تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› قانۇنلار ›› دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ›› جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Ahatalim
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 378
    343570643@qq.com

    يازما سانى : 334
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-8-30 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى

    جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى

     

    (2009 – يىل 11 – ئاينىڭ 9 – كۈنى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى 7 – نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)
       جۇڭگونىڭ ئاخبارات ئىشلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاخباراتچىلار ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە << ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش>> مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇمىيەتنى چۆرىدەپ، خەلققە خىزمەت قىلىپ، ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى ئارقىلىق ئاخبارات ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيىنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئاخبارات خىزمىتىدىكى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشىنى تىرىشىپ ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئاخبارات كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، تۆھپە قوشۇپ، راستچىل ۋە ئادىل، پاك – دۇرۇس بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قانۇن – ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىيدا قەتئىي، كەسىپتە پىشقان، ئىنتىزامدا چىڭ، ئىستىلدا دۇرۇس بولۇشى كېرەك.
       1 – ماددا جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. پارتىيىگە، ۋەتەنگە، خەلققە سادىق بولۇپ، پارتىيىنىڭ تەشەببۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى، توغرا يېتەكچىلىك بىلەن جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى چۈشىنىشنى، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق بىلەن ئالاقىلىشىشىدە كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رول ئويناش كېرەك.
       1. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ زور قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان خەۋەر – ئۇچۇر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛
       2. ئاممىۋى قاراشنى مۇستەھكەم تىكلەپ، خەلقنى خەۋەرچىلىكنىڭ سۇبيېكتى ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ، ئاساسىي قاتلام، ئامما ئارىسىدىكى ئىلغار تىپلارنى كۆپ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى كونكرېت ئىش – پائالىيەتلەرنى كۆپ قېزىپ، ئاددىي شەخسلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆپ ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانلىق تىلىنى كۆپ قوللىنىپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى خەلق ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان قىلىپ يېزىش كېرەك؛
       3. خەلقنىڭ توغرا پىكرى ۋە ساداسىنى پائال ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ئەھۋال ۋە قىلمىشلارنى تەنقىد قىلىپ، خەلقنىڭ ھەققانىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.
       2 – ماددا توغرا جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىش، ئاساسىي مېلودىيىنى ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي، ساغلام، ئىلغار جامائەت پىكرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك.
       1. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا ھەرقاچان تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛
       2. ئىلمىي نەزەرىيىنى تەشۋىق قىلىش، ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىش، گۈزەل ئوبراز يارىتىش، توغرا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىش، چاكىنا، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلارنى قەتئىي چەكلەش كېرەك؛
       3. جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى نەزەردە تۇتۇش، توغرا،ئىلمىي، قانۇن بويىچە، ئىجابىي نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛
       4. تاسادىپىي ۋەقەلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە خەۋەر قىلىشتا يېتەكچىلىكنىڭ توغرا، ۋاقتىدا، دەل، ئاشكارا، ئېنىق بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەقەنىڭ ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىپ، ۋەقەنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا ۋە كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
       3 – ماددا ئاخباراتنىڭ چىنلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چىنلىقنى ئاخباراتنىڭ ‹‹جېنى›› دەپ بىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، راست، توغرا، ئەتراپلىق، ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىش كېرەك.
       1. ئاخبارات خام ماتېرىيالىغا قانۇنلۇق يول ۋە شەكىل بىلەن ئېرىشىش، زىيارەت قىلغاندا كۈچكە ئىگە مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۆرسىتىش كېرەك. ئاخبارات ئۇچۇرىنىڭ مەنبەسىنى ئەستايىدىل ئېنىقلاپ، ئاخبارات مۇھىم ئامىلى ۋە تەپسىلاتلارنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛
       2. خەۋەرلەردە پاكىتنى كۆپتۈرمەسلىك، ئاددىيلاشتۇرماسلىق، بۇرمىلىماسلىق، زىيارەت ئوبيېكتىنى ئىدارە قىلماسلىق، ساختا خەۋەر يېزىش ياكى خەۋەر ئويدۇرۇپ چىقىرىشنى چەكلەش كېرەك. خەۋەرنى باسقان ياكى ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەندە ئاپتورنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىش كېرەك؛
       3. باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆچۈرۈپ بەرگەندە پاكىت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش، ئىلىم – پەنگە ۋە تۇرمۇش ساۋاتلىرىغا خىلاپ مەزمۇنلارنى باسماسلىق، ئاڭلاتماسلىق، كۆرسەتمەسلىك كېرەك؛
       4. پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەۋەرنى باسقان، ئاڭلاتقان، كۆرسەتكەندىن كېيىن جاۋابكارلىقنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، ۋاقتىدا تۈزىتىش بېرىپ ۋە ئەپۇ سوراپ، ناچار تەسىرنى يوقىتىش كېرەك.

       4 – ماددا ئېسىل ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇش. توغرا دۇنيا قاراش، تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تىكلەپ، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈپ، ناچار كەيپىياتنى بايقۇت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
       1. ئۆگىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سىياسىي ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ئاخباراتچىغا ئايلىنىش كېرەك؛

       2. ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئاممىغا يېقىنلىشىش، تۇرمۇش ئۆگىنىش، چوڭقۇر چۆكۈش داۋامىدا جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەپ، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىش كېرەك؛
       3. ھەقلىق ئاخبارات ۋە ھەق ئېلىپ خەۋەر قىلماسلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇلارنى بايقۇت قىلىپ، كەسىپ قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلىمەسلىك، خەۋەر قىلىشتىن پايدىلىنىپ شەخسىي ئۆچىنى چىقىرىۋالماسلىق، ھەر قانداق نام بىلەن مۇخبىرلىق ئوبيېكتى ياكى مەنپەئەتدار كىشىدىن مال – مۈلۈك ياكى باشقا مەنپەئەت تەلەپ قىلماسلىق، قوبۇل قىلماسلىق، مۇخبىرلىق ئوبيېكتىغا خىزمەتتىن ھالقىغان تەلەپ قويماسلىق كېرەك؛
       4. ئاخبارات ساھەسىدىكى كەسىپداشلارنى ھۆرمەتلەش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش كېرەك. باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەسىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەرتىش، كۆچۈرۈۋېلىش، ئوغرىلىۋېلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش كېرەك؛

       5. خەۋەر قىلىش بىلەن تىجارەت پائالىيەتلىرىنى ئايرىش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەۋەر قىلىش شەكلىدە ھەر قانداق ئېلان خاراكتېرلىك تەشۋىقات قىلماسلىق، مۇھەررىر، مۇخبىرلار تاپاۋەت قىلىش قاتارلىق تىجارەت خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.
       5 – ماددا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش. ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قاراش، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دەۋر خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنىيەتلىكىنى ئىگىلەش، ئىجادچانلىقىنى بېيىتىش كېرەك.
       1. ئوخشاش بولمىغان تارقىتىش ئوبيېكتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ئادىتى ۋە ئۇچۇر ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەسىس قىلىپ، يۆنىلىش بويىچە يېتەكلەشكە ماھىر بولۇپ، جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى ۋە تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛
       2. تارقىتىش ماھارىتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامما چۈشىنەلەيدىغان، ئاسان قوبۇل قىلىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق خەۋەرنىڭ يېقىنلىقى، جەلپكارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛
       3. يېڭى ۋاسىتە، يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر توپلاش، ئاخبارات ئېلان قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ۋاقىتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك؛
       6 – ماددا قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش. قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن – نىزاملارغا، پارتىيىنىڭ ئاخبارات خىزمىتى ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش كېرەك.
       1. مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ ۋە ئۇلارنى توغرا تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك؛
       2. مۇخبىرلىق ئوبيېكتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، مۇخبىرلىق ئوبيېكتىنىڭ يوللۇق تەلىپىگە ھۆرمەت قىلىپ، شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلىماسلىق، باشقىلارغا تۆھمەت قىلماسلىق كېرەك؛
       3. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؛
       4. ئەدلىيىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداپ، دېلولارنى خەۋەر قىلىشنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ئەدلىيە جەھەتتىن سوت قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئارىلاشماسلىق، سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى خاراكتېرى بېكىتىلگەنلىك، جىنايەت بېكىتىلگەنلىككە ئائىت خەۋەر ۋە ئوبزورلارنى يازماسلىق كېرەك؛
       5. چەتكە چېتىشلىق خەۋەرلەردە ئېلىمىزنىڭ چەتكە چېتىشلىق قانۇنلىرى، تاشقى سىياسىتى ۋە ئېلىمىز قاتناشقان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك.
       7 – ماددا خەلقئارادىكى ئاخباراتچىلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنياۋى نەزەر ۋە خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا ئالاقە ئورنىتىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىش كېرەك.
       1. خەلقئارا ئالاقىدار دۆلەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداپ، جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئوبرازىنى قوغداش كېرەك؛
       2. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى پائال تارقىتىپ، دۇنيا خەلقىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛
       3. دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مىللىي ئەنئەنىسى، دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ئېسىل مىللىي مەدەنىيىتىنى خەۋەر قىلىش كېرەك؛
       4. تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلغان ھەر قايسى ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم خەلقئارا(رايون) ئاخبارات تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك خىزمەت قىلىشى كېرەك.
       قوشۇمچە پرىنسىپ: جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا ئورۇنلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ‹‹مىزان››غا مۇناسىپ يولغا قويۇش تەپسىلىي چارىسىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللىشى؛ ئېلىمىزدىكى ئاخباراتچىلار ئاڭلىق ئىجرا قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك، كەسپىي ئاخباراتچىلار جەمئىيەتلىرى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ كەسىپ ئەخلاقى مىزانى ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-30 1:57:13
    تەھرىر : abduhelil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 183
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证