تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    rayila
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 268
    kasandira766@sina.com

    يازما سانى : 195
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-9-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    رۇبائىيلار 1

    رۇبائىيلار

     

    ئەمەل ۋە مەرتىۋە چوڭ نەرسە ئەمەس،

    قىلمىسۇن دىلىڭنى ئۇنىڭ زوقى مەس.

        ئەمەل – تاج سۈرىدىن ئىزدىسەڭ ھۆرمەت،

    ئاۋامنىڭ قەلبىدە ئورنۇڭ بولۇر پەس.

     

              مەي تۇتسا ناۋادا ساڭا بىر رايىش،

    گەر سۇلتان بولساڭمۇ بەر ئاڭا ئالقىش.

               مۆمىننىڭ ئالدىدا غادايماق ئاسان،

    ھەممىدىن كۈلكىلىك ياۋاشقا كايىش.

     

    چۈشسە گەر بىراۋنىڭ ھاجىتى ساڭا،

              قولۇڭدىن كەلسە قىل ئىلتىپات.

      سۇ ئىچىش مۇمكىنمۇ ئېڭىشمەي تۇرۇپ،

      ئويلاپ كۆر، نە سەۋەپ ئەڭ ئۇلۇغ ئانا؟!

     

    رىزقىڭغا ھالاللىق ئىزدىسەڭ ئەگەر،

    ئۆزگىنىڭ ئەجرىگە بولما تەمەگەر.

        بى مىھنەت شۇنچىلىك بولارمۇ قىممەت،

    سايدىكى تاشلارنىڭ بەرى بولسا زەر؟

     

    تىلەيسەن دوستۇڭدىن سەمىمىيەتنى،

    تىلەيدۇ ئۇ سەندىن خالس نىيەتنى.

       بېغىڭغا جۇت تەگسە، قوغدىماي تۇرۇپ،

        كۈتكىنىڭ نېمىسى شېرىن – شەربەتنى؟!

     

       مەيلىچە ھېچكىمنىڭ ئۆلگۈسى كەلمەس،

       تىرىكنىڭ جەننەتنى كۆرگۈسى كەلمەس.

      بولسا گەر شۇ جەننەت ئاخىرەتتە راست،

              موللىلار ھېچقانداق پايىندا يۈرمەس.

     

     راستتىنلا جەننەت بار دېسەڭ باقىيدا،

              تاۋۇتقا چىققىن تېز قالماي ئارقىدا.

     ئۆزگىنى جەننەتكە ئۈندەيسەن، بىراق،

    سەن يەنە يۈرۈيسەن پىنھان – دالىدا.

     

               كىيمىسەم بېشىمغا تومۇزدا كۇلا،

        دېدىڭسەن "باشتاقلىق بەك ئېغىر گۇناھ"

         تەر باسقان شۇ سەللەڭ ئەزىزمۇ باشتىن،

               ئەسلىدە قايسىنى ياراتقان خۇدا؟!

     

      ئۆلگەنلەر كەتتى، بىز يىغلىشىپ قالدۇق،

              ھەتتاكى مازارغا ئۇزىتىپ باردۇق.

       كەتكەنلەر كەتتى، بىز __ تىرىك قالغانلار،

     "ئۆلگەن" نىڭ ئىشىدىن نە ساۋاق ئالدۇق.

     

     نەپ دېسە توخۇدىن دان تىلەر دوستۇم،

    قىزارماي مۈشۈكتىن نان تىلەر دوستۇم.

               زامانە ئاخىردا پايدا بار دېسە،

    ھەتتاكى ئۈلۈكتىن جان تىلەر دوستىم.

     

    ئىتلارنىڭ چىشلىشى چىشىدىن مەلۇم،

    مەككارنىڭ ھىيلىسى ئىشىدىن مەلۇم.

       سىرتى گۈل، ئىچىدىن توڭگۇز ماڭارنىڭ،

      سەن كۈلسەڭ، يىغلىغان يېشىدىن مەلۇم.

     

       ئىنسانغا قىممەتتۇر ئىنسانلىق خىسلەت،

              ھايۋانىي قىلمىشلار ئادەمگە ئىللەت.

              تونۇماي يۈرسە گەر ئۆز نۇقسانىنى،

    يوقىلار تارىختىن شۇ نادان مىللەت.

     

              ئۆزىچە پۈتمەيدۇ ئىمارەت – بىنا،

    قانچىلىك ئادەمسەن، ئۆزۈڭنى سىنا.

      ۋە لېكىن قىلالماي ھىچقانداق ئىشنى،

               قويمىغىن قىلغاننىڭ پۇتىغا مىنا.

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-26 11:44:05]


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەمەل , مەرتىۋە , ئاۋام
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2010-9-25 12:19:51
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 170
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证