تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› قانۇنلار ›› قانۇنى ئىزاھ ۋە مەسلىھەتلەر ›› بۇ ئىشلانى ئاددىي چاغلىماڭ... ئۆزىڭىزگە پايدىلىق
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 378
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    بۇ ئىشلانى ئاددىي چاغلىماڭ... ئۆزىڭىزگە پايدىلىق

    بۇ ئىشلانى ئاددىي چاغلىماڭ... ئۆزىڭىزگە پايدىلىق

     

    كىشىلەر بولۇپمۇ، بىزنىڭ مىللەت كىشىللىرى ئاددىي ئىش دەپ قاراپ ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، لېكىن چاتىقى چىقسا چوڭ ئېقتىسادىي زىيان، روھىي ئازاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ،ئەتىراپىدا يۈز بېرىپلا تۇرىدىغان بەزى ئىشلار بار. ئۇ ئىشلارنى قانۇن يۇلى بىلەن ئېلىپ بارغاندا ياكى شۇ ھەقتىكى قانۇن ساۋاتلىرىنى بىلىپ قويغاندا ئاۋارىچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
       1_ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى قىز_ئوغۇللارغا باراۋەر بولىدۇ.قىزچاق، ياتلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا_ئانىڭىزنىڭ مىراسىدىن سىزنىڭمۇ بىر ئۆلۈشىڭىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
        2_توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىش ھوقۇقى يوق.
        3_سىز جاۋاپكار بولۇپ قالغاندا ،ئېقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلالمىسىڭىز،خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئادۋۇكاتنى سىزگە قانۇن ياردىمى بېرىشكە بەلگىلەپ بەرسە بولىدۇ.
         4_باشقىلار سىزدىن پۇل قەرىز ئالسا، ئۇنىڭ بىلەن ھۆجەتلىشىڭ ھەمدە پۇل سوممىسىنى خەت بىلەن يېزىڭ.
         5_ئىشىك يۇچىقىدىن تىقىپ قويۇلغان ئېلانلاردىن زېرىككەن بولسىڭىز، ئېلان تارقاتقۇچى ئۈستىدىن ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ.
         6_سىز 18ياشقا توشمىغان ،كېچىچە ئۆيگە قايتمىغان بالىڭىزغا چوقۇم تەربىيە قىلىڭ، بولمىسا سىزمۇ مۇۋاپىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز.
        7_سىزنىڭ قورامىغا يەتمىگەن بالىڭىز باشقىلارنى سوقىۋېتىپ يارلاندۇرۇپ قويسا، سىز ۋەسىيىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن  داۋالىنىش راسخودىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك.
        8_سىز ئۆيىڭىزنى ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى قوغدىماقچى بولسىڭىز ،ھەرگىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئېلىكتىر تورى ياكى زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئورناتماڭ.بولمىسا جامائەت خەۋىپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىسىز.
        9_سىز مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ سىزگە قويغان جېرىمانىسىگە ،كېنىشكىنى بېكار قىلىش، مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق ھەركەتلىرىگە نارازى بولسىڭىز، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
       10_سىز كۈتۈلمىگەن بالا-قازاغا يولۇقسىڭىز ،مەسىلەن:بېنادىن گۈل تەشتىكى چۈشۈپ كېتىپ سىزنى يارلاندۇرسا،باشقىلارنىڭ  قويۇۋەتكەن ئىت،كالا...قاتارلىق ھايۋانلىرى يارلاندۇرسا  شۇ نەرسىلەرنىڭ  ئېگىسى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلسىڭىز بولىدۇ.
         11_ۋەسىيەتنامە يازماقچى بولسىڭىز، يىل،ئاي، كۈننى چوقۇم ئېنىق ئىزاھلىشىڭىز ھەمدە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئىمزا قويىشىڭىز كېرەك.باشقىلارغا يازدۇرغاندا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندا گۇۋاھچى بولۇشى ،ۋاكالىتەن يېزىپ بەرگۈچى ،گۇۋاھچى ۋە ۋەسىيەتنامە قالدۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمزا قويۇشى كېرەك.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بۇ ئىشلانى ئاددىي چاغلىماڭ , ئۆزىڭىزگە پايدىلىق
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-30 2:13:21
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 689
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证