تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› قانۇنلار ›› دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ›› يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 378
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسى

    يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسى

     

     

    تۆۋەندىكىسى ب د ت ئومۇمىي كېڭەش تەرىپىدىن 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۇئى 61/296 نومۇرلۇق قارار بىلەن، جۇڭگونى ئوز ئىچىگە ئالغان 143 دەۋلەنىڭ ماقۇللىشى، 4 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 11 دەۋلەنىڭ تەرەپسىز قىلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان مۇھىم خەلقئارالىق قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرلغىنىدۇر.
    مەزكۇر خەلقئارالىق ھۆججەتنى تەرجىمە قېلىشتىن كۈتۈلگەن مەقسەت: (A) خەلقىمىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى، مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېنىق قانۇنلاشتۇرۇلۇپ بەلگىلەنگەن ھەق ھوقۇقلىرىمىزدىن باشقا يەنە، ب د ت دە قوبۇل قېلىنغان ۋە بىزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنى ھۆججەتلەرگە بەلگىلەنگەن ھەق - ھوقۇقلىرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇش، (B) خەلقئارالىق ھۆججەتلەر ۋە قانۇنىي ماتېرىياللارنىڭ تۈزۇلۇشى، مەزمۇنى، دائىرىسى ۋە تەييارلىنىش ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ خەلقىمىزگە مەلۇمات سۇنۇشتىن ئىبارەت.

    مەزكۇر قانۇنىي ھۆججەتنىڭ ئەڭگىلىزچىسى:

    http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/en/drip.html

    ب د ت توربېتىدىكى خەنزۇچە نۇسخىسى:
    http://www.un.org/esa/socdev/unpfii/documents/DRIPS_zh.pdf"

    قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماقۇللىغانلىقىنى بىلىش:

    http://www.un.org/News/Press/docs/2007/ga10612.doc.htm

    يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياناتنامىسى

    2007-يىلى 13-سېنتەبىر، ئومۇمىي كېڭەشنىڭ 61/295 نومۇرلۇق قارارى بىلەن ماقۇللانغان.


    ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى،

    ب د ت نىزامنامىسىنىڭ روھى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەزكۇر نىزامنامىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قېلىش توغرىسىدىكى جاۋاپكارلىقىغا ئىشەنچ قىلغان ئاساستا؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ باشقا بارلىق خەلقلەر بىلەن تەڭ باراۋەرلىكىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەرقلىق دەپ قاراش ۋە دەل باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۇچۇن ھۆرمەت قىلىنىشقا مۇيەسسەر بولۇشىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا؛ بارلىق خەلقلەرنىڭ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى(Civilization) ۋە ئىلغارلىقتىن(Culture) شەكىللەنگەن ئومۇمىي بايلىققا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت مىراسىنى شەكىللەندۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۇرگەن ھالدا؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مىللى، ئىرقىي كېلىپ چىقىشى، دىنىي ئېتىقادى، ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىچىلىكىنى چىقىش قىلغان ھالدا بىراۋنى ۋە ياكى باشقىلارنى بىراۋدىن ۋە ياكى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، ئۈستۈن كۆرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلەرنى بىر تۇتاش ھالدا ئېرىقچىلىق، ئىلمىي جەھەتتىن تۈپتىن خاتا، قانۇنىي جەھەتتىن ئىناۋەتسىز، ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەيىپلىنىشكە تېگىشلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئادالەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلمەستىن ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئىجرا قېلىش جەريانىدا ئەركىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئاساستا؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ، مۇستەملىكە قىلىنىش، يەرلىرىدىن، مال مۈلۈكلىرىدىن، تېرىتورىيەلىرىدىن ۋە شۇ جايدىكى بايلىقلىرىدىن مۇسادىرە قىلىنىش، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئي ئېھتىياجىغا ۋە مەنپەئەتلىرىنى قاراپ تەرەققى قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىش نەتىجىسىدە تارىخىي بىر ناھەقچىلىكنىڭ زۇلىمىغا دۇچار بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنى بەرپا قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتى، مەنىۋى مىراسىي، تارىخى ۋە پەلسەپىسىنى، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ تېررىتورىيىسى، تۇپرىقى ۋە تەبىئي بايلىقىغا ئىگە بولۇشىدەك ئەنئەنىۋى ھوقۇقىغا ھۆرمەت قېلىش ۋە ئۇنى تەرغىپ قېلىشنىڭ ناھايىتى جىددى ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ دۆلەتلەر بىلەن ئاللىقاچان پۈتۈشكەن توختامنامىلىرى، كىلىشىملىرى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان جىددى ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش، قايسى جايدا يۇز بېرىشىدىن قەتئىي نەزەر بارلىق بېسىم ۋە ئايرىمچىلىقلارنى تەل-توكۇس ئاياغلاشتۇرۇش ئۇچۇن بۇرۇنقىدىن ئەۋزەل ھالەتتە تەشكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئېتىبارغا ئەلىپ؛ تەرەققىيات غايىسى ئاستىدا يەرلىك خەلقلەرنى كونترول قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەم يەرلىك خەلققە ھەمدە ئۇلار ئىگە بولغان تۇپراق، تېررىتورىيە ۋە بايلىقلارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ھالدا بۇ خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىلىرى، مەدەنىيەتلىرىنى ، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قىلىشىنىڭ ئىمكانسىزلىشىدىغانلىقىنى تونۇغان ئاساستا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ بىلىمى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قېلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئادىل تەرەققىيات ھەمدە مۇھىت مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيەلىرىنى ھەربىيسىز ۋە قورالسىز رايونغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە تىنچلىق، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەم ئىلگىرىلەشكە، دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا دوستلۇق ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان رولىنى ئۇرغىلىغان ئاساستا؛ بولۇپمۇ يەرلىك خەلق ئائىلىلىرى ۋە جامائەتلىرىنىڭ، ئوز پەرزەنتلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلىشى، تەربىيىلىنىشى ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقى قاتارلىقلار مەسىلىلەردە زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن تەڭ؛ يەرلىك خەلقلەر ۋە دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن توختامنامىلار، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ بەزى ھاللاردا خەلقارا كۆڭۈل بۆلگەن، قىزىققان، مەسئۇلىيەت دەپ قارىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ۋە شۇنداقلا مەزكۇر توختامنامىلار، ئاڭلاشمىلار ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن دەۋلەنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ؛ ب د ت نىزامنامىسى (UN Charter)، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلار خەلقارا ئەھدىنامىسى (International Covenant on Economic, Social and Cultural Rights)، ئاممىۋىي ۋە سىياسى ھوقۇقلار خەلقارا ئەھدىنامىسى (International Covenant on Civil and Political Rights) ۋە ۋىينا (Vienna) ھەرىكەتكە ئۇتۇش پروگراممىسى ۋە ئەھدىنامىسى (Vienna Declaration and Programme of Action) قاتارلىق ئاساسلىق خەلقارا ھۆججەتلەرنىڭ، خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى تەقدىرىنى ئەركىن ھالدا بەلگىلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىنى ئەركىن ھالدا يولغا قويۇشنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق خەلقلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ ھالقىلىق مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكنى ئەسكەرتىپ؛ مەزكۇر باياناتنىڭ، ھىچ بىر خەلقئارالىق قانۇن ھىمايىسى ئاستىدىمۇ ھېچقانداق بىر خەلقنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قېلىش ئۇچۇن قوللىنىلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئاساستا؛ مەزكۇر باياناتتىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قېلىش پرىنسىپىنىڭ، ئادالەت، دىمۇكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قېلىش، ئەسلا ئايرىمچىلىق قىلماسلىق ۋە ئالىيجاناپلىق بولۇشنى چىقىش قېلىش ئاساسىدا دۆلەتلەر بىلەن يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىناق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھالدا؛ يەرلىك خەلقلەر بىلەن كېڭەشكەن ۋە ھەمكارلاشقان ئاساستا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئورگانلار، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى يەرلىك خەلقلەر ئۇچۇن ئىجرا قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشتا ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ب د ت نىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئۈزلۈكسىز رول ئوينايدىغانلىقىنى خاتىرلىتىپ؛ مەزكۇر باياناتنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش ھەمدە ب د ت سىستېمسى ئىچىدە بۇ توغۇرلۇق خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم باسقۇچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ؛ ھەر بىر يەرلىك خەلق ئەزاسىنىڭ ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھېچقانداق ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماستىن خەلقارا قانۇنلاردا ئېتىراپ قېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلاردىن، بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ساغلام تەرەققىياتى ۋە خەلق بولۇپ بىر پۈتۈن ئىلگىرىلىشى ئۇچۇن كەم بولسا بولمايدىغان كوللېكتىپ ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىراپ قېلىش ئاساسىدا؛ يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرۇشلۇق رايونى ۋە دۆلىتى، شۇنداقلا يەرلىك ۋە مىللى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ دۆلەتتىن دۆلەتكە، رايوندىن رايونغا قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل تارىخىي ۋە مەدەنىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىش لازىملىقىنى ھېس قىلغان ئاساستا؛ بىز، تۆۋەندە ئاستىدا ئىمزاسى بولغان دۆلەتلەر، تولۇق شەرھىيلەنگەن «يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسىنى» ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ھۆرمەت روھىي ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورتاق ئۆلچەم سۈپىتىدە جاكارلايمىزكى:
    ماددا 1
    يەرلىك خەلقلەر شەخسى ياكى كوللېكتىپ ھالدا ب د ت نىزامنامىسىدا ئېتىراپ قېلىنغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەڭ ئاساسلىق ئەركىنلىكلەردىن، كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي باياننامىسىدىن ۋە خەلقئارالىق قانۇنلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا، ھوقۇقلۇق.

    ماددا 2
    يەرلىك خەلقلەر ۋە كىشىلەر باشقا خەلقلەر ۋە كىشىلەرگە ئوخشاش ئەركىن ۋە باراۋەر بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك كېلىپ چىقىشى ۋە مىللى كىملىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدىكى ھەق ھوقۇقلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، ھىچ قانداق بىر شەكىلدىكى ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماسلىققا تولۇق ھوقۇقلۇق.

    ماددا 3
    يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق. بۇ ھوقۇققا بىنائەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئورنىنى ئەركىن ھالدا بېكىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتلىرىنى ئەركىن بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

    ماددا 4
    يەرلىك خەلقلەر ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي ۋە يەرلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قېلىش، ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە فۇنكىتسىيەلىرىنى بېكىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاپتونومىيە ۋە ياكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قېلىش يوللىرىنى تاللىيالايدۇ.


    ماددا 5
    يەرلىك خەلقلەر ئۆزىگە خاس بولغان سىياسى، قانۇنىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئورگانلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىشكە، قاتنىشىش ھوقۇقى تامامەن ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان شەرت ئاستىدا، ئەگەر ماقۇل دەپ قارالسا تەۋەلىكىدىكى دەۋلەنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشقا ھوقۇقلۇق.

    ماددا 6
    ھەر بىر يەرلىك خەلقنىڭ ۋەتەنداشلىق(پۇقرالىق) ھوقۇقى بار.

    ماددا 7
    1. ھەر بىر يەرلىك پۇقرانىڭ ياشاش، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك بىخەتەرلىك ھوقۇقى بار.
    2. باشقىلاردىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۇچۇن يەرلىك خەلقلەر ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە كوللېكتىپ بولۇپ ياشاش ھوقۇقىغا ئىگە ۋە ھىچ بىر شەكىلدىكى قىرغىنچىلىققا، زوراۋانلىققا، مەجبۇرىي ھالدا بالىلىرىنىڭ بىر يەردىن بىر يەرگە يوتكىۋىتىلىشىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

    ماددا 8
    1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر ھىچ بىر شەكىلدىكى ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچرىماسلىق ۋە ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا يول قويماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.
    2. دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن تەدبىر ئېلىشى ۋە يېتەرلىك ئاپپاراتلارنى بەرپا قېلىشى زۆرۈر:
    (ئا) ئۇلارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم خەلق بولۇشتەك بىر پۈتۈنلىكىدىن ئايرىيدىغان، شۇ ئۈنۈمنى پەيدا قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىي ۋە مىللىي مىراسلىرىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەرىكەتلەر،
    (ب) ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە يەرلىرىدىن، تېرىتورىيەلىرىدىن ۋە بايلىقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ھەر قانداق قىلمىشلار،
    (ت) ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا چېقىلىشنى مەقسەت قىلغان ياكى شۇنداق ئۈنۈم كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي نوپۇس كۆچۈرۈش قىلمىشلىرى،
    (ج) ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە بىر پۈتۈنلەشتۈرۈش (Integration)،
    (خ) ئىرقىي ۋە مىللىي ئايرىمچىلىقنى چىقىش قىلغان ۋە يەرلىك خەلقنى نىشان قىلغان ھەر قانداق شەكىلدىكى تەشۋىقاتلار،

    ماددا 9
    يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسىلەر، ئۆزلىرىنىڭ ۋە ياكى تەۋەلىكتىكى دەۋلەنىڭ ئەن-ئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، ئۆزلىرىنىڭ كوممۇناسىغا(جامائىتىگە) ۋە ياكى تۇرۇشلۇق دۆلەتكە تەئەللۇق بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا ھېچقانداق شەكىلدىكى ئايرىمچىلىق سىياسىتى قوللۇنۇلماسلىقى شەرت.

    ماددا 10
    يەرلىك خەقلەر ئۆزلىرىنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيىەسىدىن ھىچ بىر شەكىلدە مەجبۇرىي يوتكىۋىتىلمەسلىكى شەرت. تولۇق چۈشەندۈرۈش ئاساسىدىكى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىيارلىقى بولماي تۇرۇپ، زۆرۈر بولغان ئاڭلاشمىلار ئىمزالانماستىن، كېرەكلىك تۆلەملەر تۆلەنمەستىن ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا كېيىنچە قايتىپ كېلىش ئۇچۇن ئىمكانىيەت يارىتىلماستىن تۇرۇپ، ھىچ قانداق بىر شەكىلدە ئۇلارنىڭ باشقا جايلارغا ماكانلاشتۇرۇلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    ماددا 11
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەۋە مەدەنىي ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىجرا قېلىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. بۇ دېگەنلىك ئۆزلىرىگە تەۋە ئۆتمۈشتىكى، ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىخى يالدامالىرىنى، ئارخىلوگىيەلىك ئاسارە ئەتىقىلىرىنى، سەنئەت ئەسەرلىرىنى، ھەر ھىل مۇراسىملىرىنى، تېخنىكىلىق ئىلغارلىقلىرىنى، كۆرۈنۈشلۈك(Visual) ۋە ئىجرا قىلىنىدىغان(performing) ئەدەبىي سەنئەت لىرىنى قوغداش، تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ.
    2. دۆلەت چوقۇم، ئۇلارنىڭ ئىختىيارلىقىسىز، رازىلىقىسىز ۋە قانۇنغا ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا يەرلىك مىللەتلەردىن تارتىۋېلىنغان مەدەنىي، تەتقىقات خاراكتېرلىق، دىنىي ۋە مەنىۋىي قىممىتىدىكى مال مۈلۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، ياسايدىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ھەر خىل مىخاينىزىملارنى بەرپا قېلىشى كېرەك.

    ماددا 12
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى ۋە دىنىي ئادەتلىرىنى، ئۆرپ ئادەتلىرىنى ۋە ھەر خىلدىكى مۇراسىملىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈش، ئىجرا قېلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە ئۆگىتىشكە؛ ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي ۋە دىنىي ماكانلارنى ساقلاپ قېلىش ۋە قوغداشقا، بۇ ماكانلارغا باشقىلارنىڭ قارشىلىقىسىز كىرىپ چىقىشقا؛ ئۆزلىرىنىڭ مۇراسىم خاراكتېرلىق ئەنئەنىلىرىنى ئىجرا قېلىش ۋە كونترول قېلىشقا؛ ئۆلگەن جەسەتلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
    2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە ئائىت بولغان مۇراسىم ماددىلىرىنىڭ ۋە ئۆلگەن جەسەتلەرنىڭ تاپشۇرۇپ ئېلىنىشى ۋە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئۇچۇن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى ھەمدە ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ۋۇجۇتقا چىقارغان ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سەلىپ پۈتۈن جەريانلارنى ئادىل، ئاشكارا ۋە ئۈنۈملۈك بولىشىغا كاپالەتلىك قېلىشى كېرەك.

    ماددا 13
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە ئائىت بولغان تارىخ، تىل، ئاغزاكى ئەنئەنىلەر، پەلسەپىلەر، يازما سىستېمسى (يېزىق) ۋە ئەدەبىيات مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇش، ئىشلىتىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۇپ بېرىشكە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى جامائەتچىلىك ئىچىدە ساقلاش ۋە جامائەت ئورۇنلىرىغا، جايلارغا ۋە شەخسلەرگە بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
    2. دۆلەت چوقۇم بۇ ھەق ھوقۇقلارنىڭ قوغدىلىشى ئۇچۇن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ پۈتۈن سىياسى، قانۇنىي ۋە مەمۇرىي جەريانلارنى چۈشىنىشىگە ۋە چۈشەنگەنلىكىگە كاپالەتلىك قېلىش ئۇچۇن زۆرۈر تېپىلغاندا تەرجىمان ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ھەققىدە يېتەرلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.

    ماددا14
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىكى مەدەنىي سىستېمىسىغا ماسلاشقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ تىلىدىكى ئەلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قېلىش ۋە كونترول قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
    2. يەرلىك شەخسلەر، بولۇپمۇ بالىلار ھىچ قانداق ئايرىمچىلىقتىن خالى ھالدا پۈتۈن سەۋىيىدىكى ۋە شەكىلدىكى دۆلەت مائارىپىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
    3. دۆلەت چوقۇم، يەرلىك خەلقلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا، يەرلىك خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ چەت ياقا يەرلەردە ياشايدىغان بالىلارنىڭ ئۆز تىلىدا ۋە ئوز مەدەنىيەت مۇھىتىدا مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشى ئۇچۇن بارلىق چارە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

    ماددا 15
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزىنىڭ غۇرۇرىنى، مەدەنىيىتىنىڭ كوپخىللىق بولىشىنى، ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى، مەدەنىيەتلىرىنى ، تارىخىنى ۋە ئارزۇ ئارمانلىرىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق بولۇپ، يۇقىرىقىلار يەرلىك خەلقلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ھەم ئاممىۋى ئورۇنلىرىدا گەۋدىلىنىشى كېرەك.
    2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن ماسلاشقان ھالدا يەرلىك خەلقلەرگە قارىتىلغان بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى، ئايرىمچىلىقلارنى يوقۇتۇشى، يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ھەمدە يەرلىك خەلقلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ باشقا قىسمىدىكىلەر ئارىسىدىكى ئوز-ئارا قوبۇل قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

    ماددا 16
    1. يەرلىك خەلقلەر ئوز تىلىدا ئۆزلىرىگە ئائىت ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بەرپا قېلىشقا ۋە ھىچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا يەرلىك خەلقلەرنىڭ بولمىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
    2. دۆلەت چوقۇم دۆلەت ئىگىلىگىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۇرىشىگە قارىتىلغان تەدبىرلەرنى ئالىدۇ. دۆلەت بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ سوز ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قېلىش، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بولسا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۇرىشىگە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق تەدبىرلەرنى ئالىدۇ.

    ماددا17
    1. يەرلىك خەلقلەر ۋە شەخسلەر خەلقئارالىق ۋە دۆلەتلىك ئەمگەك قانۇنلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.
    2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئاساستا يەرلىك خەلقلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېكسپلاتسىيە قىلىنىشىدىن، بالىلارنىڭ تەلىم تەربىيىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە ياكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى كۈچلەندۈرۈش ئۇچۇن مائارىپ تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇغان ئاساستا بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن ساغلام ئۇسۇپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ھەرقانداق ئىجرائاتلەرنى چەكلىشى شەرت.
    3. يەرلىك خەلقلەر ئەمگەك، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش، مۇئاش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەسلا چەتكە قىقىلماسلىق، ئايرىمچىلىققا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە.

    ماددا18
    يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ئۆزلىرى تەرىپىدىن سايلانغان شەخسلەر ۋاستىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا تولۇق ئىشتىراك قىلىش ۋە شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ قارار چىقىرىش ئورگانلىرىنى تەسىس قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

    ماددا 19
    دۆلەت، يەرلىك خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارارلاردا چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالاھىيەتلىك ۋەكىللىرى بىلەن ياخشى نىيەتتە مەسلىھەتلىشىشى، ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغان ھەر بىر قانۇنىي ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن ھىچ بىر بېسىمسىز، تولۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىنىشى شەرت.

    ماددا 20
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە خاس تەرەققىياتلاردىن، بارلىق ئەنئەنىۋى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇش ئۇچۇن، ئۆزلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىلىرىنى، ئورگانلىرىنى مۇھاپىزەت قېلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
    2. يەرلىك خەلقلەرنىڭ، ئوز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە مەھرۇم قالدۇرۇلغان ھوقۇقلىرى ئادىل شەكىلدە تۈزۈتىلىشى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى كېرەك.

    ماددا 21
    1. يەرلىك خەلقلەر ھىچ بىر ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماستىن، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش، ئىش ئۇچۇن تەربىيىلىنىش ۋە قايتا تەربىيىلىنىش، ئوي-ماكانلىق بولۇش، پاكىز سۇ ئىشلىتىش، سالامەتلىك ۋە پاراۋانلىق كاپالىتى(Social Security) قاتارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
    2. دۆلەت، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ئۇچۇن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى، ھەتتا زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك. بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەر ئىچىدىكى ياشانغانلار، ئاياللار، ياشلار، بالىلار ۋە مەجرۇھ كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۇچۇن پەۋقۇلئاددە تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەك.

    ماددا 22
    1. مەزكۇر باياننامىنى ئىجرا قېلىش ئۇچۇن ئالاھىدە ئېھتىياجى بولغان كىشىلەر ئۇچۇن، يەنى ياشانغانلار، ئاياللار، ياشلار، بالىلار ۋە مەجرۇھلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئۇچۇن ئالاھىدە دىققەت بېرىلىشى كېرەك.
    2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ماسلاشقان ھالدا يەرلىك خەلق ئاياللىرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك زوراۋانلىقتىن قوغدىلىنىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۇچۇن تولۇق تەدبىر ئېلىشى كېرەك.

    ماددا 23
    يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە قانداق سىتىراتىگىيە قوللىنىش ۋە قايسى تۈرلەرنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش توغۇرلۇق ئىشلاردا ئۆزلىرىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق. بولۇپمۇ ئۆزلىرىگە تەسىر قىلىدىغان پروگراممىلاردىن سەھىيە، ئوي-ماكانلىق بولۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتا، ھەمدە مەزكۇر پروگراممىلارنى ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئورگانلار ئارقىلىق يورۇتۇشتا تولۇق ھوقۇققا ئىگە.

    ماددا 24
    1.يەرلىك خەلقلەر، ئوز تەۋەلىكىدىكى مىنېراللارنى (كان بايلىقىنى)، ھايۋاناتلارنى، ئۆزلىرىگە خاس بولغان تىببىي زاۋۇت كارخانىلىرىنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئەن-ئەنىۋى مىللى تىبابەت ئۇسۇللىرىنى ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىنى قوغداپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
    يەرلىك خەلقلەر يەنە ھىچ قانداق ئايرىمچىلىققا دۇچار بولماستىن، بار بولغان بارلىق ئىجتىمائىي ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
    2. يەرلىك خەلقلەر ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. دۆلەت چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇچۇن شەرت بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

    ماددا 25
    يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرى ئىگىلىگەن، ئەنئەنىۋى جەھەتتىن ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولغان تۇپراقلىرى، تېررىتورىيەلىرى، سۇ ۋە دېڭىز ساھىللىرى قاتارلىق بارلىق بايلىقلىرىغا بولغان مەنىۋى مېھرىنى ساقلاش، كۈچلەندۈرۈش ھوقۇقىغا، ۋە بۇلارنى كىيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۇپ بېرىشتەك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

    ماددا 26
    1. يەرلىك خەلقلەر تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىشلەتكەن ۋە قولغا چۈشۈرگەن تۇپراقلارنى، تېررىتورىيەلىرىنى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
    2. يەرلىك خەلقلەر ئەنئەنىۋى شەكىلدە ئىگە بولغان، ئىگىلىگەن، ئىشلەتكەن ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك شەكىلدە قولغا چۈشۈرگەن بارلىق تۇپراقلارنى، تېررىتورىيەلەرنى، يەر بايلىقلىرىنى ئوز ئىگىدارچىلىقىدا تۇتۇشقا، ئىشلىتىشكە، تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋە ئېچىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
    3. دۆلەت چوقۇم بۇ تۇپراقلارنىڭ، تېررىتورىيەلەرنىڭ ۋە بايلىقلارنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئېتىراپ قىلىنىشى ھەققىدە قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
    بۇ خىل قانۇنىي قوغداش ۋە ئېتىراپ قېلىش خىزمىتى چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە زېمىندارلىق بولۇش توغرىسىدىكى ئادەتلىرىگە ماس ھالدا ئەلىپ بېرىلىشى كېرەك.

    ماددا 27
    دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزگەندە، ئىجرا قىلغاندا، بولۇپمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرى، ئەنئەنىلىرى، زېمىندارلىق بولۇش ئادەتلىرى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق ئىشلاردا ئادىل، مۇستەقىل، تەرەپسىز، ئوچۇق-ئاشكارا بولىشى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى تارىختىن بۇيان ئىگە بولۇپ كەلگەن، ئىشلەتكەن، ئىگىلىگەن ۋە باشقا يوللاردىن قولغا چۈشۈرگەن زىمىن، تېررىتورىيەلىرىنى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتىكى ھوقۇقلىرىنى تولۇق تونۇشى، ئېتىراپ قېلىشى ۋە شۇنداقلا پۈتۈن بۇ سىياسەتلەرنىڭ بەلگىلىنىشىگە يەرلىك خەلقلەرنى قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

    مادا 28
    1. يەرلىك خەلقلەر، ئۆزلىرىنىڭ ھىچ بىر رازىلىقى، ئەركىن ھالدىكى قارارى ۋە تولۇق مەلۇماتلىق شەرتى ئاستىدىكى ماقۇللۇقىسىز، تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان، ئىگىلىگەن ۋە ئىشلەتكەن تۇپراقلىرىنىڭ ۋە يەر بايلىقلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، تارتىۋىلىنىشى، ئىشغال قىلىنىشى، قوللىنىلىشى ۋە ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلىشىدىن كېلىپ چىققان بارلىق زىيانلارنى، ئىمكان بار بولسا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەگەر ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىسا، بۇ زىيانلار ھەققىدە ئادىل ھەم مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.
    2. ئەگەر باشقا تۈرلۈك ئىختىلاپلار بولمىغان ئەھۋالدا، تۆلىنىدىغان تۆلەم ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ۋە قىممەتتىكى يەر، تېررىتورىيە ۋە بايلىقلار ئۇچۇن ئوخشاش قىممەت ۋە چوڭلۇقتىكى يەر، تېررىتورىيە ۋە بايلىق شەكلى بىلەن، ئەگەر بۇ ئەھۋال مۇمكىن بولمىسا باشقا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياكى تەڭ قىممەتتىكى ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەش شەكلى بىلەن ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.

    ماددا 29
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق يەرلەرنى، تېررىتورىيەلەرنى ۋە ئوز يەرلىرىدىكى بايلىقلىرىنى، بۇ جايلارنىڭ مۇھىتىنى ھەمدە بۇ زىمىنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىغىمچانلىقىنى ساقلاش ۋە مۇھاپىزەت قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
    دۆلەت ھىچ قانداق ئايرىمچىلىققا يول قويمىغان ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئوز ئىگىدارچىلىقىدىكى بۇ يەرلەرنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى ئۇچۇن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.
    2. دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەرگە ئائىت بولغان زىمىن، تېررىتورىيىلەردە ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە تولۇق چۈشۈنۈش ئاساسىدىكى بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق زەھەرلىك ماتېرىياللارنىڭ ساقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.
    3. دۆلەت چوقۇم، ئەگەر شۇنداق زورۇرىيەت ھاسىل بولغان بولسا، يۇقۇرىدىكى زەھەرلىك ماتېرىياللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان پۈتۈن تەدبىرلەرنى ئېلىشى ھەمدە بۇ تەدبىرلەرنى ئىجرا قېلىشى شەرت.

    ماددا 30
    1. ئۇلارنىڭ ماقۇللىقى ۋە ياكى تەلىيى بولمىغان شارائىتتا، ۋە ياكى تولۇق ھەققانىي سەۋەپلەرگە تايانمىغان شەرت ئاستىدا، دۆلەت يەرلىك خەلقلەرنىڭ زېمىنى ۋە تېررىتورىيىسىدە ئەسكىرى ھەركەت ئەلىپ بارماسلىقى شەرت.
    2. دۆلەت زۆرۈر بولغان ئەسكىرى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى، مۇۋاپىق قانۇنىي باسقۇچلارغا ھۆرمەت قېلىشى كېرەك.

    ماددا 31
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى، ئەنئەنىۋى بىلىملىرىنى، ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئادەتلىرىنى شۇنداقلا ئۆزلىرىگە ئائىت تىببىي بىلىملەرنىڭ يالدامالىرىنى، تېخنىكا ئىلغارلىقلىرىنى، ئىنسان ۋە ئىرسىيەت ھەققىدىكى بايلىق مەنبەلىرىنى، قەدىمىي ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىغا بولغان ئىگىدارچىلىقىنى، ئەدەبىيات، لايىھىيىلەش، تەنھەرىكەت، ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنى ساقلاش، كونترول قېلىش، ئاسراش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي بايلىقلىرىنى، مەدەنىي مىراسلىرىنى ۋە ئەنئەنىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ساقلاش، كونترول قېلىش، قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
    2. يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ماسلاشقان ھالدا دۆلەت چوقۇم ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتىشىنى ئېتىراپ قېلىش ۋە كاپالەتكە ئىگە قېلىش ئۇچۇن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.

    ماددا 32
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىگە تەئەللۇق زىمىن ۋە تېررىتورىيەلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۇچۇن مۇھىم ستىراتىگىيەلەرنى قارارلاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق.
    2. ئۇلارغا ئالدىن ئالا بارلىق مەلۇماتلارنى تولۇق تەمىنلىگەن، ئۇلارنىڭ ئوز ئىختىيارلىقى ھەمدە رازىلىقىنى ئالغان ئاساستا، ئۇلارنىڭ زېمىنى، تېررىتورىيەلىرى ۋە مەۋجۇت بايلىق مەنبەلىرىگە تەسىر ئەلىپ كىلىدىغان بارلىق پلان-پروگراممىلارنى، تەرەققىيات لايىھەلىرىنى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئىشلىتىش، بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش، سۇ مەنبەلىرىنى قوللىنىش قاتارلىقلاردىن بۇرۇن، دۆلەت چوقۇم يەرلىك خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئورگانلىرى بىلەن سەمىمىي ھالدا مەسلىھەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشى شەرت.
    3. دۆلەت چوقۇم، يۇقىرىقىدەك پلان ۋە لايىھەلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشتىن كېلىپ چىققان زىيانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇچۇن ئادىل، يوللۇق ۋاسىتىلەرنى ۋە شۇنداقلا ئۈنۈملۈك چارە تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، مۇھىتقا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە مەنىۋى ساھەلەرگە بولغان زىيانلارنى تولدۇرۇش ئۇچۇن قانۇنىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشى شەرت.

    ماددا 33
    1. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىگە بىنائەن ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى (سالاھىيىتىنى) تاللاش ۋە شۇ كوممۇنانىڭ ئەزاسى بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بۇ بەلگىلىمە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دەۋلەنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلماسلىقى كېرەك.
    2. يەرلىك خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلەرگە قاراپ ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنى تاللاش، ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئورگانلىرىغا ئەزا بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

    ماددا 34
    يەرلىك خەلقلەر، ئۆزلىرىنىڭ ئورگان قۇرۇلمىلىرىنى، ئۆزلىرىگە خاس ئەنئەنىلىرىنى، مەنىۋى مىراسلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، ئىجتىمائىي تەرتىپلىرىنى ۋە بۇلارنى ئىجرا قىلىشتىكى ئەمەلىي مېتودلارنى، ئەگەر مەۋجۇت بولسا، ئۆزلىرىگە خاس بولغان ئەدلىيە سىستېمىلىرىنى ۋە ئەدلىيە ئادەتلىرىنى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈشكە، تەرەققى قىلدۇرۇشقا ۋە ساقلاپ قېلىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.

    ماددا 35
    يەرلىك خەلقلەر ئوز ئەزالىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كوممۇناسىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە جاۋاپكارلىقلىرىنى بېكىتىشكە تولۇق ھوقۇقلۇق.

    ماددا 36
    1. بولۇپمۇ چىگرالىرى خەلقئارالىق لىنىيىلەر بىلەن ئايرىلغان يەرلىك خەلقلەر، مەنىۋى، مەدەنىي، سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەقسەتلەرنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاشقىي دۇنيا بىلەن، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ چېگرىسىغا خوشنا بولغان خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىلارنى ساقلاپ قېلىشقا، ھەر خىل ھەمكارلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تولۇق ھوقۇقلۇق.
    2. دۆلەت يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ۋە مەسلىھەتلەشكەن ھالدا يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ھوقۇقىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۇچۇن بارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى شەرت.

    ماددا 37
    1. يەرلىك خەلقلەر، تەۋەلىكىدە دۆلەت ۋە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ كەلگۇسى ۋارىسلىرى بىلەن تۈزۈلگەن ھەر تۈرلۈك توختامنامىلارنى ۋە كىلىشىمنامىلارنى تۇزۇشكە ھوقۇقلۇق بولۇپ، دۆلەت مەزكۇر توختامنامىلارغا ۋە كىلىشىمنامىلارغا سادىق بولىشى شەرت.
    2. بۇ باياناتنامىدىكى ھېچقانداق بىر ماددا مەزكۇر توختامنامىلارنىڭ ۋە كىلىشىمنامىلارنىڭ ئىناۋەتسىز قىلىنىشى ۋە يوق قىلىنىشى ئۇچۇن باھانە قىلىنمايدۇ.

    ماددا 38
    دۆلەت بۇ باياناتنامىنىڭ ئىناۋەتسىز قېلىنلىشى ئۇچۇن، يەرلىك خەلقلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ۋە مەسلىھەتلەشكەن شارائىت ئاستىدا مەۋجۇت قانۇننى ئۆزگەرتىش ۋە ياكى يېڭىدىن قانۇن ماقۇللاشنى ئوز ئىچىگە ئالغان بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
    .
    ماددا 39
    يەرلىك خەلقلەر بۇ باياناتنامىدا كۆرسىتىلگەن ھەق ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولىشى ئۇچۇن خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارنى ئوز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆزى تۇرۇشلۇق دەۋلەنىڭ مالىيە ۋە تېخنىكىلىق ياردەملىرىگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق.

    ماددا 40
    يەرلىك خەلقلەر، دۆلەت ۋە مەزكۇر دۆلەتتىكى مەلۇم بىر سىياسى پارتىيە(لەر) بىلەن بولغان توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۇچۇن، شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان شەخسى ۋە كوللېكتىپ ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشى ئۇچۇن ئادىل ۋە ھەققانىي قانۇنىي تەرتىپلەردىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق.
    بۇ خىلدىكى قانۇنىي تەرتىپلەر، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرى، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە، ئەنئەنىلىرىگە، يەرلىك قانۇنلىرىغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىلىرىغا تولۇق ماسلاشقان بولىشى كېرەك.

    ماددا 41
    بارلىق ئورگانلار ۋە ب د ت تەركىبىدىكى مۇتىزەسىسلەشكەن ئاگېنتلىقلار ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى كۈۋرۈك تەشكىلاتلار (Intergovernmental organizations) چوقۇم بۇ باياناتنامىنىڭ ئىزچىللىشىشى ئۇچۇن مالىيە جەھەتتىن ھەمكارلىشىش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەملىشىش ئارقىلىق زۆرۈر ھەسسىلەرنى قوشۇشى كېرەك.
    بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ بۇ ھەققىدىكى قارارلارنىڭ ئېلىنىشى جەريانلىرىدا ئۇلارنىڭ ئىشتىراك قىلىنىشىنى كاپالەتلىك قېلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

    ماددا 42
    يەرلىك خەلقلەر ھەققىدىكى ب د ت دائىمىي فورۇمىنى ئوز ئىچىگە ئالغان ب د ت ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارالىق سەۋىيىدىكى مۇتىزەسىسلەشكەن ئاگېنتلىقلار ھەمدە بارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر باياناتنامىنىڭ بارلىق ماددىلىرىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىشى ۋە مەزكۇر باياناتنامىنىڭ ئۈنىنى ھەققىدە تەۋسىيەلەرنى يوللىشى كېرەك.

    ماددا 43
    مەزكۇر باياناتنامە ئوز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھاياتتا قېلىشى، ساقلىنىپ قېلىشى ۋە شان-شەرىپلىرىنى قوغداپ قېلىشى ئۇچۇن بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىن ئىبارەت.

    ماددا 44
    بۇ باياناتنامىدا بېكىتىلگەن بارلىق ھەق ھوقۇقلار ۋە ئەركىنلىكلەر ئورتاق ھالدا بارلىق ئەر ۋە ئاياللار يەرلىك خەلقلەر ئۇچۇن تۈزۈلگەن.

    ماددا 45
    بۇ باياناتنامىدىكى ھىچ بىر ماددا يەرلىك خەلقلەر ئاللىقاچان ئىگە بولغان ۋە كەلگۈسىدە ئىگە بولىدىغان ھىچ بىر ھەق ھوقۇقلارنى يوق قىلىدىغان ۋە ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان رولغا ئىگە ئەمەس.

    ماددا 46
    1. بۇ باياناتنامىدىكى ھىچ بىر ماددا مەلۇم دۆلەت، خەلق ، گۇرۇھ ۋە يا كىشىلەرنىڭ ب د ت نىزامنامىسىغا قارشى تۇرىشىغا قارىتىلغان ھەرقانداق بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ۋە ياكى ب د ت نىزامنامىسىغا قارشى ئىش بېجىرىشى ئۇچۇن سالاھىيەت تەشكىل قىلىدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرەلمەسلىكى ، ۋە شۇنداقلا مەلۇم مۇستەقىل دەۋلەنىڭ قىسمەن ۋە ياكى تولۇق ھالدىكى زىمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسى بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى تۇرىدىغان بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللۇنۇلماسلىقى كېرەك.
    2. بۇ نىزامنامىدا بېكىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەر تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. بۇ نىزامنامىدا كۆرسىتىلگەن ھەق ھوقۇقلارنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى پەقەتلا خەلقارا قانۇنلارغا ماس ھالدا چىقىرىلغان قانۇنلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالىشى كېرەك. بۇنداق چەكلىمىلەر پەقەتلا باشقىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولغان ئادالەتنى بەرپا قېلىشنىڭ تەقەززاسى بولغان شەرت ئاستىدىلا يولغا قويۇلىشى كېرەك.
    3. بۇ باياناتنامىنىڭ بەلگىلىمىلىرى ئادالەت، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قېلىش، باراۋەرلىك، ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئادىل دۆلەت باشقۇرۇش ۋە سەمىمىيەت پرىنسىپلىرى ئاستىدا شەرھىيىلىنىشى كېرەك.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى ب د ت باياننامىسى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-30 2:08:06
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1192
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证