇ» دەپ مۇراجئەت قىلدى. يەنە شۇ ساندا ئۇ «شۇرا»  ژۇرنىلىدىن پانتۇسوفنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بىر ئەسىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ئۆتۈنگەن. نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتى 1910-يىلىدىن سەل بۇرۇن باشلانغان بولسا كېرەك .

       بۇلاردىن باشقا «شۇرا» ژۇرنىلى ۋە «ۋاقىت» گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ مەلۇمات بەرگەن كىشى ئاتاقلىق تاتار ئالىمى، سەيياھ نوشۇرۋان يائۇشېف بولدى. ئۇنىڭ مەتبۇئات ھاياتى سەل كېيىنىرەك، يەنى 1914-يىلىدىن كېيىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن 1914-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1917-يىلنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى ۋادىسى ۋە ئالتەشەھەر ساياھىتىدىن يازغان ماقالىسى ئاز كەم 100 پارچىگە يېتىدۇ. نۇشۇرۋان يائۇشېفىنڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئومۇميۈزلۈك تۈرك تارىخىنى يېزىشقا پايدىلىق قوليازمىلارنى، جۈملىدىن «تارىخىي رەشىدى» نى تېپىش بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي قالغان. شۇڭا، ئۇ ئىلى ۋە ئالتە شەھەر ئاھالىسىنى بىردەك «ئالتەشەھەر تۈركلىرى، چىننىي تۈركىستان تۈركلىرى» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ ئورتاق تۈرك تىلى، ئورتاق تۈرك مەتبۇئاتى، يېڭىچە مائارىپ يارىتىش غايىسى بارلىق غايىلىرىنىڭ مېغىزى بولغاچقا، تۈركىي خەلقلەرنى ئۇششاق ئېتنىك گۇرۇپپىلار بويىچە ئاتىشىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگەن. شۇڭا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئېلىنغان شۇنچە كۆپ ماقاللىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.

       نوشۇرۋان يائۇشېف تارىخىي قوليازمىلىرىنى ئىزدەشتە كۆڭۈلدىكدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئالتەشەھەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق توپلىغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى پەۋقۇلئاددە قىممەتلىكتۇر. جەنۇبي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئەينى دەۋر ئۇيغۇر روھىيىتىنى چۈشىنىشتە تېپىلغۇسىز مەنبە بولۇپ تۇرماقتا. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ 1857-يىلىدىكى تەكشۈرۈشىدە ئالتەشەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆزبىكلەرنى «ئەنجانلىق» دەپ ئاتايدىغانلىقى، نوشۇرۋان يائۇشېفنىڭ تەكشۈرۈشىدە ئالتەشەھەرلىكلەرنىڭ «ئەنجانلىق» نى مىللەت نامى سۈپىتىدە چۈشىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

       ئۇيغۇرلار شۇ چاغقىچە ئۆزلىرىنى كىچىك دائىرىدە قەشقەرلىك، خوتەنلىك دەپ ئاتىغاندىن سىرت، ئۆزى ياشاۋاتقان رايونلارنى چوڭ دائىرىدە نېمە دەپ ئاتىغان ؟

    «تارىخىي رەشىدى»، «تارىخىي ھەمىدى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەسەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە،  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى جۇغراپىيىلىك چۈشەنچىسدە ئىككى دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلغان رايونلار تۈركىستان دەپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان رايونلار ئالتەشەھەر، يەتتەشەھەر،  موغۇلىستان دەپ، كۇچارنىڭ شەرقىدىكى تۇرپاننى مەركەز قىلغان قەدىمكى قوچو ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ زېمىنى ئۇيغۇرستان ۋىلايىتى(23) دەپ ئايرىلغان.

    چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن مۇغولستان نامى ئۇنتۇلۇپ، ئالتەشەھەر، يەتتەشەھەر دېگەن ناملار ئىشلتىلشكە باشلاندى. 1759-يىلىدىن كېيىن بۇ جاي شىنجاڭ دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نامى ھۆكۈمەت ھۆجەتلىرىدىلا ئىشلىتىلدى. چۈنكى، 1864-يىلىدىن 1878-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئالتەشەھەر، يەتتەشەھەر نامىنىڭ ئومۇمىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ نامىنىڭ ئىزچىل ئىشىلتىلىشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئىدى. ياپون ئالىمى ئوئىشى شىئىنىچىرۇ نوشۇرۋان يائۇشېفىنىڭ ماقالىلىرىگە يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، 1933-يىلى قەشقەر، خوتەنلەردە يۈز بەرگەن ئىنقىلابلار ۋە ئۇلار ئىشلەتكەن جۇغراپىيىلىك نام ۋە مىللەت ناملىرى يۇقىرىدىكى تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتجىسى، دەپ قارايدۇ(24).

       ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تاتار جەدىتچىلىرى قوزغىغان يېڭىچە مائارىپ ۋە يېڭى زامان مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. نوشۇرۋان يائۇشېفىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تاتارچە گېزىت - ژۇرناللارنىڭ كىرىشى 1910- يىللاردىن باشلانغان بولسا كېرەك. ئۇ ئاقسۇدىكى سەپىرىدە «بۇ يەردىكى خەلق گېزىت ئوقۇمايدۇ، ئوقۇغان تەقدىردىمۇ ئۇرۇش خەۋەرلىرىنىلا كۆرىدۇ» دەپ يازغان بولسىمۇ، لېكىن نېمە گېزىت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېنىق يازمايدۇ. قەشقەردىكى مەدەنىي ئەھۋال ھەققىدە يازغاندا «قەشقەر خەلقى ئارسىدا گېزىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيدى» دەيدۇ- يۇ، قانداق گېزىتلارنى ئوقۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1916- يىلى خوتەندىن يوللىغان مەلۇماتىدا پۈتكۈل خوتەن تەۋەسىدە قۇربان ھاجى ۋە موللا …دېگەن ئىككى كىشىنىڭلا تېخى گېزىت، ژورنال ئوقۇشقا باشلىغانلىقىغا تۆت - بەش يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. بۇ گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ - تۆت خىل تاتارچە گېزىت، ژورنالغا يېزىلىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان. دېمەك خوتەنگە تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرى 1910-يىلى يېتىپ بارغان.

       شۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى 1897-يىلىدىن باشلانغان. ئۇلارنىڭ قەشقەردە رەسمىي باسمىخانا ئېچىپ تۈرلۈك تۈركىيچە باسما بۇيۇملارنى كۆپلەپ نەشىر قىلىشى 1901-يىلىدىن باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن 1915-قەشقەردە بىرەر ئايدەك تۇرغان نوشۇرۋان يائۇشىف بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن شىۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ شىنجاڭغا مەتبەئە بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن دىننىي ماتېرىياللار، تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر، تۈرلۈك دەرسلىكلەر ۋە باشقا ماتېرىياللارنى نەشىر قىلىپ تارقىتىشى 1924-يىللاردا يۇقىرى پەللىگە چىققان، بەزى كىتابلار ھەتتا قايتا - قايتا بېسىلغان، بەزى كىتابلارنىڭ تىراژى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. شۋېت مىسسئونېرلىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان جىددىي ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ 1929- يىلى «كىتابى ئىلمى ئىملا» دېگەن ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈپ نەشىر قىلغان ۋە بارلىق باسما بۇيۇملارنىڭ ئىملاسى مۇشۇ قائىدە بويىچە قېىپلاشتۇرۇلغان .ئىملا لۇغىتىدە جانلىق تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئېتىبارغا ئېلىنماي تۈركىي تىلنىڭ ئەنئەنىسى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالماي، بەلكى شەرق تۈركچىسى، ئالتەشەھەر تۈركچىسى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم گۈننار ياررىڭ ئەپەندىمۇ بۇ تىلنى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتاشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىدا باش كۆتۈرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق تۈركىي تىل ئەنئەنىسىدىن چەتلەپ، يېڭى سۈنئىي تىللارنى يارىتىپ بېرىشكە قارشى ئىلىم كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۈركلۈك ئىدىيسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا تولۇق بەربات قىلىنغان بولسىمۇ، شىنجاڭدا تاكى 1937-يىلى شۋېت مىسسىئونېرلىرى قوغلاپ چىقىرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر نامىنى رەسمىي ئېنتىك نام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش خېلى ئۇزاققا سوزۇلدى. شۇڭا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى يەنىلا يەتتسۇ ئۇيغۇرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ياراتقان يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئايرىپ قالغىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي جۇمۇرىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن پەقەت شۇ مىللەتكىلا خاس ئايرىم ئەدەبىي تىل يارىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى . ئۇيغۇر، ئۆزبىك خەلقلىرى ئارىسىدىكى مىللىي پەرق روشەن ئايرىلىپ چىقمىدى.

     

    ئىزاھلار:

    (1)قازاقستان پەنلەرئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تۈزگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ قسقىچە تارىخى»، 1991-يىلى ئالمۇتا «پەن» نەشرىياتى، رۇسچە، 15- بەت .

    (2) «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايلاشقان بىر تۈرك قەبىلىسى» دېيىلگەن، بىراق مەھمۇد كاشغەرى كۆرسەتكەن 20 قەبىلىنىڭ قاتارىدا يوق، 1-توم ، 187- بەت .

    (3) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم ، 13- بەت.  

    (4) «تۈركىي تىللار دىۋانى»  1- توم ،3 - بەت.

    (5) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم،  38- بەت.  

    (6) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم، 2 -،77- بەتلەر.   

    (7) «تۈركىي تىللار دىۋانى»  1- توم،  77- بەت.

    (8) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم، 116 - بەت.   

    (9) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم، 618 - بەت.

    (10) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 3- توم،  564-، 567- بەتلەر.

    (11) «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 - توم،  10- بەت.

    (12) (ئامېرىكا): «چىڭگىزخاننىڭ ھۇجۇمىدىن ئامېرىكىغا قاچقان تۈركلەر»، 2000 - يىلى ئىستانبۇل تۈركچە نەشىرى، 141 - بەت .

    (13)مۇھەممەد سالىھ: «شەيباننامە»، تاشكەنت غۇپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت نەشرىياتى 1989 - يىلى.

    (14)ئۆتەمىش ھاجى: «چىڭگىزنامە»، ئالمۇتا «ئىلىم» نەشرىياتى 1992 - يىلى 130 - بەت .

    (15)ئوبۇلغازى باھادىرخان:«شەجەرەئى تۈرۈك»، تاشكەنت نەشرىياتى 1992 - يىلى نەشىرى، 158 -،160 - بەتلەر.

    (16) ئا. ن. كونووف: «شەجەرەئى تەركمە» 196 - بەت .

    (17) «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، تۈركچە، «ئەلشىر» ماددىسى  351- بەت (زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ماقالىسى).  

    (18) موللا مىر سالىھ كاشغەرى: «كاشغەر تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى (بۇ ئەسەرگە خاتا ھالدا «چىڭگىزنامە» دەپ ئات قويۇلغان).

    (19) چوقان ۋەلىخانوف: «ماقالە ۋە خەتلەر»، ئالمۇتا يېڭى ھايات نەشرىياتى 1956-يىلى، قازاقچە.

    (20) نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت: «يورۇق ساھىللار»، ئالمۇتا يازغۇچى نەشرىياتى 1991 - يىلى، 132 -، 142- بەتلەر.  

    (21) نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت: «يورۇق ساھىللار»، ئالمۇتا يازغۇچى نەشرىياتى 1991-يىلى، ئۇيغۇرچە نەشىرى 59 - بەت .

    (22) نادىر دەۋلەت: «1917 - يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە تۈرك - تاتار مىللەت مەجلىسى»  ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى 1998 - يىلى، تۈركچە، 56 -، 57-بەتلەر.

    (23) موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى»، مىللەتلەر نەشرىياتى 1986 - يىلى، 41-، 636- بەتلەر.

    (24) «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» 2000 - يىللىق 2 -سان .

    (25) ئابدۇللا روزىباقيېف: «خەلقىم ئۈچۈن كۆيىدۇ يۈرەك»، «يازغۇچى» نەشرىياتى 1997 - يىلى ، 84 - بەت . يۇقىرىقى كىتاب، 21 - بەت .

    (26) كوللېكتىپ توپلام: «ياڭلىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى»، ئالمۇتا «قازاقىستان» نەشرىياتى 1989 - يىلى، ئۇيغۇرچە 21 -بەت.  

    (27) ئا.قايداروف، غ.سەدۋاققاسوف، ت.ئالىپوفلار تۈزگەن: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» 1-قىسىم ،  -يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  384 - بەت.  

    (28) مىر سۇلتان ئوسمانوف: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى» 1990 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، نەشىرى، 1 - بەت.

     

     

                                                                                         (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق تەركىزچىلىك كومىتېتىدا)

     

                                                                                        تەھرىرلىگۈچى : ئەركىن ئىمننىياز قۇتلۇق

     

     

     

                     (تۇرپانشۇناشلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى)

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئۇيغۇر , ئالتاي تىل سېستىمىسى , تۈركى تىللار ئائىلىسى , قارلۇق تىل گۇرۇپپىسى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-30 16:25:02
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1653
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证